قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 699|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەليۈكسەل: ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

0

دوست

2422

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59522
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

ئەليۈكسەل

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى


    مەن ئالدىنقى بىر ماقالىدە دادىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە توختالدىم. مەزكۇر ماقالىدە ئاتا-ئانىلار ۋە ئەر-خوتۇنلار بىلىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە توختىلىمەن.

    غەرب ئەللىرىدە «بالا تەربىيىسى» ۋە «بالا تەرەققىياتى» بىر چوڭ ئىلىم بولۇپ، بۇ ئىلىم ھازىر بىر ناھايىتى يۇقىرى پەللىگىچە تەرەققىي قىلىپ بولدى. غەربتە بالا تەربىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ئىنتايىن كۆپ. بالا تەربىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. بالا تەربىيىسى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. شۇنداقلا ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەيدىغان خادىملارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئۇيغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىسى جەھەتتىكى ئەھۋالىنى غەربنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى غەربلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ ناچار. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى زەھەرلىك چېكىم ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئاڭلاپ كەلدىم. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئاڭلاپ كەلدىم. بىر قىسىم سانلارنى ئاشۇ ساھەدە ستاتىستىكا ئېلىپ بارغان كەسپىي خادىملاردىن بىۋاسىتە ئاڭلىدىم. ھازىرمۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بىلەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىۋاتقان ياشلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ناچار ئەھۋاللارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ھۇرۇنلۇق، ھېچ قانداق ئىشتا چىداملىق بولالماسلىق، جاپاغا چىدىماسلىق، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، ئاتا-ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتماسلىق، پۇل خەجلەشتە پىسخىكىسى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان بولۇش ياكى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە ئىسراپچان بولۇش ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، ھەمدە ئىنتايىن قاتتىق ئېچىنىمەن. «بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى ھازىرقى زامان بىلىملىرى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن تېخىچە سىڭىپ كىرىپ بولالمايدۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن كۆپ سورايمەن. مېنىڭ پەرىزىمچە ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئەنسىرەۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ياشلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئەمما قاتتىق تىرىشساق ياشلار قوشۇنىدىكى روھىيىتى، ئىرادىسى ۋە پىسخىكىسى كۈچلۈك كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، ھەمدە ئۇلارنى توغرا يېتەكلەپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا خىزمەت قىلدۇرۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن. مەن بىر دادا، ئەمما بالا تەربىيىسى ئىلمىنىڭ كەسىپ ئەھلى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە بىر قانچە نەپەر دۇنيادا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

wd1_forgiveness.jpg

1-رەسىم: «ئەپۇ قىلىش بىز باشقىلار ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش ئەمەس؛ ئۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش بولۇپ، بىز شۇ ئارقىلىق بەختنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىمىز.» Michael Josephson.

    1. بالا تەربىيىسىدىكى بىر قانچە ئىجابىي قائىدىلەر

    بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىغىنى بالىغا دىققەت بېرىش سەنئىتىدىن ئىبارەت. سىز بالىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بالىڭىزنى يېقىندىن كۆزىتىش، بالىڭىزنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىگە ئىنچىكىلەپ دىققەت بېرىش ئارقىلىق بىلىۋالالايسىز. بۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ناھايىتى جىددىيلىك ئىچىدە ئۆتىدىغان زاماندا بالىغا يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت بېرىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك سۈرئەت بىلەن ئېلىپ ماڭالمايدۇ. شۇڭلاشقا بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن تەڭ چىقىپ ياشاشقا ئادەتلىنىدۇ. ئەمما، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ئىشلارنى قىلىپ ياشاش داۋاملىق پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. يەنى بىز بەزىدە بالىلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت بېرىش ئۈچۈن باشقا بىر قىسىم ئىشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى ھەر ۋاقىت تولۇق چۈشىنىپ تۇرمايدىكەنسىز، ئۇ بىرەر ئىشنى خاتا قىلغاندا نېمە ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى ئاڭقىرىيالماي قالىسىز. بالىڭىز بىرەر خاتا يولغا مېڭىشقا باشلىغاندا ئۇنى سېزەلمەي قالىسىز. بالىڭىزنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن قايسى ئىشلارنى قىلىشنى بىلەلمەي قالىسىز.

    ئائىلىدە بالا تەربىيىسىنى چىڭ تۇتىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزلىرى ئەمەل قىلىدىغان بىر قىسىم ئىجابىي قائىدە ياكى ئىجابىي تۈزۈم بار بولىدۇ. مېنىڭ پەرىزىمچە، بۇنداق قائىدە ياكى تۈزۈملەر ئوخشىمىغان بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى كىتابلاردا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان تەرتىپتە يېزىلغان بولىدۇ. ئوخشىمىغان مىللەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان تەرتىپتە يېزىلغان بولىدۇ. شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئائىلىلەردىمۇ ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان تەرتىپتە يېزىلغان بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۆۋەندىكىسى غەربلىكلەر يېزىپ چىققان بالا تەربىيىسىدىكى ئىجابىي قائىدە ياكى ئىجابىي تۈزۈمنىڭ بىر مىسالى بولۇپ، مېنىڭچە ئۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگىمۇ خېلى ماس كېلىدۇ. مەن سىزگە مۇشۇ مەزمۇننى ئوقۇغاندا ئۆزىڭىزدىمۇ ئاشۇنداق ئىجابىي قائىدىلەر بارمۇ-يوق، ئەگەر بار بولسا ئۇلار قايسىلار، ھەمدە سىزدىكى قائىدىلەر بىلەن تۆۋەندىكى قائىدىلەرنىڭ قانداق ئوخشايدىغان يەرلىرى ۋە قانداق ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بار ئىكەن، دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئازراق ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن:

    1) بالىڭىزغا دىققەت بېرىش

    2) بالىڭىزغا ۋە ئۆزىڭىزگە ھۆرمەت قىلىش

    3) ئەقىلگە سىغىدىغان (سۆز-ھەرىكەتتە ئورۇنلۇق بولۇش)، مۇلايىم ۋە كەسكىن بولۇش

    4) يول قويۇش، ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ۋە كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق مەسىلە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەسىلىنى ئازايتىش

    5) بالا ياخشى ئىش قىلغاندا ۋە ئىشنى توغرا قىلغاندا ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىجابىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇستەھكەملەش

    6) توغرا تاللاش قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش

    7) بالىڭىزغا ئەقىلگە سىغىدىغان ئۈمىد ۋە نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ بېرىش

    8) ئۆزىڭىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ئەقىلگە سىغىدىغان ئۈمىدلەرنى بېكىتىپ بېرىش

    9) بالىڭىزغا ئۈنۈملۈك ۋە ئەقىلگە سىغىدىغان چەكلىمىلەرنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش

    10) خاتا ئىش-ھەرىكەتلەرنى چۈشىنىش

    11) ھەر بىر ئىشقا شۇ ئىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇش ۋە بالىڭىزغا ھۆرمەت قىلىش شەرتى ئاستىدا ئەقىلگە سىغىدىغان ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈش

    12) ئىزچىل بولۇش

    يۇقىرىدىكى 12 قائىدىنىڭ ھەر بىرى بىر پارچە ئۇزۇن ماقالىگە تېما بولالايدىغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-قائىدە ئۈستىدىلا يەنە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمەن. ئىمكانىيىتى بار باشقا قېرىنداشلاردىن قالغان قائىدىلەر ھەققىدىكى بىلىملىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    2. بالىلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت بېرىش

