- تىزىملاتقان
- 2016-6-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-1-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3342
- نادىر
- 0
- يازما
- 358
ئۆسۈش
44.73%
|
sawda571 يوللىغان ۋاقتى 2016-8-16 00:02
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .
تىمىدا چىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ئ ...
يازمىڭىزدىن ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشسام:
1.مۇھەممەت بەشىر چىڭۋاڭنىڭ بەي يەنخۇنى قوللىمىغانلىقى قالتىس دانالىق.لېكىن بۇ يەردە گۇمانلىق سوئاللىرىم پەيدا بولدى. ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش؟؟ نېمە ئۈچۈن كۆتۈرگۈدەك؟؟ يىراق شەنشىدىن قېچىپ كەلگەن بەي يەنخۇ بىلەن نېمە كارى؟؟ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولىدىغاندۇ؟؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇمۇلنى ۋاڭ سوراۋاتسا، ۋاڭ بىر چەتتە قېلىپ پۇقرالار ئۆز ئالدىغا قوزغىلاڭ كۆتۈرەمدۇ؟؟ ۋاڭ ئەجىبا پۇقرالىرىنىڭ مۇشۇنچىۋالا باشباشتاقلىقىغا قاراپ تۇرامدۇ؟؟
2.مۇھەممەت بەشىر ۋاڭ يوشۇرۇنۇۋېلىپ؟؟ نەگە يوشۇرۇنىدۇ؟؟ نېمىشقا يوشۇرۇنىدۇ؟؟ قولىدا شۇنچە ئەسكەر،خەزىنە بار بىر يۇرتنىڭ بېشى تۇرۇغلۇق ئادەم ساراڭمۇ يوشۇرۇنۇۋېلىپ؟؟
3. قېچىپ كەلگەن بىر توپ گېزەندى مالىمانچىلارنى ئەسكەر چىقىرىپ توسۇشنى،تەۋەلىكىدىن قوغلىۋېتىشنى قۇمۇل ۋاڭى بىلمەمدۇ؟؟
4.خەلقىم ئۆلمىسۇن،مەن ئۆلەي؟؟ بۇ راسىت بولغان ئىشمۇ؟؟ شۇنداق بولسا بۇ ۋاڭ دەل ئۇچىغا چىققان ئىقتىدارسىز،كالۋا ئادەمكەن! ئۇ ئەخمەقمۇ؟؟ بۇ خۇيزۇ توپىلاڭچىلارلا بولىدىكەن،خەلقىگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنمۇ؟؟ شۇ گېپىگە راسىت ئىشىنىپ ئۆز كاللىسىنى ئۆز پۇتى بىلەن ئاپىرىپ بەرگەنمۇ؟؟ ئۇ نېمىشقا پۇقرالىرىنى توپلاپ ئۆلسىمۇ ئۇرۇشۇپ ئۆلمەيدۇ؟؟
5. بۇ توپىلاڭچىلار قۇمۇلدىن تاكى ئۈچتۇرپانغىچە بېرىپتۇ.يولدىكى خەلق مال-چارۋىمۇ؟؟ ياتلار بېسىپ كېلىپ ۋەيران قىلسا پەقەت يىغا-زارە قىلىش ۋە جان ئەپقېچىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان؟؟ يۇرتىنى،ئۆيىنى بېسىۋالسا جاڭگالدا توپا يەمدۇ؟؟قېچىپ نەگە بارىدۇ؟؟ ئۇلار بۇنى ئويلىمامدۇ؟؟ نېمىشقا قارشىلىق كۆرسەتمىگەن؟؟ قوينىڭ گېلىغا پىچاق سۈرسە جېنىدا تىركىشىشنى بىلىدۇ!!
6. شۇنچە كۆپ توپىلاڭچىدىن خەلقنى بىر قۇمۇل ۋاڭى ئۆزى يالغۇز قوغدامدۇ؟؟ نەچچە تۈمەن خەلق، بىزنى قىرسا ئولتۇرۇپ ئۆلۈمىمىزنى كۈتەيلى دېمەيدىغاندۇ؟؟ ئۆزىنىڭ باشلىقىنى ئۆلتۈرىمەن دەۋاتسا قوزغالماي يەم كۆشەيدىغان كالىدەك بېزىرىپ تۇرغانما؟؟
7. قىرغىز-قازاق چېگرىسىغا قېچىپتۇ.نېمىشقا سەن نەدىن كەلگەن نېمە؟؟ يۇرتىمىزدا پوق بارمۇ؟؟ نېمىش قىلىسەن دەپ سۈرۈشتۈرمىگەنمۇ،توسمىغانمۇ چەتئەللىكلەر؟؟ شۇنچە كۆپ قاچاق،سەرگەرداننى مېھمان كۈتكەندەك قارشى ئالغانمۇ؟؟
ئىشقىلىپ، يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى ئوقۇسام ھەيران قالىمەن.
|
|