شەيتانغا سۆز
شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
شەيتىنىم، مۇڭداش لېۋەن، يەتتە گۈلخان ياق كېلىپ، شەيتىنىم، بىر جان ئۈچۈن تىغنى بەتلە تېز ئېلىپ.
شەيتىنىم، قەلبىمگە داغ، يوللاردا زۇلمەت بەر ماڭا، شەيتىنىم، تۆھمەت بىلەن مېنى «ئاقلا» سەن شىلىپ.
شەيتىنىم، سۆيسەم سېنى، سەن يېنىشلاپ سۆي مېنى، شەيتىنىم، گۈللەر بىلەن خانەڭدە كەتكۈم بار چىرىپ.
شەيتىنىم، ئاپئاق بەدەن، مېھرى ئوتلۇق گۈل نىگار، شەيتىنىم، باغلا مېنى «سۆيگۈڭ»دە كەتتى جان ئېرىپ.
شەيتىنىم، باققىن مېنى، سۆيگىن مېنى، سۆيگىن مېنى، شەيتىنىم، نۇرلۇق قۇياش، بول نۇرانە، تۇر يېنىپ.
شەيتىنىم، يايرىڭ بولاي، غەمدىن مېنى قىلغىن ئازاد، شەيتىنىم، تۇپراق بولاي، باغرىمغا شۇمبا قوي تېرىپ.
شەيتىنىم، مەن بىر غېرىب، مەن بىر تاماشا كۆرگىچى، شەيتىنىم، قەلبىمدە جام، باغرىمدا ۋولقان ئىچ قېنىپ.
شەيتىنىم، ئالقىش ساڭا، رەھمەت ساڭا، گۈللەر ساڭا، شەيتىنىم، پاكلىقنى خوپ، كۆرمە يېقىن، قالما بىلىپ.
شەيتىنىم، دەۋزەخقا كەل، ساڭا ئۈلپەتداش بولاي، شەيتىنىم، غەلبەڭ ئۈچۈن ماڭا قويغىن تاش ئېتىپ.
2016- يىل 19- سېنتەبىر، خوتەن لوپ |