قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىككى مۇۋەششەھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

0

دوست

1479

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7835
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 251
تۆھپە : 317
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-15 18:53:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىككى مۇۋەششەھ

نەيلەيىن

ئابدۇقادىر سادىر


ئاي ئۆتۈپ يىل كەلدى، يىل، بىر نەۋجەۋان كەتتى يوقاپ،
ئۆز-ئۆزىگە چۆكتى دىل تىمتاس، جاھان كەتتى يوقاپ.

لەيلى سەۋداسىدا ئەتتى بەلكى مەجنۇن تەركى كار،
ئىزتىراپ ئەيلەر كۆڭۈل» :مۈلكىمدە خان كەتتى يوقاپ.«

ئاستىلەر ھەيرەت كانارىغا مېنى مىڭ ئىزتىراپ،
غەمگە پاتتى دىل، دېبان بىر جانىجان كەتتى يوقاپ.

ھىجرى مەشئۇملۇق چىمەنلەر باغرىغا مىق قاقتى، مىق،
ئاينىغان بۇلبۇل ناۋاسىدىن زامان كەتتى يوقاپ.

ئىستىدىم مۇنبەر ئارا ھەر كۈن غەزەلخان شاھىنى،
جەۋھىرى مۆلدۈر بۇلاقنىڭ بىنىشان كەتتى يوقاپ.

دىلبايان ئەيلەر سېغىنچىم ئۆتسە مەلەمدىن شامال،
دەپ لەزىز تەم، ئوت غەزەللەر نە نېھان كەتتى يوقاپ؟

ئىمتىھان ئەيلەيدۇ مەجھۇل بىر شىفىر مىڭ بار مېنى،
بەرقى ئارۇزدىن نېچۈن ئابى رەۋان كەتتى يوقاپ.

نەيلەسۇن بۇ ئابدۇقادىر چۆكمەيىن ئۆز تەكتىگە،
ئاي ئۆتۈپ يىل كەلدى، يىل، بىر نەۋجەۋان كەتتى يوقاپ.

2016- يىلى 10- ئاپرىل


يىراق ئەپسانىدە مەن بار

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

-ئۇستاز شائىر ئابدۇقادىر سادىرغا جاۋابەن مۇۋەششەھ


ئايان بولغاي قارارگاھىم، قەلەندەرخانىدە مەن بار،
شەيختۇرمەن مازارىمدا، يېتىم ئاستانىدە مەن بار.

باياۋانىمغا كەلمەيدۇ بىرى كارۋانىدىن ئازغان،
زاماننىڭ يادىدىن ئۆچكەن يىراق ئەپسانىدە مەن بار.

دېگەيمەن كۆزلىرىمگە بۇ جاھاننىڭ يېشىنى يۇت دەپ،
يۈرەكنىڭ يېشىدا ئەكسىم، سۈزۈك دۇردانىدە مەن بار.

ئۇزايىمدىن كۆرۈڭ سەۋدا يېغىپ تۇرغان كۆرۈملەرنى،
كۆكەرگەن بىر پۇچۇق ناندەك غېرىپ دىۋانىدە مەن بار.

قايان بارغۇم، بىشارەت يوق، قۇياش ئاسماندا، مەن يەردە،
ئۆزىنى ئوتقا زار ئەتكەن جۇنۇن پەرۋانىدە مەن بار.

ئايا دىلپارىلەر، مىسكىن خيالەتلەردە پىنھانلىق،
تېنى ئاھىمدا مىڭ دانە، جېنى يېگانىدە مەن بار.

داۋاسىز دەردۇ قىسمەتكە قېلىپتۇرمەن سۆيۈلمەي بىر،
مۇھەببەت زەخمىدىن يارقىن ئېسى سەرسانىدە مەن بار.

ئىچىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقسام جاھان يادىغا سىغماسمەن،
چۆكەرمەن تەركى تەكتىمگە، ماڭا مەستانىدە بار.

