قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1279|ئىنكاس: 2

ئەخەت تۇردى: يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  76772
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-21 09:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت مەركىزىگە چىقىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2 - قارارلىق ئەدىبلەر كۇرسىدا «يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن تېمىدا  لېكسىيە سۆزلىدى.
لېكسىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:  1958-يىلى تۇنجى ھېكايەم ئېلان قىلىنغان. ھازىر 58 يىل بوپتۇ. پەقەت ئىجادىيەت سېپىگە بالدۇرراق كىرگەنلىكىم، ئىجادىيەت كەچۈرمىشلىرىم كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يەردە لېكسىيە سۆزلەپ تۇرۇپتىمەن.


ي    ازغۇچى، شائىر - خەلق ۋە مىللەتكە نىسبەتەن بەكمۇ چوڭ نام. يازغۇچىلارنىڭ ئەمگىكى خەلققە مەنىۋىي ئوزۇق بېرىدۇ. شۇڭا خەلق ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەدىرلەيدۇ.  ئۇلار ناتونۇش جايلارغا بارسىمۇ، يەرلىك خەلق ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتىرىدۇ.
يازغۇچى، شائىرلاردا مۇشۇنداق شەرەپكە لايىق ئېغىر مەسئۇلىيەت بار. ئۇلار خەلقنىڭ ئويغاق ئادەملىرى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يولباشچىلىرى. شۇڭا يازغۇچى، شائىرلار خەلقنى يېتەكلەش، ئويغىتىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى، توختاۋسىز كۈرەش قىلىشى كېرەك.
يازغۇچى، شائىردا 3 نەرسە كەم بولسا بولمايدۇ. بۇلار تالانت، جۈرئەت ۋە بىلىمدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ قايسىبىرى كەم بولسا، يازغۇچى، شائىر دىگەن ئاتاققا مۇناسىپ ئادەم بولغىلى بولمايدۇ.


    1. تالانت: تالانت خېمىر يۇغۇرغاندا سېلىشقا تېگىشلىك بولغان خېمىرتۇرچقا ئوخشايدۇ. بۇ خېمىرتۇرچ بولمىسا، ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرگىلى بولمايدۇ. گوركىي «تالانت ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇ يانغىنغا ئايلىنىشىمۇ ياكى ئۆچۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن» دېگەن. ئىنسانلارغا زۆرۈر بولغان 360 خىل كەسپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسپنى تاللىىغانلىقىمىز بىزدە دەل مۇشۇ خىل خېمىرتۇرچنىڭ بولغانلىقىدا. ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندا، تالانت بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ، خەلقنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.


    2. جۈرئەت:  تۇرمۇش ئىنتايىن سىرلىق بولىدۇ. بىزدە مۇشۇ مۇشۇ سىرنى ئاچىدىغان جۈرئەت بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان پىكىر-ئىدىيەلەرنى، نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ئۆزىمىزنى بېغشلاش روھى بولۇشى كېرەك.
يازغۇچىنىڭ بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر كېلىدۇ. ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىش سەۋەبلىك ئەسەرلەردە بەزى پىكىرلەر رېلىستىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار رېئال تۇرمۇشتىكى بىرقىسىم كىشىلەرگە ئوخشاپ قېلىش سەۋەبلىك يازغۇچى شۇ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى، ھەتتا ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يازغۇچىدا مۇشۇ سەۋەبلىك دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك قىسمەتلەرگە تەمكىنلىك بىلەن يۈزلىنىدىغان جۈرئەت بولۇشى كېرەك.


    3. بىلىم. سۈيى ئاز دەريا يىراققا بارالمايلا قۇرۇپ قالىدۇ. مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى بولمىغان يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ دەۋرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. يازغۇچى ئەدەبىياتقا دائىر بىلىملەرنى پىششىق بىلىشتىن باشقا يەنە تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، پىسخولوگىيە...، ھەتتا تەبئىي پەنلەرگە دائىر بىلىملەرنىمۇ پىششىق ئىگەللىشى كېرەك. ئەدەبىيات ئادەم تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئادەم تولىمۇ سىرلىق ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارغا چېتىلىدۇ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق بىلىملەرنى ئېرىنمەي ئۈگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يازغۇچى بىر ئۆمۈر ئۈگىنىشى، ئۈگىنىشتىن توختاپ قالماسلىقى كېرەك. ئۈگىنىش يازغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى.


    ئەدەبىيات تىل سەنئىتى، ھەرگىزمۇ گەپ سەنئىتى ئەمەس. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەنلەر يازغۇچى بولالمايدۇ. رەسسامنىڭ قورالى رەڭ بولسا، يازغۇچىنىڭ قورالى تىلدۇر. شۇڭا يازغۇچى تىل ئۈگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. تىل ئۈگىنىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشتىن ئۈگىنىش ۋە كىتابتىن ئۈگىنىش. يازغۇچى ياندىن خاتىرە دەپتەرنى ئاجراتماي، ئۇچرىغان ھەر بىر يېڭىلىق، ھەر بىر يېڭى گەپنى دەرھال خاتىرىلەپ ماڭدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرسە، تىل بايلىقى ئۈزلۈكسىز موللىشىدۇ.


    يېزىقچىلىق ئىنتايىن جاپالىق بىر ئىش. بىز بۇ يولغا سەۋدايىلىق بىلەن كىرىپ، سەۋدايىلىق بىلەن يۈرۈيمىز. لېكىن ئەڭ ئاساسلىق ئېرىشىدىغىنىمىز خەلقنىڭ ھۆرمىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۈزۈك مەنپەئەت يوق. پېشقەدەم ئەدىبلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇھتاجلىق بىلەن، قەرز بىلەن كەتتى. زوردۇن سابىر بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش بىز قوغلىشىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنپەئەت. پەقەت مۇشۇ مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمىز. كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا ئەسەر يازساق، بۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.

    (بۇ يازما ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ نەخ مەيداندا سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى تېز خاتىرىلەش ئاساسىدا رەتلەندى. خاتىرىلەش جەريانىدا قىسمەن سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن بولسا، يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا ئۆزرىلىكمىز).
IMG_0678.jpg

IMG_0683.jpg
IMG_0686.jpg
bagdax

2

تېما

11

دوست

8131

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2496
توردىكى ۋاقتى: 278
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-8-21 13:22:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا چوققىسىدىن باشلىنىپ غەربكە سوزۇلغان تەڭرىتاغ بۆلىكى تاكى مۇزتاغقىچە ئەرەنقەبۇرغە، دېيىلىدۇ!

1

تېما

0

دوست

4669

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1456
توردىكى ۋاقتى: 384
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-21

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-8-22 10:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچىنىڭ  ئەجرىگە رەھمەت !  نەچچە كۈندىن بۇيان بىز خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشىپ كەلتۇق ‹
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )