بىزدىكى يەتتە ئەۋلات قارىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
جىمسارى
باغداش تورىدا نەشىرقىلىنغان ئەسەرلەرگە قاراغاندا، بىزدىكى يەتتە ئەۋلات تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى توغراسىدا يازىلغان ئەسەرلەر تولىمۇ كەمچىل ئىكەن. باغداشتىكى بۇ ئەھۋالدىن، بىزدىكى بۇ ھەقتە ئىزدىنىشنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى، يىتەرسىزلىكىنى بىلىۋالغالى بولۇدۇ. شۇڭا، ياقىندا مەنىڭ «يەتتە ئاتا ناملىرى»، «يەتتە ئاپا ناملىرى» ناملىق ئىككى پارچە ئەسەرىم، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ھەم مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ئۈچۈن، باغداش تورىدا نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم، يەنە بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى، مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى، مۇمكىن بولسا بىرلىككە كەلتۇرۇشكە كۈچ چىقارىشى ئۈچۈن، «بىزدىكى يەتتە ئەۋلات تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى» ناملىق ئەسەرىمنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم. بۇنىڭدا، مەن مۇۋاپىق ياكى توغرا دەپ قاراغان يەتتە ئەۋلاتتىكى 52 قارىنداش تۇغقانلارنىڭ نامى كۆرسەتىلدى.
1- يەتتىنچى ئەۋلات قارىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) ئاكا، قارىنداش چوڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) چوڭاكا، ئەڭ چوڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) ئاراكا، ئىككىنچى ياكى ئوتتۇرانچى ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
4) كىچاكا، ئۈچىنچى، ياكى كەنجى ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
5) چوڭاچا، ئەڭ چوڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
6) ئاراچا، ئىككىنچى ياكى ئوتتۇرانچى ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
7) كىچاچا، ئۈچىنچى، ياكى كەنجى ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
8) چوڭىن، ئەڭ چوڭ ئىنىسىنى كۆرسەتىدۇ.
9) ئارائىن، ئىككىنچى ياكى ئوتتۇرانچى ئىنىسىنى كۆرسەتىدۇ.
10) كىچىن، ئۈچىنچى، ياكى كەنجى ئىنىسىنى كۆرسەتىدۇ.
11) چوڭسىڭىل، ئەڭ چوڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
12) ئاراسىڭىل، ئىككىنچى ياكى ئوتتۇرانچى سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
13) كىچسىڭىل، ئۈچىنچى ياكى كەنجى سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
14) گېزەكا، قوشگېزەكنىڭ چوڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ
15) گېزاچا، قوشگېزەكنىڭ چوڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ
16) گېزائىن، قوشگېزەكنىڭ ئىنىسىنى كۆرسەتىدۇ.
17) گېزاڭىل، قوشگېزەكنىڭ سىڭىلىنى كۆردەتىدۇ.
2- ئالتىنچى ئەۋلات (ئاتا-ئاپا)قارىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) چوڭاتا، ئاتاسىنىڭ، ئاپاسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) كىچاتا، ئاتاسىنىڭ ، ئاپاسىنىڭ ئۇكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) چوڭاپا، ئاتاسىنىڭ، ئاپاسىنىڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
4) كىچاپا، ئاتاسىنىڭ ، ئاپاسىنىڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
3- بەشىنچى ئەۋلات (دادا-ئانا)قېرىنىداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) ئاغا، داداسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) چوڭاغا، داداسىنىڭ چوڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) كىچاغا، داداسىنىڭ ئۇكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
4) تاغا، ئاناسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
5) چوڭتاغا، ئاناسىنىڭ چوڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
6) كىچتاغا، ئاناسىنىڭ ئۇكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
7) چوڭانا، داداسىنىڭ، ئاناسىنىڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
8) كىچانا، داداسىنىڭ، ئاناسىنىڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
4- تۆتىنچى ئەۋلات (بوۋا-موما)قېرىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) بوۋا، داداسىنىڭ، ئاناسىنىڭ ئاتاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) چوڭبوۋا، بوۋاسىنىڭ، موماسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) كىچبوۋا، بوۋاسىنىڭ، ئاناسىنىڭ ئۇكاسىىنى كۆرسەتىدۇ.
4) موما، داداسىنىڭ، ئاناسىنىڭ ئاپاسىنى كۆرسەتىدۇ.
5) چوڭموما، بوۋاسىنىڭ، مۇماسىنىڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
6) كىچموما، بوۋاسىنىڭ، موماسىنىڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
5- ئۈچىنچى ئەۋلات (چوۋا-چونا)قېرىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) چوۋا، بوۋاسىنىڭ، موماسىنىڭ ئاتاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) چوڭۋا، چوۋاسىنىڭ، چوناسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) كىچۋا، چوۋاسىنىڭ، چوناسىنىڭ ئۇكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
4) چونا، بوۋاسىنىڭ، موماسىنىڭ ئاپاسىنى كۆرسەتىدۇ.
5) چوڭما، چوۋاسىنىڭ، چوناسىنىڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
6) كىچما، چوۋاسىنىڭ، چوناسىنىڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
6- ئىككىنچى ئەۋلات (ئوۋا،ئونا) قارىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) ئوۋا، چوۋاسىنىڭ، چوناسىنىڭ ئاتاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) ئونا، چوۋاسىنىڭ، چوناسىنىڭ ئاپاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) چوڭوۋا، ئوۋاسىنىڭ، ئوناسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
4) كىچوۋا، ئوۋاسىنىڭ، ئوناسىنىڭ ئۇكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
5) چوڭونا، ئوۋاسىنىڭ، ئوناسىنىڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
6) كىچونا، ئوۋاسىنىڭ، ئوناسىنىڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
7- بىرىنچى ئەۋلات (ئۇلۇقا،ئۇلۇنا) قارىنداش تۇغقانلار ناملارىنىڭ ئاتالىشى
1) ئۇلۇقا، ئوۋاسىنىڭ، ئوناسىنىڭ ئاتاسىنى كۆرسەتىدۇ.
2) ئۇلۇنا، ئوۋاسىنىڭ، ئوناسىنىڭ ئاپاسىنى كۆرسەتىدۇ.
3) چوڭۇقا، ئۇلۇقاسىنىڭ، ئۇلۇناسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
4) كىچىقا، ئۇلۇقاسىنىڭ، ئۇلۇناسىنىڭ ئاكاسىنى كۆرسەتىدۇ.
5) چوڭۇنا، ئۇلۇقاسىنىڭ، ئۇلۇناسىنىڭ ئاچاسىنى كۆرسەتىدۇ.
6) كىچىنا، ئۇلۇقاسىنىڭ، ئۇلۇناسىنىڭ سىڭىلىنى كۆرسەتىدۇ.
يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن يەتتە ئەۋلات قارىنداش تۇغقانلار ناملارىنى، مەيلى يازىشتا، ئوقۇشتا ھەم ئاتاشتا بولسۇن، ئىخچام، قولايلىق ۋە ئېنىق دەپ قارايمەن. شۇنداقمۇ-يوق؟بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمەسىگە مۇھتاجمەن. |