رىزالىق ئىستىگەي قەشقەر، خوتەن روھى راۋانىمدىن،
نەمەنگاندىن كېلۇر مەشرەپ دىبان پەرغانىدە مەن بار!

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېڭىسار.
bagdax

5

تېما

3

دوست

1559

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55887
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-18
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-15 20:48:36 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ئالاھىدىن مۇئەللىم يەنىمۇ ئالغا!

0

تېما

2

دوست

160

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66194
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-26
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-15 21:03:33 |ئايرىم كۆرۈش
ئىچىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقسام جاھان يادىغا سىغماسمەن،
چۆكەرمەن تەركى تەكتىمگە، ماڭا مەستانىدە مەن بار.

«مەن» سۆزى چۈشۈپ قاپتۇ، ئوقۇرمەنلەر تۈزۈتۈپ ئۇقۇۋالسا دىگەن ئۈمۈدتە تۇلۇقلاپ قويدۇم.
ئالاھىدىن ئۇستازنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.

0

تېما

6

دوست

2477

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 760
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-15 22:19:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئىككى نەپەر تىل ئۇستازىنىڭ قەلىمىگە دەرت كەلمىسۇن .
ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندىنىڭ شېئىرىنىڭ ھەر بىر كۇپلىتىنىڭ باش ھەرپىنى قوشسا ‹‹ ئالاھىدىن›› دىگەن سۆز، ئالاھىدىن مۇئەللىمنىڭ شېئىرىنىڭ ھەر كۇپلىتىنىڭ باش ھەرپىنى قوشسا ‹‹ ئابدۇقادىر ›› دىگەن سۆز پۈتىدىكەن . بۇ ئەسلىدىلا مۇۋەششەھنىڭ ئۆلچىمىمۇ، ياكى بۇ ئىككى نەپەر شائىرنىڭ بەدىئى تالانتىمۇ؟.
bagdax

15

تېما

0

دوست

1479

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7835
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 251
تۆھپە : 317
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-15 23:47:31 |ئايرىم كۆرۈش
«مەن» سۆزى چۈشۈپ قاپتۇ، ئوقۇرمەنلەر تۈزۈتۈپ ئۇقۇۋالسا دىگەن ئۈمۈدتە تۇلۇقلاپ قويدۇم.
ئالاھىدىن ئۇستازنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.


بىخەستەلىك قىپتىمەن، تۈزەتمە بەرگىنىزگە كۆپ رەھمەت!

6

تېما

0

دوست

6942

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 736
تۆھپە : 1705
توردىكى ۋاقتى: 837
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 10:15:26 |ئايرىم كۆرۈش
653129 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-15 22:19
ئىككى نەپەر تىل ئۇستازىنىڭ قەلىمىگە دەرت كەلمىسۇن .
ئا ...

مۇۋەھشىەھنىڭ ئۆلچىمى شۇنداق

0

تېما

0

دوست

2988

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34915
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 11:00:57 |ئايرىم كۆرۈش
ئالاھىدىن مەلىم سىلىنى ئابدۇقەندەر بۇلبۇلشاھ  ‹‹مۇساۋىيات تەرەپەيىن›› نى خېلى كەلتۈرۈپ قويىدۇ دىگەن ئىدى بىرەنى يوللىماملا كۆزىمىز ئېچىلىپ  قالسۇن

2

تېما

8

دوست

1761

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 507
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-16 11:14:10 |ئايرىم كۆرۈش
irpan0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-16 11:00
ئالاھىدىن مەلىم سىلىنى ئابدۇقەندەر بۇلبۇلشاھ  ‹‹مۇساۋ ...

ئىككى تەرپى باراۋەر (ئوخشاش) شېئىرلار؟؟؟

قىزىقىپ قالدىم . بۇ  مەن كۆرمىگەن ئۇسلۇب بولسا كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )