قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 783|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78914
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ
فەرۇق ئۇدۇنى

‏يۇلتۇز كەبى چاقناق كۆزۈڭ تورلاشتىمۇ!؟
‏مېھىر بىلەن يانغان يۈزۈڭ قولاشتىمۇ!؟
‏قىرانلىقتا باسقان ئىزىڭ دۇغلاشتىمۇ!؟
‏دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟‏

‏ئەللىك يازنىڭ تومۇزىغا بېشىڭ ئەگمەي،
‏ئەللىك قىشنىڭ جۇدۇنىغا ھېچ تەن بەرمەي،
‏ئەللىك باھارنىڭ پەيزىنى بىر سۈرەلمەي،
‏دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟‏

‏ھاياتىڭدا بارلىقىڭنى  بىزگە ئاتاپ،
‏جاپالاردا چىشىڭ چىشلەپ قالماي ۋايساپ،
‏ياخشىلىقتا جان بالام دەپ بىزنى ئويلاپ،
‏دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟‏

‏يىللار ئۆتتۈڭ ناھەقلىككە قۇربان بولۇپ،
‏نۇر ئىشقىدا يانغاچ قەلبىڭ ۋولقان بولۇپ،
‏قىرانلىقىڭ كەتتى شۇنداق خازان بولۇپ،
‏دادا شۇنداق قەلب گۈلۈڭ سولاشتىمۇ!!؟؟‏

‏ئۆتتۈڭ شۇنداق ۋىژدانىڭنى خاقان قىلىپ،
‏ھاياتىڭغا ئىيمانىڭنى مىيزان قىلىپ،
‏ئازابىڭغا گۈزەل سەبىر غەمخان قىلىپ،
‏دادا  سەبىر كۆچىتىڭ چېچەك ئاچتىمۇ!!؟؟‏

‏‏********************************

‏تەنتەكلىكتە قويسام سۆزۈڭ ئاڭلىماي،
‏چۈشەندۈردۈڭ ھارماي تالماي قاقشىماي،
‏چۈشەندىمغۇ...ئەمدى مېنى ساقلىماي،
‏دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ!!؟؟‏

‏نە بۇ ۋاقىت نېچۈن ئۆتەر شۇنچە تىز،
‏قالدۇرۇپتۇ يۈزلەرىڭدە يول يول ئىز،
‏شۇ ئىزلارغا سەۋەبچىمۇ يەنە بىز ،
‏دادا ئىزلار يۈزلىرىڭگە ياراشتىمۇ!!؟؟‏

‏نېچۈن دادا شۇنچە ھارغىن يۈزلەرىڭ،
‏نېچۈن دادا شۇنچە غەمكىن كۆزلەرىڭ،
‏بىلدىم دادا ھېكمەت ئىكەن سۆزلەرىڭ،
‏دادا يىللار ساڭا تەتۈر قاراشتىمۇ!!؟؟‏

‏رازى بولغىن دادا نادان ئوغلۇڭدىن،
‏گۈللەر ئۈنسۇن دۇئا قىلغان قولۇڭدىن،
‏ھېچ قايتماسمەن سېنىڭ ماڭغان يولۇڭدىن،
‏دادا يېشىم ئەللىككە ئۇلاشسىمۇ!!؟؟‏

‏2015.7.7

‏نادان ئوغلۇڭدىن رازى بول جېنىم دادا!!!‏
bagdax

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3698
توردىكى ۋاقتى: 1219
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
     دادىنىڭ بالىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ، سىڭدۈرگەن ئەجر - مېھنىتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپسىز . بولۇپمۇ بالىنىڭ __ دادىنىڭ دىلىنى ئېرىتىپ ، قولىنى دۇئادىن چۈشۈرمەيدىغان ھالەتتە رازىمەنلىكىنى ئۇرغۇتىۋېتىدىغان چىن ھىسىياتنى :
     ‏« رازى بولغىن دادا نادان ئوغلۇڭدىن،
‏     گۈللەر ئۈنسۇن دۇئا قىلغان قولۇڭدىن،
     ‏ھېچ قايتماسمەن سېنىڭ ماڭغان يولۇڭدىن، » __ دېگەن مىسرالاردا تولىمۇ يارقىن ئىپادىلەپسىز . اللە ئەجرىڭىزنى بەرگەي .

0

تېما

0

دوست

212

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77835
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-22
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دادا بولۇپ دادا قەدرىگە ، ئانا بولۇپ ئانا قەدرىگە يىتىدىكەنمىز ، يەنە ئويلاپ باقسام ياشلىقىمىزدىكى ھەۋەسلىرىمىزنىڭ ھەسرىتىنى ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا ئاندىن ھېس قىلىدىكەنمىز ...
دادىڭىزدەك ئىرادىلىك بولىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ، لېكىن دادىڭىزنىڭ ئىزىدا مېڭىپ قويۇپ قىسمەتلىك تارىخنىڭ قايتىلىنىپ قېلىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن !

2

تېما

23

دوست

6471

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2013
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-22
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەك ئىسىل نادىر ئەسەر بۇپتۇ بارىكاللاھ  تىخىمۇ ئىسىل يازمىلارنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ! ئاپىرىن ...
bagdax

0

تېما

0

دوست

1717

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  70714
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دادىنىڭ ئوبرازىنى بەك جانلىق تەسۋىرلەپسىز قېرىندىشىم، شۇنداق تەسىرلەندىم. بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ يىراقتا قالغان ئاتا-ئانامنىڭ مەن بۇ شەھەرگە يول ئالغان ۋاقىتتىكى غەمكىن قىياپىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. شېئىرىڭىز ئىپادىلەش جەھەتتىن ئاتا ئوبرازىنى شۇنداق جايىدا تەسۋىرلەپتۇ، ھەربىر مىسرالىرى جايى جايىغا كېلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )