قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3831|ئىنكاس: 34
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن نېمىشقا يازىمەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

25

دوست

2638

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 98
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-6

تۆھپىكار ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-26 19:11:50 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
timg.jpg

مەن نېمىشقا يازىمەن؟
بۇمەريەم
(تەسىرات ماقالىسى ۋە كالتە يازما يېزىش تارىخىمنىڭ 10 يىللىقىغا)

   كىتاپ ئوقۇشنى تازا ئادەت قىلىپ كەتمىگەن كىشىلەر ھەركۈنى تېلېفوندىن بىر نەرسە ئوقۇيدۇ. ئوقۇش ئۈچۈن ياخشىراق-ھەقىقىيراق بىر نەرسە ئىزدەيدۇ. ئوقۇغۇدەك بىرەر نەرسە تېپىلمىغاندا بولسا يۇمۇرلارنى كۆرۈپ كۈلىدۇ. يۇمۇرلار تۈگىگەندە ئوقۇغۇدەك بىر نەرسە بارمىدۇ، دەپ مۇنبەرلەرنى ئاختۇرۇپ باقىدۇ. ئىستاستىكا ۋە سىناق ئارقىلىق مەلۇم بولدى. تونۇشلىرىم بىلەن دوستلىرىمنىڭ ئىچىدە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنىمۇ يۇماستىن بىرىنجى بولۇپ ئۈندىدارنىڭ چەمبىرىكىنى ئاقتۇرمايدىغاندىن بىر نەچچىسىلا باركەن. ئۈندىدار چەمبىرىكى ھاياتىمىزغا ئۇقەدەر سىڭىپ كەتكەنكى، تور بولمىسا چەمبىرەك يېڭىلانمىسا ئىچى سىقىلىپ تۇرالمايدىغانلار ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن. بىز بۇنى يوق قىلىۋېتەلەمدۇق؟ بۇنىڭ ئورنىغا يېڭىچە بىر نەرسە ئىجاد قىلالامدۇق؟ ئەگەر جاۋابىمىز «ياق» بولسا، بىزگە قىلىش كېرەك بولغان بىرلا ئىش قالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ،چەمبىرەكخۇمارلارنى ۋە مۇنبەرخۇمارلارنى نەپلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق خۇشاللىق تېپىش. ئۇلار ئوقۇۋاتقان بەزى كېرەكسىز ئۇچۇرلارنىڭ ئورنىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر ئالتېرناتىف سۇنۇش. تۇيغۇ- تەسىراتلىرىمىزنى، كۆرگەن- بىلگەنلىرىمىزنى، ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يېزىپ ئۇلارغا يەتكۈزۈش.
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىدار چەمبىرىكىدە ھەركۈنى يۈزلىگەن ئېلان، ئۇچۇر، ھېس- تۇيغۇلار، رەسىم- ۋېدىيولار، ماقالە- تەسىراتلار كېزىپ يۈرۈيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە ئۈندىدار سۇپىلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان نەسىھەتسىمان ماقالىلەر ياكى بولمىسا چەتئەللىكلەرنىڭ يۈكسەك ماددىي تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان خىيالى ماقالىلەر بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ئۇندىن قالسا يەنە مەلۇم نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان ئېلان- ئۇچۇر، يېگەن- ئىچكەن، ماڭغان- تۇرغان، ئالغان- ساتقانلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئېشىپ قالىدىغىنى سىڭىشلىك تەسىرات ماقالىلىرى. كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇنداق يازمىلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ چەمبىرەكتىن ئىزدەۋاتقىنى  دەل ئاشۇنداق يازمىلاردىكى تۇيغۇلار.
   چەمبىرەك قانداقتۇر، ئىلمىي،رەسمىي بىر يەر ئەمەس. ئۇ كۆڭۈل ئېچىش، ئىچى- پۇشىقىنى چىقىرىش، يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، باشقىلارنى چۈشىنىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بىر ئاممىۋىي سورۇن. شۇڭا ئۇ يەرگە تازا قاتۇرۇپ ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ يوللاپ، پۈتۈن ئادەملەرنى بىلىملىك قىلىۋېتىشنى كۆزلەشتىن بەكرەك، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان يەڭگىل، ھېسسى يازمىلارنىڭ يوللىنىشى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھېچ كىشى چەمبىرەككە بىلىملىك بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇغۇدەك بىرەر يەڭگىل نەرسە- ئۆزىگەتەسىر قىلغۇدەك ئىلھام بەرگۈدەك بىرەر ماقالە ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن كىرىدۇ.
   يازغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگىلا ئايان، يېزىش ھەرگىزمۇ قانداقتۇر ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش، بىرەر نەپكە ئېرىشىش ياكى بولمىسا يېزىپ تازا بىر داڭ قازىنىۋېلىش ئەمەس. چۈنكى يېزىش جەريانىدىكى ساپ تۇيغۇلار بۇ خىل مەقسەتلەردىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنداق نىشانلارنى كۆزلىگەن بىر كىشى تەبئىي ۋە ساپ نەرسىلەرنى يازالماي زورۇقۇپ قېلىپ يېرىم يولدا قىلىۋاتقان ئىشىدىن يالتىيىدۇ. شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن يازغاندا ئۆزۈمنى بىر ئوقۇرمەن سۈپىتىدە كۆرىمەن ۋە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، يازغانلىرىمنىڭ ئۆزۈمدىن ئىبارەت ئوقۇرمەننى زىرىكتۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىمەن. مېنىڭ يېزىش جەريانىم ماڭا نىسبەتەن بىر ئوقۇش جەريانىدىن ئىبارەت. ئوقۇغۇم كەلمىسە دەرھال قەلەمنى تاشلاپ يېزىشنى توختىتىمەن. (ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس، بەزىدە زېرىكىشلىك نەرسە يېزىپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. )
   يازغانلىرىمنى دوستلىرىمنىڭ ۋە تونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرغىنى، ماڭا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشى، چەمبىرەكتە بىر- بىرىگە تەۋسىيە قىلىشلىرى- باشتىكى «ئەجەبا مۇشۇنداق بىر نېمىلەرنى يېزىشلىرىم ۋاقىت ئىسراپچىلىقىمىدۇ» دېگەن دىلىغۇللۇقۇمنى پۈتۈنلەي تۈگەتتى. چۈنكى ھەر مالنىڭ بىر خېرىدارى بولغىنىدەك يازغانلىرىمنىڭمۇ ئەتىۋارلىغۇچىسى ۋە خېرىدارلىرى بارلىقىنى، مەلۇم كىشىلەرگە ياخشى تەسىرات بېغىشلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ يەكۈن قولىدا قەلەم تۇرىدىغانلىكى، جۈملە قۇرۇش ئىقتىدارى بارلىكى ھەرقانداق يازغان ئادەملەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. سىز مەيلى بىر جۈملە يېزىڭ ياكى بولمىسا تاقا- تۇقا جۈملىلەردىن تۈزۈلگەن بىر كالتە يازما يېزىڭ ياكى بولمىسا كۈلدۈرۈپ دومىلىتىۋېتىدىغان بىر نەرسە يېزىڭ ۋە ياكى قاتتىق ئىلمىي بىر ئەسەرنى يېزىڭ ھەممىسىنىڭلا خېرىدارى ۋە نەپلەنگۈچىلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىش مەن ئۈچۈن ھەم يەڭگىل ھەم ئاددىي ھەم مېنى خۇشال قىلىدىغان ئادەتلىرىمدىن بىرىگە ئايلىنىپ كەتكەچكە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمغا ھەرگىزمۇ ئەكىس تەسىر قىلمايدۇ. ئەكسىچە، يېزىش مەن ئۈچۈن چارچاشلىرىمنى سۆكۈپ تاشلايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ قالدى.
   مەن مەيلى ئوقۇپ كەلگۈسىدە كاتتا ئادەم بولۇپ كېتەي، مەيلى ئىلمىي خادىم بولۇپ كېتەي، مەيلى بىر ئىشسىز بولاي، مېنىڭ ئىشىنىدىغان بىر نەرسەم بار. ئۇ بولسىمۇ، يېزىشنى داۋام قىلىش. چۈنكى يېزىش مەن ئۈچۈن خۇددى يۈزىنى يۇيۇشقا ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ بولدى. مەيلى ھېكايە بولسۇن، مەيلى كالتە يازما بولسۇن، بۇندىن 10 يىل بۇرۇن يېزىپ يۈرگەن نېمىلىرىمنى ھازىر ئوقۇسام «توۋا، مۇشۇنداق سەۋىيەسىز نېمىلەرنى يېزىپ يۈرۈپتىكەنمەن» دەپ قالىمەن. بەلكى يەنە 10 يىل ئۆتسە ھازىر يازغانلىرىمدىن نومۇس قېلىشىم ئېنىق. بەلكى ھەممىلائادەمنىڭ 10 يىل ئىچىدە يېزىقچىلىقنى ئۆگىنىۋېلىشىمۇ ناتايىن. مەن بۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى تەلەيلىك دەپ ئويلايمەن. ئالىي مەكتەپتە پەرھات تۇرسۇن مۇئەللىم قاتارلىق يازغۇچىلاردىن بىۋاستە دەرس ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ چولتا ھېكايىلىرىمنى (پەرھات تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ تاينى يوق بىر ھېكايەمنى جۈملىمۇ جۈملە تۈزىتىپ، قانداق يېزىش ۋە جۈملىنى قانداق قۇرۇش ھەققىدە تەلىم بەرگىنىنى ئەسلا ئۇنتۇمايمەن) كىچىك پېئىللىق بىلەن زېرىكمەي تۈزىتىپ بېرىشىنى ۋە تۆۋەن كۆرمەي ئىلھاملاندۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كۆچۈش جەريانىدا سىلى ئىمزا قويۇپ بەرگەن ئىككى كىتاپلىرىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىچىم ئېچىشىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە مېنى ئىلھاملاندۇرىدىغان جۈملىلەر بار ئىدى)، ئابدۇسالام ئابدۇشۈكۈر نۇھ (بىر قاملاشمىغان ھېكايەمنى كىچىك پېئىللىك بىلەنتۈزىتىپ تېخىمۇ ياخشى يېزىشقا ئىلھام بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس)، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشلىرىغا ئېرىشىش، ئۇلار ئۈچۈن كىچىك، ئەمما مەن ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش ئىدى. بەلكى، شۇ چاغدا ئۇلار ماڭا «تېخىمۇ ياخشى يېزىڭ، ماۋۇ يەرنى مانداق قىلىڭ» دېيىشنىڭ ئورنىغا «بۇ بولماپتۇ» دەپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ قويغان بولسا مەن قەلەمنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىپ ھازىرغىچە ھېچنېمە يازماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. ھازىرمۇ دوستۇم نۇرۇنگۈلنىڭ (مىندانىڭ ئوقۇتقۇچىسى) ئەستايىدىل باھالاپ، پىكىر بېرىشى ھەردائىم مېنى تېخىمۇ ياخشى يېزىشقا ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. (چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى نورمالدىن ھالقىپ كەتكەن سەۋىيەلىك بىر ئوقۇرمەن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.)