    بالىغا يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت بېرىش يۇقىرىدىكى 12 قائىدە ئىچىدىكى 1-قائىدە. بالىلار 3 - 9 ياشلاردا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن ئىستەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى قىلغان ئىشلارنى تەستىقلىشى ۋە ئۆزلىرىدىن ناھايىتى رازى بولۇشى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرى قىلغان ئىشلاردىن پەخىرلىنىشى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى قىلغان ئىشلاردىن مىننەتدار بولۇشى بولىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان قايىللىقىنى باشقا ھەممە ئىشلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ۋە تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ياشايدۇ. كىچىك بالىلار ناھايىتى كۆپ گەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار شۇنداق. سىز ئاشۇنداق كىچىك بالىلارنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى بولسىڭىز، بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا سىزگە گەپنى كۆپ قىلسا، ئۇ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرۇڭ. يەنى، بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ گېپىگە دىققەت بېرىڭ. ھەمدە بالىڭىزنى تەستىقلاپ، ئۇنىڭغا قايىللىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلھام بېرىپ تۇرۇڭ.

    بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. يەنى ئۇلار ئانچە گەپ قىلماس بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچەيدۇ. بالىلار چوڭراق بولغاندا بولسا سىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچەيسىز. بۇ ئەنە شۇنداق ئۆتنە جاھان. ئەمما، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا سىز ئۇلارغا دىققەت بەرمەيدىكەنسىز، بالىڭىز ئويۇنچۇقىنى كۆتۈرۈپ قېشىڭىزغا كەلگەندە، سىز

    --مەن خەۋەر كۆرۈۋاتىمەن، ئۆز ئۆيۈڭگە كىرىپ ئوينا!

    --خوتۇن، مەن مۇسابىقە كۆرۈۋاتىمەن، بالىنى باشقا يەرگە ئەكەتكىنە!

    --خوتۇن، مەن بىر كۈن ئىشلەپ ناھايىتى ھېرىپ كەتتىم، ھازىر بالا بىلەن ھەپىلەشكۈدەك مادارىم يوق!

    --ئۆيگە بىر دوستۇم كېلىدۇ، ئۆيۈڭگە كىرىپ ئۇخلا!

    دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز، ياكى بالىڭىزغا خۇددى ئۇ سىزنىڭ ئىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغان بولىسىز. گەرچە سىز سىرتتا بىر كۈن خىزمەت قىلغان بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ ھەقىقىي خىزمىتىڭىز سىرتتىكى ئىشىڭىزنى تۈگىتىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆز مەجبۇرىيىتىڭىزدىن ۋاز كەچمەي، بىر ھەقىقىي دادىغا لايىق ئىش تۇتۇڭ. چوقۇم ئۆيدە بالىڭىز بىلەن بىر قىسىم ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزۈڭ. بالىڭىزنى كۈندۈزى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، ئاخشىمى بولسا ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولماي، ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەرمەڭ. بالىڭىزنى ئۆيىڭىزدە كەچكىچە كومپيۇتېر ئويناشقا تاشلاپ قويماڭ. ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، بالىڭىز ئىنتېرنېتتىن بىر جۈپ يېڭى ئاتا-ئانا تاپىدۇ. دادىلىق ۋە ئاپىلىق بۇرچىڭىزنى چوقۇم لايىقىدا ئادا قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ رولىنى كومپيۇتېر ياكى يانفونلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەڭ. بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا سىز ئۇنىڭغا ئانچە دىققەت بەرمەيدىكەنسىز، ئۇلار چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل بولغاندا، سىز ئۇلارنىڭ كۆزىگە پەقەت بىر خىل پۇل بەلگىسى بولۇپلا كۆرۈنىسىز. ئۇلار پەقەت پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندىلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىپ، سىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ. يەنى سىزنى پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئىزدەيدۇ. ياكى بولمىسا سىزنى پەقەت باشقا بىرەر ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئىزدەيدۇ. ئۇلار تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۆزى پۇل تاپقۇدەك بولغاندا بولسا، ئۇلار سىزنى زادىلا ئىزدىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. سىز ئۇلارنى ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىسىز. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىز بالىڭىزنىڭ تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ئاشۇنداق بىر ھالەتكە كىرىپ قالغان بولسا، ئۇ چاغدا سىز مۇقەررەر ھالدا بىر مەغلۇبىيەت يولىدا كېتىۋاتقان بولىسىز. شۇڭلاشقا سىز ئۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالا كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىشىڭىز كېرەك.

    يۇقىرىدىكى ئىشنى قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. نورمال ئاتا-بالا ياكى ئاپا-بالا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ مېڭىش ئۈچۈن بىز ئۆز پەرزەنتلىرىمىز بىلەن ئەڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئۇلار بىز بىلەن بىللە بولۇشنى باشقىلار بىلەن بىللە بولۇشقا قارىغاندىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار داۋاملىق بالىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان كىشىلەرنىڭ رولىنى ئېلىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلار بىللە بولغاندا ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدىغان، بالىلارغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك.

    3. بالا بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇش

    ياخشى ئاتا-ئانىلاردىن بولۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ بالىلارغا ياخشى ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدىغان، ياخشى كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىدىغان، تەلەپ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىدىغان ئاتا-ئانىلاردىن بولۇش، دېگەنلىك ئەمەس. بالىلارغا ئاشۇنداق نەرسىلەرنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەمما، بالا كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز.

    ھازىرقى جەمئىيەتتە سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتىمۇ كۆپ. سىز بالىڭىزغا ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بېرىسىز. ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىسىز. ئۇنىڭغا ئېسىل كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىسىز. ئۇنىڭغا ھەر ئايدا پارچە-پۇرات ئىشلارغا خەجلەش ئۈچۈن ئازراق مائاش بېرىسىز. ئەمما، بالىڭىزغا ئۆز ۋاقتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى بەرمەيسىز. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ۋاقىت بەرمەيدىكەنسىز، روھىي جەھەتتىن ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئۇ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتىدۇ. ناھايىتى بۇرۇنلا بىر خىل مۇستەقىل ھاياتنى باشلاپ كېتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپلا مۇستەقىل بولۇپ كېتىشى دېگەنلىك، ئۇ سىزدىن يىراقلىشىپ كېتىشى، دېگەنلىك بولىدۇ.

    بۇ بىر ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە. بالىمىزنى قانداق چوڭ قىلىش بىر ناھايىتى كەسكىن مەسىلە. بىز بالىمىز بىلەن ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ناھايىتى ئېنىق ئالاقە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ۋە ئەخلاقىي ئۆلچىمىمىز بويىچە قوبۇل قىلىنمايدىغان، توغرا كۆرۈلمەيدىغان، ھەتتا چەكلەنگەن نۇرغۇن ئىشلار بار. ئەمما، بالىلىرىمىز ئاشۇنداق ئىشلارنى ھەر كۈنى سىرتتا ئاڭلاپ تۇرىدۇ. تەشۋىقات تاختايلىرى ياكى تېلېۋىزورلاردىن كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئىنتېرنېتتىن ئوقۇپ تۇرىدۇ. مەكتەپتە ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. قىسقىسى، بالىلار بىز ياخشى كۆرمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. بۇ بىر رېئاللىق. ئۇ يالغۇز پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا تەۋە مەسىلىمۇ ئەمەس. بالىڭىز ھەر كۈنى مەكتەپتىن ئۆيگە كېلىپ، سىزگە ئۆزى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان، ئادەتتە «ناچار ئىشلار» ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرسە، سىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ «ئاغزىڭنى يۇم، بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق گەپلەرنى دېيىشمەيمىز!» دەمسىز؟ ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز، سىز بالىڭىز بىلەن بولغان ئالاقە يولىنى توسۇۋەتكەن بولىسىز. شۇنىڭدىن باشلاپ بالىڭىز سىزگە ھېلىقىدەك گەپلەرنى قىلمايدىغان بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك بالىڭىز ھېلىقىدەك ئىشلارنى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ، ۋە ئۇ ھەقتە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بالىڭىز ئۇ ھەقتە سۆزلىشىدۇ، ئەمما سىز بىلەن ئەمەس، باشقىلار بىلەن، ياكى دوستلىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇ سىزنىڭ ئەمەس، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى يېتەكلىشىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنداق كۆرسەتمە ۋە يېتەكلەشلەرنىڭ بىر قىسمى سىز ئارزۇ قىلغان نەرسىلەردىن ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ. بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا سىز ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش يولىنى، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان خەۋەرلىشىش-ئالاقىلىشىش يولىنى ئېتىپ قويىدىكەنسىز، بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز قىلغان ئىشىڭىزغا پۇشايمان يەپ، يىغلاپ ئولتۇرۇپ قالىسىز.

    4. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى

    بىر ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئائىلىلەرنى ساغلاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئائىلىلەر بىر خىل بۇزۇلغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، باشقا گۈزەل ئىستەكلەر ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بەزى ئائىلىلەردە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ. ئۆي ئىچى كىنايە سۆزلەردىن خالىي بولالمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھە دېسىلا بىر-بىرىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۆي ئىچى ئورۇنسىز كىنايىلەر، ئورۇنسىز تەنقىدلەر ۋە بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان سۆزلەردىن خالىي بولالمايدۇ. سىز قانداق گەپلەر ئايالىڭىزنىڭ چىشىغا تېگىدىغانلىقىنى بىلىسىز، شۇنداقتىمۇ بىلىپ تۇرۇپ ئايالىڭىزنىڭ چىشىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىسىز. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئايال كىشىمۇ قانداق سۆزلەر ئېرىنى ئەڭ چىچاڭلىتىدىغىنىنى بىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ «نېمە ئىش بولىدىكىن، قېنى كۆرۈپ باقاي»، دەپ، ھېلىقىدەك گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيدىكى بالا كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى سۆز ئويۇنى ۋە جەڭلەرنىڭ ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. يەنى، بالا ئاتا-ئانىسىدىن يۇقىرىقىدەك قىلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىدە دادا-ئاپىسىنىڭكىگە ئوخشاش كىشىلىك خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرۈپ، چوڭ بولغاندا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش دادا ياكى ئانىلاردىن بولىدۇ.

    بىر قىسىم توي قىلغان جۈپلەردە بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىش تۇيغۇسى يوق. بىر قىسىم ئەرلەر خىزمەت ئورنىدىكى كىشىلەرگە ئىنتايىن سىلىق ۋە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. دوستلىرىغا ناھايىتى ئوبدان مۇئامىلە قىلىدۇ. ئايال خىزمەتداشلىرىغا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كېلىپ، ئايالى «بۈگۈن ئىشلىرىڭىز قانداقراق بولدى؟» دەپ سورىسا، «مەن بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ كەتتىم، ئۇ ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشكۈم يوق!» دەپ قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە بىر خىل ساغلام ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ.

    سىز ئاخىرقى قېتىم قاچان ئۆز مەيلىڭىز بىلەن ئايالىڭىزغا بىر سوۋغات ئېلىپ بېرىپ باقتىڭىز؟ ئاخىرقى قېتىم ئايالىڭىز ئۆزىگە بىر نەرسە ئېلىش توغرىسىدا سىزدىن مەسلىھەت سورىغاندا، سىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلدىڭىز؟ سىز ئاخىرقى قېتىم قاچان بىر سۈپەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئايالىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىز؟ قاچان ئايالىڭىزنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئېلىپ بېرىپ باقتىڭىز؟ ئۇنىڭ بىلەن بىر كىنونى بىللە كۆرۈپ باقتىڭىز؟ ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا ئېھتىياجى بار. سىزنىڭ خىزمەت سىرتىدىكى ۋاقتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىپ ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە بولۇپ ئۆتكۈزۈشىڭىز ھەرگىزمۇ بىر ساغلام ئەھۋال ئەمەس. ئەگەر بوش ۋاقىتلىرىڭىزنى ئاشۇنداق ئۆتكۈزىدىكەنسىز، ئايالىڭىز سىز بىلەن توي قىلغاندەك، سىزگە خوتۇن بولغاندەك ھېس قىلمايدۇ. سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئايالىڭىز بىلەن بالىلىرىڭىز. ئائىلىڭىزدىكىلەر زۆرۈر بولغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ ئىش دىنىمىزدا ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن. يەنى، دىنىمىزدا ئۆز ئائىلىسىدە ئەڭ ياخشى رول ئوينىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشى كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سىز ھەر ۋاقىت ئائىلىڭىزدىكىلەرنى 1-ئورۇنغا قويۇشىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىزدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك.

    سىز بەزىدە ئۆز ئانىڭىزغا خىزمەتداشلىرىڭىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلمايسىز. دوستلىرىڭىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلمايسىز. ئانىڭىز سىز بىلەن تېلېفوندا 5 مىنۇت ئارتۇق سۆزلىشىۋالماقچى بولسا ئۇنىڭغا تاقەت قىلالمايسىز. سىزنىڭ بەزى ئىشلىرىڭىزنى ئازراق تەنقىد قىلىپ قويسا ئۇنى قوبۇل قىلالمايسىز. ئەنئەنىۋى قائىدىمىز بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قويۇش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز. سىز بۇرۇن يىغلىغاندا، ئاپىڭىز سىزگە «باشقا ئۆيگە كىرىپ يىغلا، مېنىڭ سېنىڭ بىلەن كارىم يوق» دېمىگەن. ئەكسىچە ئۇ سىزدىن خەۋەر ئالغان. بىز ئېرىمىزگە ياكى ئايالىمىزغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئاتا-ئانىمىزغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئەگەر بىزنىڭ ئايالىمىز ياكى ئېرىمىز بىلەن ۋە ئاتا-ئانىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بىر تەرەپ قىلالىساق، باشقا بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمىز. بىز مۇشۇ ئىككى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ ياخشى ئېلىپ ماڭالايمىز. بىزنىڭ ئېرىمىز ياكى ئايالىمىز ياراتقۇچىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى. ئەگەر بىز ئاشۇ سوۋغاتتىن مىننەتدار بولمايدىكەنمىز، ياراتقۇچىدىن مىننەتدار بولمىغان بولىمىز. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىزمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئۇلاردىن مىننەتدار بولمايدىكەنمىز، ئەمەلىيەتتە ياراتقۇچىدىن مىننەتدار بولمىغان بولىمىز.

    ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزدە مۇنداق بىر ئۆزگىرىش ياساڭ: كەچلىك غىزانى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە يەڭ. كەچلىك غىزانى ئايرىم يېمەڭ. ئۇنى باشقا يەردە يېمەڭ. ئۇنى باشقا ۋاقىتتا يېمەڭ. مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، كەچلىك غىزانى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە يەڭ. بەك كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمىسىڭىزمۇ، ھەر كۈنى بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئاشۇ ۋاقىتتا ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇڭ. خۇددى مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ تېلېۋىزور كۆرگەنگە، مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەنگە، مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش، مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇڭ. شۇنداق قىلىشنىڭ ناھايىتى زور پايدىسى بار. ئۆز ئائىلىڭىزدە ئاشۇنداق بىر ئىشنى باشلاپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىز: سىزنىڭ ئايالىڭىز ياكى ئېرىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ.

    5. تۇرمۇشتا تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش

    ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ دادىلار ئۈچۈن تۇرمۇشتا بىر تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ بىر ئاينىڭ ئالدىدا تورلارغا چىقارغان «دادىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار» دېگەن ماقالىسىدە تەپسىلىي توختالدىم. شۇڭا بۇ يەردە ئۇ مەزمۇنلارنى قايتا تەكرارلىمايمەن. مەن ئۇ ماقالىنى تېخىچە ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر [4:58].»

    ئەگەر سىز بىر دادا بولىدىكەنسىز، ئايالىڭىزنىڭ سىزدە ھەققى بار، بالىلىرىڭىزنىڭ سىزدە ھەققى بار، ھەمدە ئاتا-ئانىڭىزنىڭمۇ سىزدە ھەققى بار. سىز بىرسىنىڭ ھەققىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يەنە بىرسىنىڭ ھەققىنى قايتۇرسىڭىز بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزدە ئايرىم-ئايرىم ھەققى بار. ياراتقۇچىمىز سىزگە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىشتە چوقۇم ئادىل بولۇشنى بۇيرۇغان. بۇ ئىشتا سىز چوقۇم بىر خىل تەڭپۇڭلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بىر مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرمايدىكەنسىز، سىزنىڭ ئۆيىڭىز جېدەل-ماجىرالاردىن خالىي بولالمايدۇ. قۇدىلىرىڭىز بىلەن، بالىلىرىڭىز بىلەن، ۋە ئايالىڭىز ياكى ئېرىڭىز بىلەن بولغان ئۇرۇشۇشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ ئىشتا ئاياللارنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار. يەنى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ بىر خىل تەڭپۇڭلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئاياللارمۇ ياراتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار. قىسقىسى، بۇ جەھەتتە ئەرلەرمۇ ۋە ئاياللارمۇ چوقۇم ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەمدە قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاياللىرى ياكى ئەرلىرىدىن مۇكاپات تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ مۇكاپاتى ياراتقۇچىدىن كېلىدۇ. ياراتقۇچىمىز بىزگە ناھايىتى كۆپ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، بىز ھەر قانچە قىلساقمۇ ئۇ نېمەتلەرنى ساناپ تۈگىتەلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە ئۆزىمىزگە ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرگە رازى بولماي، بىر-بىرىمىزدىن ئاغرىنىپ، ۋە بىر-بىرىمىزدىن نارازى بولۇپ يۈرسەك، ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئاتا قىلىنغان نەرسىلەردىن تولۇق مىننەتدار بولمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز چوقۇم ئۆز-ئارا ئاغرىنىپلا يۈرۈشنى توختىتىپ، بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەشنى تولۇق ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

    6. ئۈلگە بولۇپ تەربىيىلەش

    بالىلىرىمىز كىچىك ۋاقتىدا بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرىدىغانلىقىمىزنى چۈشەنمەيدۇ. بالىلىرىمىز كىچىك ۋاقتىدا بىزنىڭ ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇشىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۇلارغا كۆيگەنلىكىمىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، بىز ئاتا-ئانىلار بالىلار بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن توغرا چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇرۇن بالا بولۇپ باققان. بىز بالا ۋاقتىمىزدا بالىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ھازىر ئۆتۈۋاتقان ئەھۋاللارنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىمىز بىزگە قاتتىقلىق قىلغاندا، بىز ھەرگىزمۇ «بۇ ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا كۆيۈنۈشى» دەپ ئويلىمىغان. شۇڭلاشقا بالىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىقلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەلمەيدۇ. پەقەت بالىلار چوڭ بولغاندىلا، پەقەت ئۇلار دادا ياكى ئاپا بولغاندىلا ئاندىن ئاتا-ئانىسى قاتتىق كۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قاتتىق باشقۇرغانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ.

    «ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر [18:46].» ياراتقۇچىمىز بۇ يەردە پەقەت پۇل بىلەن بالىلاردىن ئىبارەت ئىككىلا نەرسىنى تىلغا ئېلىپ، پۇل بىلەن بالىلار بۇ دۇنيادىكى ھاياتنى گۈزەللەشتۈرۈپ بېرىدىغان ئىككى نەرسىدۇر، دەيدۇ. ياراتقۇچىمىز مۇقەددەس كىتابنىڭ يەنە 7 - 8 يېرىدە بىزگە پۇل ۋە بالا بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىنى، بىزگە پۇل ۋە بالا ئارقىلىق ياردەم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. قىسقىسى، بالىلىق بولۇش بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە سېلىپ قويۇلغان بىر خىل تەبىئىي ئىستەك، ياكى تەبىئىي ئارزۇدۇر.

    بىزگە بالىلار بىر خىل ياردەم، بىر خىل مەدەت، ۋە بىر خىل سوۋغات سۈپىتىدە ئاتا قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلارغا شۇنىڭغا چۇشلۇق مەسئۇلىيەتلەرمۇ يۈكلەنگەن. بىزگە بېرىلگەن ھەر بىر سوۋغات مەلۇم شەرتلەر بىلەن بىللە كېلىدۇ. يەنى دادا بىلەن ئانىغا، ياكى ئەر بىلەن ئايالغا بالىنى مۇۋاپىق يوسۇندا بېقىپ چوڭ قىلىش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ سورىقى بولىدۇ.

    بۇ دۇنيادىكى ھېچ قانداق بىر مۇھەببەت دادىنىڭ ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتى، ۋە ئانىنىڭ قىزىغا بولغان مۇھەببىتىنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. يەنى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، پەقەت دادىلا ئوغلىنىڭ چوڭ بولغاندا ئۆزىنى بېسىپ چۈشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆزىدىن ياخشىراق خىزمەت تېپىشىنى، ئۆزىدىن كۆپرەك پۇل تېپىشىنى ۋە ئۆزىدىن ياخشىراق باياشات ياشىشىنى ئىستەيدۇ. ئاپىمۇ قىزىغا شۇنداق قارايدۇ. پەقەت دادىدىلا ئۆز ئوغلىغا نىسبەتەن قىزغىنىش ياكى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش پەقەت ئانىدىلا ئۆز قىزىغا نىسبەتەن قىزغىنىش ياكى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا بولمايدۇ. قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، ۋە دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە بېسىپ چۈشۈشىنى خالىمايسىز. ئۇلار سىزنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە بېسىپ چۈشىدىكەن، سىز ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە ھەسەتخورلۇق قىلىسىز. ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرەلمەيسىز. ئۇلارنىڭ سىزنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنى تەدرىجى قوبۇل قىلسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئۆز ئوغلىڭىز ياكى ئۆز قىزىڭىزغا خوشال بولغاندەك خوشال بولالمايسىز.  ئەگەر سىز بىر دادا بولىدىكەنسىز، ھەرگىز ئوغلىڭىزغا ھەسەتخورلۇق قىلمايسىز. ئەگەر سىز بىر ئانا بولىدىكەنسىز، ھەرگىز قىزىڭىزغا ھەسەتخورلۇق قىلمايسىز. دادا ئۆزىنى بېسىپ چۈشكەن ئوغلىدىن ھەقىقىي يوسۇندا پەخىرلىنىدۇ. ئانا ئۆزىنى بېسىپ چۈشكەن قىزىدىن ھەقىقىي يوسۇندا پەخىرلىنىدۇ. باشقا ھەر خىل كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى پەخىرلىنىشنىڭ دەرىجىسى ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى خىل پەخىرلىنىشكە يەتمەيدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ بىر خىل تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ياراتقۇچى بىزنى ئەنە شۇنداق ياراتقان.

    بالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز بىر ئون-نەچچە ياشلىق بالىڭىزغا چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، بالىڭىزمۇ خۇددى بىر چوڭ بولغان ئادەمدەك ئىش تۇتىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا كىچىك بالىلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا بالىڭىزمۇ قەتئىيلا چوڭ بولمايدۇ. بۇنداق نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىز ئۆزىڭىز بولىسىز-بالىڭىزنىڭ چوڭ بولۇشىغا يول قويمىغانلىقىڭىز، ۋە ئۇنىڭ چوڭ بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئۇ بىر بالا بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. تەربىيىنى تېگىشلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن بالىڭىزغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ. بەزى ئىشلاردا بالىڭىزدىن مەسلىھەت سوراپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىڭ.

    بىزنىڭ دىنىمىزدا بىر بالا 14 - 15 ياشلارغا كىرگەندە تولۇق يېتىشكەن چوڭلار قاتارىغا كىرگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە بالىلار 18 - 19 ياشلارغا كىرمىگۈچە بالىلىق دەۋرى بىلەن چوڭلار يېشى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆسمۈرلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئەقلىي جەھەتتە سىز 18 ياشلارغا كىرگەن ياشلارغىمۇ بىر كىچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، ئۇ بالىمۇ كىچىك بالىدەك ئىش تۇتىدۇ. ئۇ بالىمۇ كىچىك بالا قىياپىتىگە كىرىپ قالىدۇ. ھەرگىزمۇ چوڭلارغا ئوخشاش ئىش تۇتمايدۇ.

    داڭلىق دىنىي ئالىم ئىبىن قېيۇم مۇنداق دەيدۇ: ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشى ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئىبىن قېيۇم بۇ سۆزلەرنى بۇنىڭدىن 800 يىللار بۇرۇن دېگەن بولسىمۇ، ئۇ بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگىمۇ ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئىبىن قېيۇمنىڭ دېيىشىچە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار «مەن بالامغا كۆيدۈم»، دەپ بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلار بالىلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم بالىغا ناھايىتى كۆيۈمچان كەلگەن ئاتا-ئانىلار «مەن بالامغا ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم» دەپ ئويلاپ، بەزى ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇزۇن-مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قىلىپ بەرگىنى ئەڭ يامان، ئەڭ ئەسكى، ياكى ئەڭ زىيانلىق ئىشلار بولۇپ چىقىدۇ. يەنى ئۇلار ماددىي نەرسىلەرگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلىرىنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي، بالىلىرىنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى ئانچە مۇھىم ئورۇنغا قويماي، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىغا «ياخشى ئىش قىلىپ بەردىم» دەپ، ئەمەلىيەتتە بولسا زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بالا تەربىيىسىدە بىز ئۇزۇن مۇددەتلىكنى كۆزلىشىمىز كېرەك. بىز بالىلىرىمىز كەمپۈتنى بەك كۆپ يەپ كەتسە ئۇلارنى توسىمىز. بالىلىرىمىز تاتلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىپ كەتسە ئۇلارنى توسىمىز. «ئۇ نەرسىلەر بالامنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق»، دەپ ئويلايمىز. بالىلىرىمىزنى بەدىنىگە زىيانلىق ئىشلاردىن توسىمىز. ئۇنداقتا بالىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىشلارچۇ؟ بىز ئۇنداق ئىشلارنى قانچىلىك نازارەت قىلىمىز؟ بالىلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن قانچىلىك توسىمىز؟ بىز چوقۇم بالىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىنمۇ ساغلام چوڭ قىلىشقا قاتتىق كۈچىشىمىز كېرەك. بەزى ئىشلاردا بالىلىرىمىزغا يول قويۇپ، بەزى ئىشلاردا ئۇلارغا قاتتىق بولۇشىمىز كېرەك.

    ئەگەر ياخشى تەربىيىلىنىدىكەن، بالىلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تاتلىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئاتا-ئانىلارغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى بالىلار چۈشەنمەيدۇ. ئەمما دادا ياكى ئاپا بولۇپ باققان ھەممە كىشىلەر ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور خۇشاللىق بالىسىنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى كۆرۈش، ھەمدە بالىسى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كۆرۈشتىن ئىبارەت. بالىنى ياخشى تەربىيىلەش يالغۇز بۇ دۇنيادىلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماي، يەنە بىر دۇنيادىمۇ ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەت ۋە زور قىممەتكە ئىگە. دىندا بىلىملىك قېرىنداشلىرىمىز بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ.

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار 15 - 20 ياشلىق بالىلىرىنى ئىدارە قىلىشتا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بالىلىرىغا قانداق گەپ ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي قالىدۇ. بالىلىرىنى توغرا يولغا كىرگۈزەلمەي قالىدۇ. بالا 15 - 20 ياشلارغا كىرگەندە ئۇلارنى بىراقلا بىر ياخشى بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويالايدىغان بىرەر ياخشى ئۇسۇل يوق. بىرەر ياخشى دورا يوق. بىرەر ياخشى دۇئا يوق. سىز بالىڭىز 15 - 20 ياشلارغا كىرگىچە ئۇنى قانداق تەربىيىلىگەن؟ ئۇنى قانداق يېتەكلىگەن؟ بالىڭىزنىڭ ھازىر قانداق بولۇپ قالغانلىقى سىزنىڭ ئۇنى بۇرۇن قانداق تەربىيىلىگىنىڭىز، ئۇنىڭغا بۇرۇن قانچىلىك ۋاقىت ئاجراتقانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى.

    بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى ئىنتايىن زور بولىدۇ. بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا سىز ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھەممە جەھەتتە بالىڭىزغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز بەزىدە سىزنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا دورىماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا بەزىدە بالىڭىز يولدىن ئۇ ياق ياكى بۇ ياققا ئازراق قېيىپ چىقىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما چوڭ بولۇش جەريانىدا بالىڭىزنىڭ قەلبىدە سىزنىڭ قانداق دادا بولغانلىقىڭىز، ۋە سىزنىڭ قانداق ئاپا بولغانلىقىڭىز ناھايىتى چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز بىر مەزگىل يولدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ سەل چوڭ بولۇپ تولۇق ئەقىلگە كىرگەندە، ئۆز قەلبىدە باشقا ھېچ نەرسىنى ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ قانداق دادا ۋە قانداق ئاپا بولغانلىقىڭىزنى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا كىشىلەرنى ياكى باشقا ئىشلارنى ئەمەس، پەقەت دادىسىنى ۋە ئاپىسىنى دوراپ، دادىسى ۋە ئاپىسى تۇتقان يولنى تۇتىدۇ. دادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ۋە ئېسىل خىسلەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىز بىر دادا بولۇپ، بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئايالىڭىزنى ئۇرغان بولسىڭىز، ئوغلىڭىز چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىنى ئۇرۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا سىز باشقا ئاياللارغا ئۆگىنىپ قېلىپ، ئۆيدە ئايالىڭىز بىلەن داۋاملىق جېدەل چىقىرىپ يۈرگەن بولسىڭىز، ئوغلىڭىز چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ سىز ماڭغان ئاشۇنداق يولدا مېڭىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. يەنى، ئەگەر سىز بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدا خاتا ئىشلارنى كۆپ قىلسىڭىز، يالغۇز ئۆزىڭىزلا يولدىن ئېزىپ قالغان بولماي، بالىڭىزنىمۇ يولدىن ئازدۇرغان بولىسىز. ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمى بۇ ئىشنى تولۇق ئىسپاتلاپ بولغان بولۇپ، بۇ پاكىتنى كۆپ سانلىق ئىلىم ئەھلىلىرى ئېتىراپ قىلىدۇ.

    قىسقىسى، بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار يالغۇز بالىغا ئېغىزدا تەربىيە بېرىپلا قالماي، ئۆز-ئىش ھەرىكىتى بىلەنمۇ تەربىيە قىلىشى كېرەك. ئەگەر سىز يالغۇز گەپلەرنىلا قىلىپ، بالىڭىزغا قويغان تەلەپلەرنى ئۆزىڭىز ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرمايدىكەنسىز، سىز قىلغان تەربىيە ھەرگىزمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بالىڭىزدىن كۆپ كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن سىز ئۆزىڭىز ئۆيدە كۆپ كىتاب ئوقۇشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بولۇڭ. بالىنى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سېلىپ قويۇپ، ئۆزىڭىز ئولتۇرۇشلاردا يۈرمەڭ. بالىڭىزدىن تەلەپ قىلغاننى ئۆزىڭىز ئالدى بىلەن قىلمايدىكەنسىز، تەلىپىڭىز ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھەممە جەھەتلەردە بالىڭىزغا سىز ئۆزىڭىز بىر ياخشى ئۈلگە بولۇپ بەرمەيدىكەنسىز، سىز قىلغان تەربىيە چوقۇم بىر ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. بالىڭىزنى ئۆيدىن چىقىپ بولغۇچە قاتتىق قوللۇق بىلەن بويسۇندۇرۇپ تۇرالىغان تەقدىردىمۇ، بالىڭىز ئۆيدىن ئايرىلغان ھامان سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز گەپنىمۇ قىلىپ، بالىڭىزدىن تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئۆزىڭىزمۇ تەڭ قىلىدىكەنسىز، ئۆزىڭىزمۇ بىر خىل ئېسىل ئەخلاق، ئېسىل خىسلەت ۋە ئېسىل كىشىلىك خاراكتېر بىلەن ياشايدىكەنسىز، ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتىدىكەنسىز، بالىڭىز چوڭ بولغاندا چوقۇم سىزنى دورايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق ئەھۋالدا بالىڭىزنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغىنى پەقەتلا سىز تىكلىگەن ئاشۇ ياخشى ئۈلگىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ئىشتا بىر خىل چوڭقۇر ئىلمىي ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. بىرەر سېھىرگەرلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس. سىز بالىڭىزغا قانداق ئۈلگە بولۇپ بەرگەن بولسىڭىز، بالىڭىز ئاشۇ ئۈلگە بويىچە ئىش تۇتىدىغان بولىدۇ.

    7. ئائىلە قىممەت قارىشى

    بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىزنى كونترول قىلىدىغان نەرسە بىزدىكى قىممەت قارىشى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىمىز، ئەخلاقىمىز ۋە بىز قولغا كەلتۈرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە قىلىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ئۇلاردا ئىجابىي قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئاقىلانە ئىش قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىغا، بەختلىك كىشىلەردىن بولۇشىغا، ۋە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىغا ياردەم قىلىش. بۇ بىر ئاددىي ئىش ئەمەس. ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى 1-قەدەم ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە پەرزەنتلىرىمىزدىن نېمىگە ئىشىنىشنى ئىستەيدىغانلىقىمىزنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىش، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىش. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ئېغىزىمىزدا دەيدىغان قىممەت قارىشى بىز ئەمەلىيەتتە قوللىنىدىغان قىممەت قارىشىغا ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ ھايات نىشانلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بەلگىلەيدۇ. قىممەت قاراشلىرىنىڭ يەنە بىر كاتېگورىيىسى بار بولۇپ، ئۇ قايسى ئىشلارنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ۋە قايسى ئىشلارنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. ئاشۇ قىممەت قاراشلىرى ئۆزىمىز ئىستىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر خىل قىممەت قاراشلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەخلاقىي كۆز-قاراشلىرىمىزدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئېسىل كىشىلىك خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەردە مۇشۇ خىلغا تەۋە قىممەت قاراشلىرى باشقا قىممەت قاراشلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

    پەرزەنتلەرنىڭ يېشىغا ئاساسەن، ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئارا مەسلىھەتلەشكەن ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ساھەلەردىكى قىممەت قاراشلىرىنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بىر نەسىھەتنامە ياكى تەكلىپ-تەۋسىيە قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور بولىدۇ:

    --كىشىلىك خاراكتېر ۋە ئەخلاق
    --ئېتىقاد ۋە ئىلاھىيەتلىك

    --ئۆيلۈك بولۇش ۋە ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى

    --دوستلۇق

    --ئوقۇش

    --ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش

    --پوزىتسىيە

    --خالىسانە خىزمەت

    --مۇۋەپپەقىيەت

    --پۇل ۋە ماددىي بايلىق

    --ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك

    --توي قىلىشتىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەت

    بىز ئۆزىمىز قىلغان ھەر بىر سۆز-ھەرىكەتتە بالىلىرىمىزغا قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىتىمىز. ئەمما، ئۇلارغا قانداق قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىمىزنى ئۆزىمىز داۋاملىق چۈشىنىپ تۇرالمايمىز. شۇڭلاشقا مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە قىممەت قاراشلىرىنى بايان قىلىدىغان بىر يازما تەييارلىساق ئۇنىڭ بالىلىرىمىزغا بولغان پايدىسى ناھايىتى زور بولىدۇ. مەن تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى مىللەتلەر ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ مۇنداق بىر ئىشىنى بىلىمەن: ھەر بىر يەھۇدىي ئائىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى ئۇتتۇرلۇق بىر خاتىرە دەپتەرگە يېزىپ مېڭىپ، پەرزەنتلىرى چۈشەنگۈدەك بولغاندا ئاتا-ئانا ئۇ خاتىرە دەپتەرنى بالىلىرىغا بىر «نەسىھەتنامە» سۈپىتىدە بېرىدۇ. مېنىڭچە يەھۇدىي بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشتا ناھايىتى پۇختا كېلىشىنىڭ ۋە ناھايىتى پىشقان بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى ئەنە شۇ.

