سەن ئېسىمگە يادىكار قالغان بىسات يارغۇنچىقىم، ئاقسۈزۈكنىڭ يارمىسى خۇددى ناۋات، يارغۇنچىقىم.
شۈمۈكىڭنى چۆرگىلەپ ئۇچماقنى ئەتسەڭ ئىختىيار، جان ئانامنىڭ قوللىرى بولغان قانات، يارغۇنچىقىم.
ئايدىڭىم ئايدىڭ تېخى، چۆچەكلىرىمگە سەن گۇۋاھ، شەھرى باغدادتىن كېلۇرمۇ شەھرىزات، يارغۇنچىقىم؟
پىل چىشىدەك دانە-دانە تەندە جاننىڭ يارمىسى، قان بىلەن روھىمغا سەن بەرگەن سۇبات، يارغۇنچىقىم.
بىر تېشىڭ مەزلۇم ئانامدى، بىر تېشىڭدى جان ئاتام، جۈپتى يوق تاشتۇر يېتىم ئۆتكەن ھايات، يارغۇنچىقىم.
يەر بىلەن ئاسماننى جۈپلەپ مەن ساڭا قىلدىم قىياس، ناتىۋان رىشتەمنى چاتتىم قاتمۇقات، يارغۇنچىقىم.
قۇشمىكىن، يارگۈلمىكىن ئۇچقان بېشىمدا چۆرگىلەپ، مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگەي ھەردەم مامات، يارغۇنچىقىم.
ئۈگۈتۈم-غەم، تارتقىلى خورجۇنلىرىمدا لىقمۇلىق، مەن يېتىملار روھىغا قالغان زاكات، يارغۇنچىقىم.
ئېزىلەرمەن يارمىدەك، ئاندىن كېتۇرمەن بىر يولى، بولمىغان دۇنيا قېنى كىمگە رابات، يارغۇنچىقىم؟
2015-يىلى، 2-ئاي، يېڭىسار. |