   بۇ كىشىلەر بەلكى ئۇ ئىشلارنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەندۇ، بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانچىلىك بىر ئىش ئەمەستۇ، ئەمما مەن يېزىشنى بەك چوڭ بىلگەچكە يېزىش جەريانىدا ماڭا ئىلھام بەرگەن، يازغانلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە تۈزىتىپ ئۇستازلىق قىلغانلارنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايمەن. مەيلى قەيەرگە باراي، ئىچىمدە ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئۆزگىرىپ قالماي تۇرۇۋېرىدۇ.
   يېزىشنى توختاتماسلىقنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئەڭ خۇشاللىنارلىق يېرى «يېزىش ئادىتى» ۋە «جۈملە قۇرۇش» نى ئۆگىنىشىم بولدى. تۈركچە ئۇيغۇرچىغا تولىمۇ يېقىن بولغاچقا، ئەگەر مەن توختىماي ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسەم، توختىماي ئوقۇمىسام، توختىماي يازمىسام يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتسە ئانامنىڭ ماڭا ئۆگەتكەن تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ئەتراپىمدا بۇنداق ئىنسانلارنى دائىملا ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. شۇڭا  يېزىشنىڭ ماڭا نىسبەتەن يەنە بىر مۇھىم تەرىپى ئانا تىلىمنى ئىشلىتىش ۋە ئۇ ئارقىلىق تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلىيەلىگەن چېغىمدىكى يېقىملىقلىقتىن غۇرۇرلىنىش. بەزىدە ھېكايىلەرنى يازغاندا ئاپامنىڭ ئېغىزىدىكى زاغرا تىلنى ئىشلىتىۋېلىشتىن چەكسىز ھۇزۇر ئالىمەن . بۇ ئادىتىمنى يېزىش ئىقتىدارىم تۈگەپ كەتكۈچە يوقىتىپ قويغۇم يوق. يېزىشنى توختىتىپ قويمىساملا ئانا تىلىمنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەگەر يازمىساملا ئۇيغۇرچە سۆزلىسەممۇ ۋە ئوقۇيالىساممۇ خۇددى تىلىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىمگە چۆكۈۋالىدۇ.
   2006- يىلى شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا بىر ماقالەم ئېلان قىلىندى. كاتتا ماقالە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىمەن «كاتتا» يەردە- بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن. ئۇ ماقالە ئەۋەتىلگەن ئاينىڭ ئۆزىدىلا بېسىلدى. ئەگەر ئۇ ماقالىنى شىنجاڭدىكى بىرەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەۋەتكەن بولغان باستۇرۇلۇپ قويۇلۇشى ئېنىق ئىدى.
   2008- يىلى شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدا بىر ھېكايەم چىقتى. ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس، جۈملىلەر پۈتۈنلەي «قالتىس ئەدەبىي»قىلىپ تەھرىرلىنىپ، ھېكايىنىڭ ماڭا خاس تەبئىي پۇرىقى، زاغرا تىللىق ئالاھىدىلىكى پۈتۈنلەي يوقىغان ئىدى. ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەرەپچە دەبدەبىلىك سۆزلەرگە ئورنىنى بوشاتقان ئىدى. تەبئىي ئۆتۈش شەكلىممۇ خۇددى خىزمەت دوكلاتىغا ئوخشاش «ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى:» دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇلغان ئىدى.
   شۇندىن بېرى ھېچقانداق بىر ژۇرنالغا ئەسەر بەرمىدىم. تەييار تور، مۇنبەرلەر تۇرسا، يەنىلا ئوقۇيدىغان ئادەم چىقىۋاتسا «ژۇرنالغا ماقالەم چىقتى» دەپ داڭلىنىۋېلىش ئۈچۈن چىقىرامدىم ياكى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟ (ژۇرنالدا ئەسەر چىقىرىدىغانلار ئۆزىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ. بەزى ژۇرناللار ئاللىبۇرۇن ئۇنۋان ئالىدىغانلارنىڭ قۇرۇق گەپ بىلەن تولغان ماقالىسىنى باسىدىغان سامانلىققا، بەزىلىرى بولسا تەشۋىقات ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ) مەن بۇنداق مەزگىلىمدىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتىم. ھازىر مېنى خۇشال قىلىدىغان نەرسىلەر بۇ خىل «نەتىجىلەر» ئەمەس. چۈنكى يېزىش ھازىر مەن ئۈچۈن 10 يىل بۇرۇنقىدەك «يازغۇچى بولۇش» نى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان بىر ئىش ئەمەس.
   ئەگەر ھازىر بىرى مەندىن نېمىشقا يازىسەن؟، دەپ سورىسا مەن قىلچە ئىككىلەنمەي «تېخىمۇ ياخشى يېزىش ئۈچۈن» دەپ جاۋاپ بېرىمەن.

bagdax

14

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3144
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-26 21:52:30 |ئايرىم كۆرۈش
داۋاملىق يېزىڭ

1

تېما

0

دوست

1688

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21612
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-3
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-26 21:54:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل تىما،  ئېسىل  مەزمۇن،   تەشەككۇرلەر بولسۇن ،   ھارماڭ

10

تېما

0

دوست

688

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67127
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 212
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-30
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-26 22:04:24 |ئايرىم كۆرۈش
ئەقلىي يانفونلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان مۇشۇنداق پەيتتە نەق گەپنى قىلىپسىز... ساقلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە.
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن...
bagdax

0

تېما

0

دوست

666

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36034
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-17
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-27 00:11:35 |ئايرىم كۆرۈش
سالام سىڭلىم؟
«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ھېكايىڭىزنى مەن ئوقۇغان، ھېكايە شۇنچىلىك ئېسىل چىقىپتىكەن...
بىر نەچچە ئاي بۇرۇن سىزنى بۇ مۇنبەردە ئۇچرىتىپ «بۇمەريەم سۇلتان بىلىگنۇر شۇمىدۇ؟» دېگەن خىيال لىپپىدە كاللامدىن كەچكەنىدى...
بۇ يازمىڭىزمۇ سەمىمىي چىقىپتۇ...
ئىشىلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

0

تېما

0

دوست

206

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  71829
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-27 00:35:07 |ئايرىم كۆرۈش
بەرھەق  بەرھەق

0

تېما

1

دوست

917

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55076
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-27 00:55:16 |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت

0

تېما

1

دوست

838

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66772
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-27 08:03:50 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز مەن سىزنىڭ يازمىللىرڭىزنى توختىماي ئوقۇيمەن بىرنىمۇ چالا قويماي ئوقۇيمەن شۇڭلاشقا توختىماي يېزىڭ تۈنۈگۈنكى تىمىڭىزدىكىدەك ھېلقى ئەر كىشنىڭ تاسمىللىرى نىم دەپ قاۋسا كارىڭىز بولماي يېزىۋىرىڭ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )