- تىزىملاتقان
- 2014-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9998
- نادىر
- 1
- يازما
- 501
ئۆسۈش
99.96%
|
ھاياتلىقتا بىر ئۆمۈر چاپتۇق، يۈگۈردۇق، ھاردۇق،ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، ئىشلىرىمىز تۈگەپ قالمىدى. بىر ئۆمۈر تىجىدۇق، يىغدۇق، ساقلىدۇق، لېكىن يىققان پۇلىمىز يەنىلا يىتەرلىك بولمىدى. بىر ئۆمۈر چىدىدۇق، قورقتۇق، يول قويدۇق، شۇنچە ئىھتىياتچان بولساقمۇ ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭلىمىزگە ئازار بەردى. بىر ئۆمۈر ئۈگەندۇق، يادلىدۇق، شۇنچە ئەقىللىق بولساقمۇ يەنىلا زىيان زىيىنىمىز ئاز بولمىدى.
40 ياشتىن ئاشقاندا شۇنى ھىس قىلدۇقكى، بۇ جاھان بەكلا كەڭرىكەن ، لىكىن بىز بەكلا كىچىككەنمىز.شۇڭا ھەممىلا ئىشنى مۇھىم بەك تۇرۇۋالماسلىقىمىز كىرەككەن. بىز ئالىقاچان بەك چارچىدۇق، ھالىمىز قالمىغىلى تۇردى، يەنىلا ئۆزىمىزنى ئەيىپلەمدۇق؟ ھاياتلىقتا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدىكەن ،يۈرەك قىنىمىزنى سەرىپ قىلىپ بولاي دىدىۇق، ئاقىۋەت قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك، چۈنكى ھىچكىم بۇ دۇنياغا باقىۋەندە بولغان ئەمەس.
40 تىن ئاشقاندا ھاياتلىقلىقنىڭ ناھايىتى قىسقىلىقىنى تۇنۇپ يەتتۇق، شۇڭا ھاياتلىقتىكى بەزى ئىشلارنى زىغىرلاپ ئولتۇرمايلى، چۈشەنمىگىنىمىز شۇ پىتىچە قالسۇن. باشقىلار يىشەلمىگەن سىرلارنى سىزمۇ يىشىمەن دەپ يۈرمەڭ. كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن ئىشلار بولسا شۇ پىتىچە تاشلاپ قويۇڭ. بەزى كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرنى ئادەمسىز چۆللۈككە ئاپىرىپ ساقلاپ قويۇڭ. ئۆزىڭىزگە ھەر دائىم مەن مۇكەممەل بولمىساممۇ، سەمىمى بولۇشۇم، باي بولمىساممۇ خوشال بولۇشۇم كىرەك دەپ تۇرۇڭ.
40 تىن ئاشقاندا سىز قاخشاش بىلەن دۇنيانى ئۆزگەتكىلى بولمايدىغانلىقىڭىنى ھىس قىلدىڭىز، سىز قاخشىڭىزمۇ ھاياتلىق يەنىلا بۇرۇنقىدەك كىتىۋەردى، ئەكسىنچە ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋەتتىڭىز. سىز يىغلىسىڭىز تۇرمۇش سىز ئۈچۈن ياش تۆكۈپ بەرمىدى.سىز ئازاپلانسىڭىز تۇرمۇش سىزنى بەزلەپ قويمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم خوشال يۈرۈڭ.
40 تىن ئاشقاندا تۇرمۇشنىڭ بىر چۆگۈن سۇغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىڭىز ، بەكرەك قايناپ كەتسىڭىز تىشىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلدىڭىز. شۇڭا ، 40تىن ئاشقاندا باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن بەرگەن باھاسىغا دىققەت قىلىپ كەتمەڭ.چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ.
40 تىن ئاشقاندا شۇنى چۈشەندىڭىزكى، ئۆزىڭىزنى تەڭلىكتە قويماڭ، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ خوشاللىقىڭىزنى يۈتتۇرۇپ قويماڭ. ئانچىكىم كۆڭلىڭىزنى ئۇتۇپ قويغانلار ئۈچۈن ئۈمرىڭىزنى خورىتىپ ئازاپلىنىپ يۈرمەڭ. ھاياتلىق سىزگە نىمە بەرگەن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ. ئۇنى قوبۇل قىلىڭ. مانا بۇ ئەڭ توغرا ياشاش پوزىتسىيەسى.
40 تىن ئاشقاندا ئەمدى كۆپ ۋاقتىڭىز قالمىدى، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىڭ.كۆڭلىڭىز يېرىم بولسا مۇزىكا ئاڭلاڭ، دوسلار بىلەن مۇڭدىشىڭ، بەختىڭىزنى يۇتتۇرۇپ قويماڭ. ھارسىڭىز ئىشنى توختىتىپ ئارام ئىلىڭ. سالامەتلىكىڭىزنى كاردىن چىقارماڭ.
40 تىن ئاشقاندا ئەمدى ئاللكىمكەرنى ساقلاۋەرمەڭ. ھىچقاچان ئىشلىتىپ باقمىغان، ئىشكاپكا چىڭ سىلىپ ساقلاۋاتقان پار-پۇر قاچىلىرىڭىزنى ئەپچقىپ ئىشلىتىڭ. كىيمىگەن كىيىملىرىڭىزنى كىيىڭ، ئاددى ياشاڭ، باشقىلار بىلەن دۈشمەنلەشمەڭ، رىقابەتلەشمەڭ.
خەنزۇچە توردىن تەرجىمە قىلىنغان. |
|