- تىزىملاتقان
- 2016-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 696
- نادىر
- 0
- يازما
- 43
ئۆسۈش
39.2%
|
دۇنيادا ئۇچار تەخسىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھازىرغا قەدەر يېشىلمىگەن بىر سىردۇر. لېكىن ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىدىكى ئۇچار تەخسە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسىلىھەتچىسى تىمۇس گۇدې يېقىندا ئۆزى يازغان كىتابىدا ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى سىرلارنى ئامېرىكىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان يۇشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئون قېتىم يۈز بەرگەن.
1947-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى روسۋېلدا ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن تاراتقۇلاردا بىر گاز شارىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە قىسقىغىنە بىر بايانات ئېلان قىلغان.
ۋەھالەنكى گۇدېنىڭ «جەزمەن بىلىش كېرەك»ناملىق يېڭى كىتابىدا، بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۇشۇرۇپ قېلىنغان ئۇچار تەخسە ھادىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
گۇدېنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-ۋە50-يىللىرىدا يەنى ئالىملار ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا باشلىغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. «شەك-شۈبھېسىزكى، يەرشارىدا ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلىنىشى تاشقى پلانېتتىكىلەرنىڭ يەرشارىغا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتكەن.
ئۇچار تەخسە بۆلۈمچىسىنىڭ كۇنۇپكىسى بېسىلىپ كېتىپ، ئىشىك ئېچىلىپ كەتكەن.
بۇ كىتابتا ئاشكارىلىنىشىچە، 1950-يىلى ئامېرىكىلىق مۇخبىر فرانك سىكول بىر قېتىملىق ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى زىيارەت قىلغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئامېرىكا ھەربىي ئاخبارات خادىمىنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىگە ئاساسلانغاندا، چۈشۈپ كەتكەن ئۇچار تەخسىنىڭ دىيامېتىرى 100 ئىنگلىز چېسى كېلىدىكەن. «ئۇچار تەخسىدە غايەت زور مېتال ھالقا بولۇپ، مەركىزى ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنەتتى. ئۇچار تەخسىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن قالپاقلىق مىخ، بورما مىخ ياكى كەپشەرلەنگەن ئىزنانى ئۇچراتقىلى بولمايتتى.
ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر ئۇزۇنراق كەلگەن تاياقنى چۈشۈپ كەتكەن ئۇچار تەخسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تۈشۈكتىن ئىچىگە تىقىپ باققان. بۇنىڭ بىلەن بىر كۇنۇپكا بېسىلىپ كېتىپ ئۇچار تەخسە بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كەتكەن. تەكشۈرگۈچى خادىملار ئۇچار تەخسىدە بويى بىر مېترغىمۇ يەتمەيدىغان تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ 16 جەسىتىنى بايقىغان.
ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىمنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش
ئۇچار تەخسىنى تەتقىق قىلىش مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا ئاممىۋى قۇرۇلۇش پىروفېسسورى جامېس خاردىرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 1941-يىلى يېڭى مېكسىكا شىتاتى ئەتراپىدىكى سونوران قوملۇقىدا يۈزبەرگەن ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىنى يوشۇرغان. جامېس خاردىرنىڭ بۇنىڭغا ئائىت يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتى بار ئىكەن.
خاردىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلى بىلەن پاراڭلاشقان بولۇپ، بۇ ئەمەلدار چۈشۈپ كەتكەن ئۇچار تەخسىنى ئىزدەپ تېپىشقا ياردەملەشكەن ھەم ئۇچار تەخسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆرسەتكەن.
بۇ ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە گەرچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاران ئون ياش بولسىمۇ، ئەمما دادىسىنىڭ قولىدىكى رەسىمدىن بويى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان تاشقى پېلانېتا ئادەملىرىنىڭ جەسىتىنى ئېنىق كۆرگەن.
ئۆزكۆزى بىلەن تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ جەسىتىنى كۆرۈش
مەزكۇر كىتابتا ئاشكارىلىنىشىچە، 1953-يىلى بىر ئۇچار تەخسە ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدىكى كىڭمان شەھىرى ئەتراپىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.
1974-يىلى ئۇچار تەخسىنى تەتقىق قىلىش مۇتەخەسسىسى رايموند فۇللېر ھاۋا ئارمىيەسىدىكى سابىق ئىنژىنېرنى قەسەم سۆزى يېزىپ بېرىشكە قايىل قىلىش ئارقىلىق شۇ قېتىملىق ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئىنژىنېر قەسەم سۆزىدە فىبېرتىز ۋېينو دېگەن ياسالما ئىسىمنى قوللانغان بولۇپ، ئەسلى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئارتور سىتەيىن سېرىل ئىكەن.
سېتەيىن سېرىلنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، چۈشۈپ كەتكەن ئۇچار تەخسىدىكى تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ بويى 1.2مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى قولىقى، ئىككى كۆزى، بىر ئاغزى بار ئىكەن. ئۈستىگە كۆمۈش رەڭلىك مېتال كېيىم، بېشىغا كۈمۈش رەڭلىك مېتال قالپاق كېيىۋالغانىكەن.
ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنى قۇرال بىلەن قوغلىۋەتكەن.
1965-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، پىنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ كېك مايرىستا نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەر بىر قېتىملىق ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى كۆرگەن. ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى رومانىسكىي بۇيرۇققا بىنائەن ئوت ئۆچۈرۈشكە بارغان. ئۇ ئۇچار تەخسىنىڭ رەڭگىنىڭ مىسنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۈستىدە ھېچقانداق دېرىزە، ئىشىك ياكى يۇچۇقنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇچار تەخسىنىڭ سىرتىغا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تەسۋىرى يېزىقىغا ئوخشايدىغان يېزىق ئۇيۇلغانلىقىنى كۆرگەن. بىراق، كېيىن بىر نەچچە ئامېرىكا ئەسكىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنى دەرھال قۇرال بىلەن قوغلىۋەتكەن.
بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇشۇرغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچار تەخسە ۋەقەسى ئەمەس، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىس خېيىكنىڭ ئېيتىشىچە، 1974-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى كورتلاند ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى غايەت زور ئېلېكتىرور ماگنىت ئېنېرگىيەسى قۇيۇپ بېرىش مەيدانىنى سۈررەتكە ئېلىۋالغان. كېيىن دىيامېتىرى 60 ئىنگىلىز مىلى كېلىدىغان يومىلاق مېتال جىسىمنى قوغلاپ تاپقان. خېيىك بۇنىڭغا ئائىت سىرلاردىن خەۋەلەنگەن، ئەمما بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەمەلدارى ئۇنى بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئاگاھلاندۇرغان.
مەنبە: «بىلىم-كۈچ» ژورنىلىدىن ئېلىندى
|
|