توغراقلار قەبرىستانلىقى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
چوققىلار قالدى، يۈرەكتىن قادىدىم بايراق ساڭا، كۆكتە ماتەم، يەردە قايغۇمدىن چېقىپ چاقماق ساڭا.
ئۈششۈگەن ياپراق تىلىم سۆزلەر رىۋايەت ياپيېشىل، ئەي جاراھەتلىك خىيالدا كۆكلىگەن توغراق، ساڭا.
شاخ-شېخىڭدىن بىخلىنىپ ئۈنگەي پەرىشان ئەسلىرىم، يىلتىزىڭ جانغا تۇتاش، باغرىم چىلان تۇپراق ساڭا.
تاشلىدىم قاخشال غولۇمنى تا قىيامەت دەشتىگە، سۇلىرى كەۋسەر مۇھەببەتتىن ياساپ قىرغاق ساڭا.
ئاڭلىدىم جادۇ بوران كەسكەن ئۈنۈڭنى كۆكتىكى، كۈندە زارىم، تۈندە نالەم تۆكىدۇ توزغاق ساڭا.
ئۆتتى مىڭ يىل قارچۇقۇمغا سۈرىتىڭنى سىزغۇچە، كۆزلىرىمنىڭ نۇرىدىن پۈتكەي دېدىم قوۋزاق ساڭا.
بەلكى ئالىپ ئەرتۇڭا سەن، ئەي زېمىننىڭ قۇردىشى، بار قەسەميادىم: ھامان ئاسمان-زېمىن مۇشتاق ساڭا!
2016-يىلى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېڭىسار.
توغراقلار قەبرىستانلىقى
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى
بۇ بىر شەھەر، قۇمغا يېرىم كۆمۈلگەن پۇخرالىرى قېتىپ قالغان توغراقلار. گويا ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئاخىرى ئۆلۈپ قالغان ئانىلار ۋە بوۋاقلار.
ۋەھىمىلىك سۈكۈتلىرى سۆزلەيدۇ پەريادىنى دەرەخلەرنىڭ شامالدا. قۇياش كېلىپ مۇشۇ جايدا تۈنەيدۇ مۇساپىردەك ھەر ئاخشىمى زاۋالدا.
ئۇچراپ قالار شۇنچە تونۇش چىرايلار، بىر چاغلاردا بىر يەرلەردە ئۇچراشقان. ياكى سېنىڭ مەھەللەڭلىك ھەممىسى كېتىپ، سەنلا يالغۇز قېلىپ ئاداشقان.
ھەر بىر دەرەخ بىر ئادەمدۇر، بىر تارىخ ھەر كۆڭۈلدە ھەرخىل ھالەت، ھەرخىل ئوي. دەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ ئۇ ماڭا: «مالال قىلما ئەي يولۇۋچى يالغۇز قوي.»
ماڭغاچ تۇرغىن بۇرادىرىم ئالدىڭغا بىردەم يالغۇز قالاي مەنمۇ بۇ يەردە. ئۆلۈمۈمنى ئەسكە سالدى توغراقلار قۇم ئۈستىدە مومىيادەك ھالەتتە.... |