    8. خۇلاسە

    بالا تەربىيىسى خۇددى بىر سىستېما ئىنژېنېرلىقىغا ئوخشايدۇ. بىر بالىنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشىدە يالغۇز مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، ئائىلىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ياكى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، بالا تەربىيىسىدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەتكە قارىغاندا ئائىلە تەربىيىسى، يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسى تېخىمۇ مۇھىم. خاتا يولغا كىرىپ قالغان بالىلار ئاساسىي جەھەتتىن بۇزۇلغان ئائىلىدىن چىقىدۇ. باشقىلارغا قارىغاندا بالىلىرىنى ناھايىتى ئەدەپلىك، ناھايىتى قابىلىيەتلىك، ناھايىتى بىلىملىك ۋە ناھايىتى ساپالىق چوڭ قىلىدىغان غەربلىك ئاق تەنلىكلەر، ياپونلار ۋە يەھۇدىيلار قاتارلىق بىر قىسىم مىللەت كىشىلىرىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، كىچىك بالىسى بار ئانىلارنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشى بالىسىنى يۇقىرى مەسئۇلىيەت ۋە قاتتىق تۈزۈم بىلەن سىستېمىلىق تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرچە تورلاردا تونۇشتۇرۇلغان، ۋەتەندە ۋە چەت ئەلدە ياخشى نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئائىلە تەربىيىسىنى ناھايىتى چىڭ ۋە ناھايىتى سىستېمىلىق تۇتقان. بالا تەربىيىسىنى باشقا كۆپلىگەن ئىشلاردىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان. بىزنىڭ ھوقۇق ۋە كەسىپ جەھەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك نوپۇزغا ئىگە بولغان كىشىلىرىمىز ئىچىدە بالىلىرى ياخشى چوڭ بولماي، يامان يولغا كىرىپ كەتكەن ئەھۋاللار ئاز ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق، ئۇلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا ئۆز خىزمىتى ياكى ئۆز كەسپى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، بالىسىغا ئانچە ۋاقىت ئاجراتمىغانلىقىنى بايقايمىز. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە ئۆزلىرى ئويۇن-تاماشىغا بەك بېرىلىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن بالىلىرىغا ئانچە ۋاقىت ئاجرىتالمىغان، ياكى بالا تەربىيىسىگە پۈتۈنلەي سەل قارىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار ئىچىدە يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئىنتايىن كۆپ. قىسقىسى، بالىغا ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتىش بىر خىل روھىي مەبلەغ سېلىش جەريانى، بالىنى ئىلمىي قائىدىلەر بويىچە سىستېمىلىق تەربىيىلەش بولسا بىر خىل سىستېما ئىنژېنېرلىقى جەريانى بولۇپ، سىز مەبلەغنى قانچە كۆپ سالسىڭىز، ھەمدە ئىنژېنېرلىقنى قانچە ئىلمىي ۋە سۈپەتلىك قىلسىڭىز، سىز ئېرىشىدىغان نەتىجىمۇ شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە ياخشى بولىدۇ. مەن مەزكۇر يازمىنىڭ بالا تەربىيىسىدە توغرا يول تاپالماي قالغان ئاتا-ئانىلارغا بىر ئاز ياردەم قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
bagdax

0

تېما

0

دوست

5667

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1812
توردىكى ۋاقتى: 635
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پەرزەنىت تەربىيىسى ئۇچۇن قەلەم تەۋرەتكەن قوللىرىڭىز دەرىت كۆرمىگەي ، پەرزەنىتلەر بىزنىڭ كەلگۇسىمىز . پەرزەنىتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلىسەك كەلگۇسىمىز پارلاق بولدۇ . ياشانغاندا غەم - ئەندىشىسىز ياشايمىز .

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3698
توردىكى ۋاقتى: 1219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تولىمۇ ياخشى مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز . اللە رەھمەت قىلغاي .

     پەرزەنت تەربىيىسىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش ، ئەلالاشتۇرۇش ، ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تولىمۇ مۇھىم ، تەخىرسىز ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرسى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ___ ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش ھەم بالىسىغا مەسئۇل بولۇشتۇر . اللەقا ئامانەت .

3

تېما

38

دوست

9151

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2914
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
لىكىن بىز بى نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىمىز، ھە ىسە ئاتا-ئانىغا ئارتىپ قويۇش، نەزەريەگە ئىسىلۋىلىش. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ باللىرىنىڭ ئىچىدىمۇ خېلى ياخشى پەزىلەتلىك بالىلار يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ئاجراشماي دەرقەمدە چوڭ قىلغان بالىلارنىڭ ئىچىدىن ھەر ناكەس بالىلارمۇ چىقىدۇ. بىز ئوقۇۋاتقان چاغدا شىنجاڭ داشۆنىڭ ئىچىدە ئۆيى بار بىر توپ لۇكچەك بالىلار بار ئىدى. ئۇلار ساپلا مۇشۇ داشۆنڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باللىرى، دادىلىرى ھەر دوتسىنىت يەنە بىرنىمە، ئۇنىڭغا نىمە دەيسىز. نى ھاراقكەش زابويلارنىڭ باللىرى ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ. ئىچكىردىكى تولۇق ئوتۇرا سىنىپلىرىغىمۇ ساپلا كەمبەغەلنىڭ باللىرى بىرىۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ بىر كىنو بولىدىغان بالىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ تەربىيەلەش مەزمۇندا.
bagdax

3

تېما

38

دوست

9151

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2914
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىشقىلىپ چەتئەلنىڭمۇ چاغلىككەن دەپ قارايمەن. بىر چاغدا بەك داڭلىق بالا تەربىيەلەش كىتاۋى دەپ كىتىشكەن بىر كىتاپنى ئىلىپ ئوقىسام نەشە چەكسە ئۇنداق تەربىيە بىرىش بۇنداق تەربىيە بىرىش دەپ يىزىپتىكەن كۆتەر قاسقىنىڭنى دەپ تاشلىۋەتكەن ئىدىم.
مېنىڭ بالام يالغۇزلۇقتا كومپىيۇتۇرغا بەك چاپلىشىۋالغان. تەنتەربىيەگە ئائىت نەسىلەرنىمۇ جىق كۆرەتتى ئەلۋەتتە. ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى ناخشىچى  يەنە بىرنىمىچىلەرگىمۇ قىزىقىدۇ شۇ. ھىلىقى جاستىن بىيبىر دىگەننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ قويسىلا بولىدىغان شۇمكەن. ئۇ توغرىلىق خەۋەرلەرنى ئىز قوغلاپ ئوقىسىڭىز ھۆ قىلىسىز. بالام ئەقىلىقكەن دەپ قالغانتىم ئۇ جاستىن بىيبىرغا ئىچىنىپ «چەتئەلنىڭ جەمىيىتى بەك مەينەتكەن. جاستىننى كاردىن چىقاردى» دىگەەنتى.

3

تېما

38

دوست

9151

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 2914
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بالا تەربىيەلەش توغرىسىكى نەزەريەلەرنى پەقەت « تاماكا چەككەنلەر ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدۇ » دىگەندەك نەزەريە قاتارىدا مۇئامىلىە قىلسا بولىدىكەن دىسەك بولىدۇ.

0

تېما

13

دوست

1294

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51036
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سېزگە ،بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سەل قارلىۋاتقان ئىشنىڭ بېرى پەرزەنىت تەربىيلەشكە ئائىت يازمىدىن بىرنى سۇنۇپسىز ،ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق تىنىڭىز ساقسالامەت ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن .....

