- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5957
- نادىر
- 2
- يازما
- 272
ئۆسۈش
19.14%
|
ئاۋازغا بىرىلگەن شەكىل بىلەن تىلغا بىرىلگەن شەكىلنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپەتتە بىرىكىشى كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان سەنئەت ئەسىرى-ناخشىنى تۇغىدۇ. تىل بىلەن ئاۋازنىڭ ئىستىتىك بىرلەشمىسى بولغان ناخشا سەنئىتىدە تىكىسىت بىلەن موزىكىغا جان كىرگۈزۈش ۋە دىنامىك بىرىكمىگە ئىگە قىلىش ئىنتايىن موھىم.
شائىر ۋە كومپىزىتۇر ئوخشاش بىر شەيئىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئوخشايدۇ. سەنئەت ئەسىرىنى يارىتىش جەريانى ۋە سەنئەت مەقسىتى ئاساسەن پەرىقسىز.ھەر ئىككىسى ئۆز تۇيغۇلىرىنى سەنئەت ئەسىرىدە ئىپادىلەشنى ۋە ئۆز ئىستىتىك ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. سەنئەتنىڭ خارەكتىرى يىڭىلىق يارىتىشتۇر.ئۇ تەكرارلىق ۋە دوراش بىلەن ئەمەس ئۈزلۈكسىز يىڭىلىق يارىتىش بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. سەنئەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىنغان ناخشا يىڭى ئاھاڭ بىلەن يىڭى ئىماگنىڭ قۇچاقلىشىشى بىلەن تۇغىلىدۇ.
ناخشىچىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ۋە ناخشا ئىيتىش تىخنىكىسىغا تىل بىسىم قىلىدۇ. ھەرىپ، تاۋۇش، ھەجە ناخشا ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كومپىزىتۇرنىڭ موزىكا ئىجادىيىتىمۇ ئەمەلىيەتتە تىل ياراتقان مىلودىيە موھىتىنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. باشقا تىلنى ئۈگۈنۈش ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ موزىكا رىتىمىنى چۈشۈنۈش ۋە تەدبىقلاش كومپىزىتۇر ۋە ناخشا ئىجادىيەتچىسىنىڭ يىڭىلىق يارىتىشىغا تىخىمۇ چوڭ ئىمكان يارىتىپ بىرىشى مومكىن. ھەرقانداق ناخشىدا ناخشا تىكىستى بىلەن موزىكىنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە مىلودىيىلىك بىرىكىشىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىش كىرەك.
موزىكا باشقا سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاش مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. لىكىن مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىرلەشمىسى باشقا سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاش ئىنىق ئەمەس. شۇنۇڭ ئۈچۈن موزىكا يۈكسەك دەرىجىدە ئابىستىراكىتتۇر. تىكىستلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە سەنئەت ئەسەرلىرىدە مەزمۇن سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. تېكىسىت بىلەن موزىكا بىرلەشكەندە شېئىردىكى سۆز موزىكىدىكى مەزمۇنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ. موزىكىغا كىرگەن تىكىسىت موزىكىنىڭ مەزمۇنىنى سىزىدۇ. دىمەك ناخشا تىكستى موزىكىنىڭ ئىستىتىكلىقى ۋە مەزمۇنىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
موزىكا ۋە تىكىسىتنىڭ بىرلەشكەندىكى تۇيغۇسى تىكىست ۋە موزىكىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ھالىتىدىكى ياراتقان تۇيغۇ بىلەن ئوخشىمايدۇ. موزىكا شېئىرنىڭ سەنئەت خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتسە، شېئىر موزىكىنىڭ مەزمۇنىنى تۇرغۇنلاشتۇرىدۇ.
كومپىزىتۇر موزىكا ئىجادىيىتىدە تىخنىكا جەھەتتىن قوللىنىدىغان ئەڭ موھىم خام ماتىريال تىلدۇر. تىلنىڭ رىتىمىك قۇرۇلمىسى، مەنا يۈكى، ئاھاڭدارلىقى ۋە باشقا دىنامىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ.
تۇيغۇ ئاۋۋال رىتىمگە، رىتىمنىڭ مەنا يارىتىشى بىلەن موزىكىغا، سۆز بىلەن تۇراقلىشىشى بىلەن ناخشىغا ئايلىنىدۇ. كومپىزىتۇر ۋە شائىر ئەسەر ئىجادىيىتىدىن كىيىن ئەسەر ئۆلۈك تۇيغۇدىن مەۋجۇتلۇققا ئايلىنىدۇ. ناخشىدىن ئىبارەت ئاكۇستىك جانلىق ناخشىچىنىڭ قەلبى بىلەن تۇتۇشۇپ كىتىشى كىرەك. كومپىزىتۇر ۋە شائىر ئۆز تۇيغۇسىنى قانداق قىلىپ بىر مەۋجۇتلۇققا ئايلاندۇرالىغان بولسا ناخشىچىمۇ ئاۋازى بىلەن بۇ ئىككى ئۇنسۇرنى شۇ تۇيغۇ بىلەن قايتىدىن يارىتىدۇ.
شۇڭا ناخشىچى پەقەت چالغۇ ئەسۋاپلىرىغا ئىگە، سەھنىگە چىقىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ ئويۇن قويىدىغان سىرىكچى ئەمەس، ئۆزى ئىجرا قىلىۋاتقان سەنئەت ئەسىرىنىڭ تىگىگە يىتىدىغان، موزىكا بىلەن تىكىستنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدىغان، چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە سەنئەت روھىغا ئىگە كىشى بولىشى كىرەك.
سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرغاندا ھەرقانداق سەنئەت ئەسىرىدە شەكىل مەزمۇنغا باغلىق بولىشى كىرەك. شەكىلگە بىرىلىپ مەزمۇننى تاشلاش سەنئەتنىڭ ئىپادىلەشچانلىق فۇنكىسيىسىگە مۇخالىپلىقتۇر. ناخشا تىكسىتىدىمۇ موزىكىنىڭ ئەركىنلىكى شېئىرنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن يۇغرىلىنىشى كىرەك. تۇيغۇ قاپىيە ۋە ۋەزىن بىلەن تەرتىپلەنمەيدۇ. شېئىردا بولۇپمۇ ناخشا تىكىستلىرىدا زىيادە قاپىيە ۋە ۋەزىن قوغلىشىش موزىكا بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە موزىكا بىلەن تېكىسىت ناخشىدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇقام توۋلاپ كىتىۋىرىدۇ. ئەگەر شەكىل لازىم بولسا چوقۇم مەزمۇنغا باغلىق بولىشى كىرەك. مەزمۇندىن مۇستەقىل شەكىل سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىدىن مۇستەسنادۇر.
مەدھىيە ۋە مەرسىيە خارەكتىدىكى باھالاشنى مەقسەت قىلغان يازمىلار ۋە ئەسەرلەر ئەڭ ياخشىسى ماقالە كاتوگورىيىسىدە قالغىنى ياخشى. سەنئەت ئەسىرىدە تۇيغۇ سۆزلىنىدۇ، تۇيغۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئەڭ ئىچىنىشلىق پەيىتتىكى سىزىمنى ياكى ئەڭ خوشال ۋاقىتتىكى ھىس قىلىشنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەش سەنئەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
مەلۇم موزىكىغا تىكىسىت يىزىلسۇن ياكى مەلۇم تىكىسىتقا موزىكا ئىشلەنسۇن موھىم نۇقتا موزىكا بىلەن شېئىرنىڭ تۇيغۇ جەھەتتىكى ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئاھاڭدارلىق جەھەتتىكى ئاكۇستىك ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى ئىنتايىن موھىم.
ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ئاۋازى ۋە ئىجرا ماھارىتى شېئىر بىلەن موزىكىنىڭ باغلىنىش تۈگىنى. ئىجرا قىلغۇچى ئىجرا ماھارىتىدە تىخنىكىغا پىشقان بولىشى، موزىكا بىلەن شېئىرنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا چۆمگەن بولىشى كىرەك. سەنئەت سەۋيىسى يۇقرى، چۈشەنچە ۋە پىكىر جەھەتتە چوڭقۇر سەنئەتكارلارنىڭ موزىكا ۋە شېئىر تەلىپى ئادەتتىكى كوچا سەنئەتكارلىرىدىن يۇقىرى بولىدۇ. قانچە سەۋىيە يۇقىرلىغانسىرى قوغلاشقان تېكىسىتنىڭ سەۋيىسىمۇ يۇقۇرلايدۇ. ئىجرا قىلغۇچى ئاۋازنىڭ كۈچىگە ياكى يۇمشاقلىقىغا ئەمەس، ئىيتىش ماھارىتىگە، يۇمشاقلىق ۋە قاتتىقلىقنى ماسلاشتۇرۇشقا، ئاۋاز چىقىرىش تىخنىكىللىرى ۋە ماھارەتلىرىگە تايىنىدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۈن شېئىر ۋە موزىكىنىڭ ئاكۇستىك بىرىكىشىگە مەزمۇن ئورتاقلىقىغا دىققەت قىلغاندىن سېرت ئىجرا قىلغۇچىنىڭ سەنئەت سەۋىيىسى ۋە ئىپادىلەش ماھىرىتىگىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك.
قاپىيەگە ئۇستا ھەممە ئادەم شائىر بولالمايدۇ، تاراڭ-تاراڭ قىلغان ھەممىسى موزىكانىت ئەمەس، ئوخشاشلا ئاۋازىنى قويۇپ ناخشا توۋلىغان ھەممىسىلا ناخشىچى بولالمايدۇ.
مەلۇم بىر تىلنىڭ تاۋۇش ۋە مەزمۇن چەكلىمىسىدىن چىقىپ تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقتا ئىجادىيەت قىلالايدىغان دۇنياۋىي سەنئەتكارلارنىڭ چىقىشى ئۇلاردىن كەڭ تەپەككۈر ۋە تۇيغۇ ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىدۇ.
|
|