چۈشۈمدىكى شەھەر
فەرۇق ئۇدۇنى
ئەقلىمنى لال قىلىپ تۇرار مەردانە، چۈشۈمدە شاھانە بىر غايىپ شەھەر. «ئۆزى شۇ»دېمەكتىن تىلغا نە چارە، بۇھايات دۇنيادا جەننەت بولسا گەر...
كۆكلەرگە تۇتاشقان كۆكلەم تاغلىرى، گۈللەرگە پۈركەنگەن كۆركەم باغلىرى، يا ئاللاھ! ئاينىڭمۇ بارغۇ داغلىرى، گۈزەللىك بابىدا يوق ئۇندەك دىلبەر!
ئويناقشىپ ئېقىشقان سۇلىرى زۇمرەت، كۆز قىسىپ يېتىشقان تاشلىرى قىممەت، ھەممىگە يارايدۇ تۇپرىقى مۇنبەت، تاشلىرى گۆھەردۇر سۇلىرى كەۋسەر.
خەلقى مەرد،ئاقكۆڭۈل سېخىي ئاتالغان، ھەر جايدا ئۆلىما-ئالىم سانالغان، يىراققا-يېقىنغا داڭقى تارالغان، خۇشچاقچاق، مېھماندوست،مەرىپەتپەرۋەر.
يىگىتى كۆزىدە چاقنار جاسارەت، باتۇرلۇق-قەيسەرلىك،ئەرلىك شىجائەت، قەلبىنىڭ سوقۇشى ۋىجدان،ئادالەت، ئەرلىرى ھەقىقىي ئەركەك ئاتلىق ئەر.
قىزىنىڭ ئۇزلۇقى شەرمى ھاياسى، پەزىلەت-ئەخلاقتىن كەيگەن لىباسى، بويسۇنغان ئۇلارغا بىلىم قىياسى، قوللىرى چېۋەردۇر،ھۆسنى ئاي-قەمەر.
ئۇ يۇرتتا تېپىلماس پىتنە ۋە پاسات، ھەركىشى ياشايدۇ خاتىرجەم ۋە شاد، كۆڭۈللەر دەردلەردىن-غەملەردىن ئازاد، جاھاندا تەڭ بولماس ئۇنىڭغا ھېچ يەر.
ئۇ شۇنداق گۈل شەھەر تەكتى گۈل ماكان، ھېكەيە قىپ بەرگەن بۇرۇندىن بوۋام، ھەر چۆچەك-ھېكايە ئەسلى بىر رېئال، چۈشكىلا خاسلىشىپ قالغانغا قەدەر...
2016.9.11 |