مەن تۆۋەندە پەرزەنىت تەربىيلەشكە ئائىت قىسقىغىنا مىسالنى ئېلىپ كەلدىم ،گەرچە بۇ باشقىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يېزىلغان بولسىمۇ پەرزەنىت تەربىيلەشكە ئائىت ماتىريال ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلارغا مەلھەم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمۈدتە سۇندۇم باشقىچە مەقسىدىم يوق ،ئەگەر يەنا ئۇچۇرتۇپ قالسام تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن ،

پوزىتسىيەنىڭ كۈچى
گۈلمىرە مەمەت
بىر ئائىلىدە بىرىنچى يىللىقىتا ئوقۇيدىغان بالا كۈندە دېگۈدەك ئورنىدىن بۇرۇن تۇرمايدىكەن. ئۇنىڭ ئانىسى بالدۇر قوپۇپ، يۈزلىرىنى يۇيۇپ بولۇپ بالىسىنى چاقىرىدىكەن، «بالام قوپقىن، مەكتەپكە كېچىكىسەن». لېكىن بالىدىن سادا چىقمايدىكەن . 10مىنۇتلار ئۆتتى، بالا يەنە قوپمىدى، ئانىسى سائەتكە قاراپ كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى-دە، بالىسىنى ئورنىدىن تارتىپ ئويغاتتى ھەمدە ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈرگەچ قاقشىدى:«بالدۇر قوپقىن دېسەم گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭ، كېچىكىدىغان بولدۇڭ، نەچچە قېتىم دېسەم مىتمۇ قىلماي ئۇخلىدىڭ».
ئوخشاش بىر ئائىلە، ئوخشاش بىر بالا، ئوخشاشلا ئورنىدىن قوپقۇسى كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ دادىسى بالدۇر قوپۇپ، ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ، سائەتكە قاراپ بالىسىنى ئاستا ئويغىتىدىكەن:«خەيرىلىك سەھەر بالام...» بەزىدە بالا كۆزلىرىنى ئاچالمايدىكەن، يەنە بەزىدە كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ تۇرۇپ:« دادا، خەيرىلىك سەھەر» دەپلا قايتىدىن ئۇخلاپ قالىدىكەن.
دادا بالىسىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تۇرۇپ:«مەن ساڭا بىر كىچىك مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەي بالام،  10مىنۇتتىن كېيىن ئورنىڭدىن قوپۇشىڭ كېرەك، سەن يەنە 10مىنۇت ئۇخلىيالايسەن» دەپلا چىقىپ كېتىدىكەن. 10مىنۇتتىن كېيىن دادا بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ بالىنى قۇچاقلاپ ئورنىدىن قوپقۇزۇپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا 15مىنۇت ۋاقىت بېرىپ، يۈزكۆزلىرىنى يۇيۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىشنى ئېيتىپتۇ.
بىر ئائىلىدە بالا كۈندە تاپشۇرۇق ئىشلىگىسى كەلمەيدىكەن. ئانا ئىنتايىن ئالدىراشكەن، ئانا ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا بالىنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇيدىكەن، ئاندىن يەنە ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىپ كېتىدىكەن، بىردەمدىن كېيىن ئانا بالىسىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغان بولمىغانلىقىنى سورايدىكەن،بالا:«بىردەمدىن كېيىن ئىشلەيمەن» دەيدىكەن. بۇنداق ئىشلار نەچچە قېتىم قايتىلىنىدىكەن، ئاخىرىدا بالا جاۋاپ قايتۇرۇشقىمۇ ئېرىندىكەن، بەزىدە ئاڭلىمالىققا سېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قونچىقىنى ئوينايدىكەن، رەسىمىنى سىزدىكەن. ئانا ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولۇپ بالىغا:« سەن ھازىلا تاپشۇرۇق ئىشلە». بالا:«ئىشلىمەيمەن، مەن ئوينايمەن». ئانىنىڭ ئاچچىقى تېخىمۇ كېلىدىكەن:«بۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ، ئەتە مۇئەللىم سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بېرەسەنكىن.» دەپ ئىشكىنى چىڭ يېپىپ چىقىپ كېتىدىكەن. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئانا بالىنىڭ يېنىغا كىرىپ قارىسا بالا يەنىلا ئويناۋاتاتتى.
ئوخشاش ئائىلە، ئوخشاش بالا، ئوخشاشلا كۈندە تاپشۇرۇڭ ئىشلىگىسى كەلمەيتتى. دادىمۇ ئالدىراش يۈرۈيتتى. لېكىن بالا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادا بالىنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئالدىراتمايتتى، بالىسىغا:«سەن 20مىنۇت ئوينىغىڭ كەلگەن نەرسىنى ئوينىغىن، ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلە.» بالا خۇشاللىقىدىن سومكسىنى تاشلاپ ئوينىغىلى كىرىپ كەتتى، 10مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن دادا بالىغا يەنە 10مىنۇت قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ۋاقىت توشتى، دادا بالىنىڭ يېنىغا كىرىپ قارىدى، بالا ئويناشتىن توختاپ، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىشتى.
مەن يۇقارقى كىچىككىنە ئىشلارنى بىر ژۈرنالدىن كۆرۈپ قالدىم. بۇ مىسالدىن دادا بالىنى مۇشۇنداق باشقۇرسا، بالا ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئەگەر بۇ مىسالدىكى ئانا يەنە داۋاملىق بۇرۇنقى ئۇسۇل بويىچە بالىنى تەربىيلىسە بالا ئوخشاشلا ئويناۋېرىدۇ، ئۇ ئامال قىلىپ ئانىنىڭ تەنبىھىدىن قېچىشنى ئويلايدۇ،بۇ پەقەت دەسلەپكى باسقۇچ خالاس.
مانا بۇ پوزىتسىيەنىڭ كۈچى. دادا بالىنىڭ 20مىنۇت ئوينىشىغا قوشۇلدى، بۇ بالىغا بېرىلگەن ئويناش مۇھىتى، بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدۇر، دادا بالىغا 10مىنۇت بۇرۇن ئەسكەرتىش بەردى، بۇ بالىنى ئالدىن تەييارلىق قىلىش پۇرسىتىنى بېرىپ، ئۇنىڭ قىلغۇسى كەلمىگەن ئىشنى بىراقلا قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىدۇر. بالىدا ۋاقىتنى كونترول قىلىش، پۇرسەتنى تاللاش، ھۆرمەت قىلىش، قوللاش پوزىتسىيەسى بار بولسا، بۇ بالىدىكى پىسخىكا باشقا بالىلاردىن ياخشى بولىدۇ، بالىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى، مىجەزى چوقۇم  باشقىچە بولىدۇ.  بالىنى تەربىيەلەشتە ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈش كېرەك، سىزنىڭ بالىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىڭىز، قورقۇتۇش ھوقۇقىڭىز يوق، سىزنىڭ پەقەت ئۇلارغا ياردەم قىلىپ تېخىمۇ ياخشى بولۇشقا ئىنتىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىڭىز بار، شۇڭا ئۇلارغا ياخشى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشڭىز كېرەك.

1

تېما

4

دوست

1152

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77903
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەليۈكسەل ئاكا ئەھۋالىڭىز قانداراق ،3ھەپتە يوقاپ كەتتىڭىز جىمۇ سىز ،قارىغاندا بەك بەك ئالدىراش ئوخشايسىز ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )