قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 8056|ئىنكاس: 47
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى زادى كىم يازغان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

6

دوست

4269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 527
تۆھپە : 1006
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-12 16:53:21 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

«ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى زادى كىم يازغان؟
ئاپتور: ئىسكەندەر جېلىل
(قومۇل تارانچىدىن)

    خەلق ئىچىدە تارقىلىۋاتقان نۇرغۇن ناخشىلارنى ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر ئىجاد قىلغان، لېكىن ناخشا ئوموملىشىپ، ئۇنىڭ ئىجاتكارىنىڭ نامى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تىلغا ئېلىنمىغاچقا، بۇ ناخشىلار ئومومەن خەلق ناخشىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
    يېقىندا، خوتەندىكى بەزى پىدائىيلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، «ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىكىنى يازغان شائىر ئابدۇغېنى سېيىت ئاكىمىز بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ھېكايە قىلىدۇ:

    1969-يىلى 11-ئايدا، ئابدۇغېنى سېيىت ئاكا گۇما ناھىيەسى قوشتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى خېلى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ليۇ شاۋچى، دىڭ شاۋپىڭ قاتارلىقلارنى ئەكسىلئىنقىلابچى، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئىدى. ئابدۇغېنى سېيت ئاكىنىڭ قەلىمى كۈچلۈك، ئاۋازى ياڭراق بولغاچقا، كۆپىنچە يىغىنلاردا شۇئار توۋلاش ئۈچۈن چىقىرىپ قويۇلاتتى. بىر قېتىملىق چوڭ پىپەن قىلىش يىغىنىدا، قەغەزچىگە يېزىلغان ياشىسۇن، يوقالسۇن دېگەن شۇئارلار ئارىلاش كەلگەچكە، ئابدۇغېنى ئاكا «يوقالسۇن ليۇشاۋچى» دېگەن شۇئارنى بىخەستەنلىكتىن «ياشىسۇن ليۇشاۋچى» دەپ توۋلاپ سالغانلىقى ئۈچۈن، «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق كەيدۈرۈلۈپ، مائاش تەمىناتى توختىتىلىپ، قوشتاغ يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە چۈشۈرۈلدى. بۇ جەرياندا، ئابدۇغېنى ئاكا كۆپ جاپارلارنى چەكتى.

    1970-يىلى ئەتىياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئابدۇغېنى ئاكا قاراسۇ كەنتىدىكى ئۆستەڭ بويىدا ئەمگەك قىلىۋېتىپ، بىر قارچۇغىنىڭ ئۇچۇپ كەلگىنىچە بىر ياۋا توشقاننى قوغلاپ، چاتقاللىققا يۇپۇرۇپ ئەكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ۋەقە ئابدۇغېنى ئاكىنىڭ غېرىبلىكى بىلەن بىرلىشىپ، ئىچىنى بىر خىل پىغان تۇتىدۇ، دەرد ئەلىمى ۋە ئىلھاملىرىنى قەغەزگە تۆكۈشكە ئادەتلەنگەن ئابدۇغېنى ئاكا دەرھال يانچۇقىغا سېلىۋالغان قەغەز ۋە قەلەمنى ئېلىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى يازىدۇ:
    لاچىن سوققان توشقاننىڭ، جاڭگالدا ئۇۋاسى بار،
    مەن غېرىپ مۇساپىرنىڭ بۇ يەردە نېمەسى بار؟
    ئاتامغا نېمە دەپ يىغلاي، ئانامغا نېمە دەپ يىغلاي،
    ئېتىڭنىڭ ئالدىدىن ئاشقان ساماندەك سارغىيىپ يىغلاي.
    ..................................................
    .....................................................
    ئابدۇغېنى ئاكا بۇ شېئىرنى ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سېلىپ، شۇ پېتى ساقلاپ قويىدۇ.

    1972-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، ئابدۇغېنى ئاكىنىڭ نامى ئاقلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. 1976-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، گۇما ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىگە كەسپىي يازغۇچى بولۇپ يۆتكەلىدۇ. 1977-يىلى ئەتيازدا خوتەن ۋىلايىتىدە ئىمىن راشىدىن يازغان «ئادارگۈل» ناملىق دراممىنى سەھنىلەشتۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭغا ئابدۇغېنى ئاكىمۇ گۇمىدىن ئالاھىدە كېلىپ قاتنىشىدۇ. دراممىدا ئادارگۈل بىلەن توختىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلىنەتتى، لېكىن بۇ دراممىغا توختىنىڭ غېرىپ- مىسكىننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ناخشا تېكىستى لازىم بولۇپ قالغان ئىدى. يىغىندا نۇرغۇن شائىرلار نەق مەيداندا شېئىر يېزىپ باقتى، بەزەنلەر بىر قىسىم شېئىرلارنى تەۋسىيە قىلدى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى توختىنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىدى.
    ئابدۇغېنى ئاكا ئۆزىنىڭ خاتىرىسىنى ئاختۇرىۋىدى، 70-يىلى باھاردا يازغان ھېلىقى شېئىر قولىغا چىقىپ قالدى. بۇ شئېىرنى رەھبەرلەر كۆرگەندىن كېيىن، ھەممىسى ياقتۇرۇپ قېلىپ، دراممىدىكى توختىنىڭ مىسكىنلىك باسقان ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغانغا دەل چۈشىدۇ دەپ قاراپ، شۇ شېئىرنى تاللىدى.
    كېيىن، بۇ شېئىرغا شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى بەكرى توختى مۇزىكا ئىشلەپ، ھازىرقى «ئادارگۈل» دېگەن ناخشا مەيدانغا كەلدى.
    شۇڭا بۇ ناخشىنىڭ شېئىرىنى ئابدۇغېنى سېيتنىڭ، مۇزىكىسىنى بەكرى توختىنىڭ دەپ ئېلىشقا بولىدۇ.
    ئابدۇغېنى سېيت ئاكا 1942-يىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدا تۇغۇلغان، ھازىر 74 ياشتا، ئۆيى خوتەن شەھىرىدە، پىنسىيونىر، تېنى ساغلام، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى كۈچلۈك، ئۆزى جۇشقۇن، ھازىرمۇ ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىق، ئەدەبىيات سەنئەت تەتقىقاتى ۋە پىدائىيلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانماقتا. شىنجاڭ ئون يۈەن مېھرىبانلىق فۇندى خوتەن پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى.

IMG_1330.JPG


سۈرەتتە: ئابدۇغېنى سېيت ئاكا


IMG_1630.JPG


سۈرەتتە: ئابدۇغېنى سېيت ئاكا


IMG_1615.JPG


سۈرەتتە: ئابدۇغېنى سېيت ئاكا بىلەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى پىكىرلەشمەكتە

bagdax

1

تېما

0

دوست

2377

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-12 18:09:57 |ئايرىم كۆرۈش
مەزمۇنى بەك چوڭقۇر مۇڭلۇق ناخشىلار بۇ ، ھازىرقى يىپەك يولى ساداسىدىكى نۇرغۇن ناخشىلارنى ئادەمنىڭ ئاڭلىغۇسىمۇ كەلمەيدۇ ، ياكى ئاڭلىسىمۇ 5 مىنۇتتىن كېيىنلا ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئادەمنىڭ يۈرىكىدىن چىققان شېئىر بىلەن زورىغا يېزىلغان شېئىر  تېكىستىنىڭ مەزمۇنى ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدۇ . بۇ ئاكىمىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

1

تېما

5

دوست

6249

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1922
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-12 21:24:49 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-12 21:32  

غەرىپلىكلەر نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ناخشا، مۇزىكىنىڭ ئاپتورلىرىنى بىلىدۇ. بىز بولساق خەلقنىڭ دەپلا گەپنى ئۈزىمىز. نەدە شۇنداق خەلقنىڭ ئوپچە ناخشا ئىجات قىلغىنى بار؟ لېكىن ئەڭ ئەجەپلىنەرلىكى بۇ ناخشىنىڭ ئاپتورلىرى ھايات تۇرۇپ مۇشۇ كەمگىچە ‹‹خەلقنىڭ ›› ئاتىلىپ قالغانلىقى.

‹‹چولپان››لىرىمىز چولپان چۈشىدە ھەقىقى ئىجاتچىلارنى تىلغا ئالمايدۇ. ‹‹چولپان ››بولغاندىن كېيىن ، ئىجادى ناخشىلار يوق خەقنىڭكىنى ئارىيەتكە ئېلىپ، ئىجات قىلىدۇ. يىللاردىن كېيىن بۇمۇ تور دۇنياسىنىڭ ئاسىيلىقىدىن پاش بولۇپ قالىدۇ.

نۇرغۇن ئېسىل ناخشىلار بار. ئورۇنلىغۇچى مەلۇم، ئىجاتچىسى نامەلۇم(نامەلۇم ئەمەس، بىز بىلىشكە ئامالسىز).  بۇنى تۇزكورلۇق دىسەك ئەڭ لىللا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزدىكى ھەقىقى چولپان قېنى؟ يوق!

ئەمدى ‹‹گاچىلار››لا ئىجات قىلماي ، سۆزلەيدىغانلارمۇ ئىجات قىلسا بوپتىكەن!

بۇ تېما ‹‹خەلق ناخشىسى›› نىڭ ھەقىقى ئاپتورلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ باشلىنىشى(بەلكىم بۇرۇن باشلانغان بولىشى مۇمكىن) بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن! تېما ئىگىسى مۇھىم بوشلۇقنى كۆرۈپ يېتىپتۇ، رەھمەت!

3

تېما

0

دوست

6474

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5969
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 1600
توردىكى ۋاقتى: 778
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-12 22:04:36 |ئايرىم كۆرۈش
ياراتقۇچىنى تونۇشنىڭ يولىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
bagdax

2

تېما

10

دوست

7846

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2410
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-13 11:28:18 |ئايرىم كۆرۈش
تېخى بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى خەلقنىڭمىكى، دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم! بۇ ماقالىنى گېزىتكە بەرسە بولامدۇ-نېمە؟

2

تېما

10

دوست

7846

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2410
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-13 17:17:01 |ئايرىم كۆرۈش
dadangkaldi يوللىغان ۋاقتى  2016-7-13 15:27
بۇ ئ‍ادەم ياش چىغىدىمۇ ھازىرقىدەك ئ‍ارىلاپ- ئ‍ارىلاپ خ ...

خاتا بىزنى تۈگەتكىچە بىز خاتالىرىمىزنى تۈگىتىشىمىز لازىم ئىكەن جۇمۇسىلا

4

تېما

0

دوست

487

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69749
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-31
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-13 20:31:52 |ئايرىم كۆرۈش
ئىجادكارلارمۇ، خەلىق تەرىپىدىن ‹كاپىراتسىيەلىشىپ› ئومۇمغا تەۋە بولۇپ كىتىپ قالغان ئىجادلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىككى ئىلىك نامىلەر بىلەن ئۇقتۇرۇپ تۇرسا تېخىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى.

1

تېما

6

دوست

1200

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25733
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-7-13 23:41:05 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنىڭدىن ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن ‹‹ بىزنىڭ ناخشىمىز ›› دېگەن ناخشىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقوقى مەسلىسىدە بەزىلەر سوتقا چۈشۈپتىكەنمىش ، مۇشۇ ناخشىلارنىڭ ئاپتورلىرىنى تۇللۇق خاتىرلەپ ماڭغاندا  بەزى خەلىق ناخشىلىرمىزنىڭ قانچىلىك تارخىقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايتتۇق ئاندىن ئۇنى سېمفونىيەلەشتۈرۈپ خەلىقئاراغا يۈزلەندۈرەلەيتتۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )