قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1163|ئىنكاس: 1

ئۆزتۈر كارخانا مەسلىھەتچىلىكى: غەلبە قىلغۇچى ۋە مەغلۇپ بولغۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

139

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   46.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72043
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-18 17:26:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سېتىش جەريانىدا، ساتقۇچى خادىم ھەرخىل رەت قىلىشلارغا ئۇچىرايدۇ. بۇنداق رەت قىلىشلارغا نىسبەتەن ساتقۇچى خىلمۇ-خىل پوزىتسىيىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئىككى خىل ئوخشاشمىغان نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ.
    ئادەمنىڭ مېڭىسى«ئىدىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت»، بىرناھايىتى ئالدىراش بولغان، ھەركۈنى سانسىزلىغان ئىدىيىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت. بۇ زاۋۇتقا مۇنداق ئىككى ئىش بېشى مەسئۇل بولىدۇ: بىرى غەلبە قىلغۇچى، يەنە بىرى مەغلۇپ بولغۇچى.

    غەلبە قىلغۇچى ئاكتىپ ئېنىرگىينىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا مەسئۇل. مەغلۇپ بولغۇچى پاسسىپ ئېنىرگىيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا مەسئۇل. بۇلار ناھايىتى گەپ ئاڭلايدۇ سىز پەقەت ئازىراق ئۇچۇر بەرسىڭىزلا، ئۇلار دەرھال ھەركەتلىنىدۇ. بۇئىككى ئىش بېشىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ ناھايىتى ئاسان، سىز ئەگەر« بۈگۈن بەك ئىچىنىشلىق كۈن بولدى» دىسىڭىز مەغلۇپ بولغۇچى سىزگە شۇ كۈندىكى سىزنىڭ بەك ئىسسىپ كەتكەن ياكى توڭلاپ كەتكەن ۋاقتىڭىزنى، باشقىلارنىڭ سىزنى رەت قىلغان ۋاقىتلىرىنى، ئاغرىپ قالغىنىڭىزنى، سودىڭىزنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقىنىنى...دەرھاللا سىزگە ئەكىس ئەتتۈرۈپ، سىزنىڭ ئويىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
غەلبە قىلغۇچىمۇ«سىز شۇ كۈننى ياخشى ئۆتكۈزگەن كۈن بولدى» دەپ ئويلىسىڭىز، شۇ ھامان، ياخشى ھاۋا، ياخشى كەيپىيات، ياخشى سودا قاتارلىقلارنى سىزگە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.

    ئەگەر سىز مەغلۇپ بولغۇچىغا بەك كۆپ ئۇچۇر بىرىۋەتسىڭىز ئۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مېڭىڭىزدە كۆپ ئورۇننى ئىگەللەيدۇ ھەتتە غەلبە قىلغۇچىنى چىقىرىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق ئىدىيىلەر پاسسىپ بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىز مەغلۇپ بولغۇچىغا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكىڭىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا مېڭىڭىزدە پەقەت غەلبە قىلغۇچى ئاكتىپ ئىدىيىنىلا ئىشلەپچىقىرىدۇ.

    بىر مال ساتقۇچى بىر كۈندە 100 خېرىدار بىلەن ئۇچراشسا، بەلكىم %90 خېرىدارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ، بۇ ئەگەر ئىرادىسى ئاجىز مال ساتقۇچى بولسا ئۇنىڭ كاللىسىدا %90 خېرىدارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان مەغلۇپ بۇلۇش ئىدىيىسى شەكىللىنىدۇ-دە، مەھسۇلاتىنى داۋاملىق سېتىشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزىدۇ. ئەگەربۇ ئىرادىسى كۈچلۈك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مال ساتقۇچى بولساھەرگىزمۇ %90 خېرىدارنى ئەمەس بەلكى%10 خېرىدارنىڭ ئۆزىنى قۇبۇل قىلغىنىنى ئويلاپ، ئۆزىنى بىر غەلبەقىلغۇچى ھېساپلايدۇ.

    ئۆزتۈر پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى
    ئۆزتۈر كارخانا مەسلىھەتچىلىكى                                   

bagdax

0

تېما

6

دوست

2959

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 810
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-19

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-20 15:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق   تىممىلا بولسا ...  ئۇقۇپ  زىركمسەم .  دوسلىرمغا  سۆزلەپ  بەرسەم   ئۇلارمۇ زىركمىسە ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )