كوللىكتىپنى يىتەكلەشتە، سىز بۇ پىرىنسىپلارنى بىلەمسىز؟
باشقۇرغۇچىلار ناھايىتى ئاسانلا سادىر قىلىپ قويىدىغان خاتالىق بولسا خارەكتىرى، قىزىقىشى، ئىقتىدارى ئۆزىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان خىزمەتچىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئوخشىمىغانلارغا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولۇش .
ئون بارماق ئوخشاش بولمايدۇ، لىكىن ھىچقايسىمىز باش بارماق قىسقا، ئۇنىڭ رولى يوق دىيەلمەيمىز، خىزمەتچىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ.
باشقۇرغۇچى چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ كوللىكتىپنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ چوڭ قىممەت يارىتىش كېرەك.
تۈر لىدىرى ليۇ موۋ ئىزچىل شياۋلىغا باشقىچە قاراشتا بولۇپ، ئۇنى دائىم ئىش قىلالمايدۇ دەپ ياراتمايتتى، بىر كۈنى ليۇ موۋ ئۇنى قاتتىق تەنقىتلىدى، شياۋ لى بۇ ئىشتىن ئاچچىقلىنىپ يوقۇرغا ئىستىپانامە يېزىپ، تۈر لىدىرىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ خىزمىتىدىن چېكىندى.
نەتىجىدە شىركەت خىزمەت قىلىدىغان بىر ئادەمدىن ئايرىلدى، ھەمدە تۈر لىدىرىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدىغانلىقىنى بىلدى.
بىز دائىم باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئاسانلا بايقىۋالىمىز، بىراق باشقۇرغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ بايقاشقا ماھىر بولىشى لازىم.
كەڭ قورساق بولۇش پەقەت خاتالىقنى كەچۇرۋىتىشلا ئەمەس. ئارتۇقچىلىقنى كۆرۈپ، قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگۈنۈش كېرەك. كەڭ قورساق بولۇش بىر ئۇلۇغ كۈچ.
بەزىدە شىركەتكە سىزدىن بۇرۇن كەلگەن، تەجىربە، نەتىجىلىرى سىزدىن كۆپ خىزمەتداشلىرىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق يەنىلا سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئۆستۈرىلىدۇ.
نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار بۇنداق ئىشلارغا دائىم ئۇچرايدۇ، بىراق تارىخى، تەجىربىسى كۆپ بولغان خىزمەتچىلەر بۇنىڭغا قايىل بولماي، باشقۇرغۇچىغا بويسۇنمايدۇ، بۇنداق چاغدا باشقۇرغۇچىلار قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
«قانچە ئىقتىدارلىق بولسا، خارەكتىرى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ». باشقۇرغۇچىلار بۇنداق خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تونۇپ، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ۋە قارار چىقارغاندا ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇلارنىڭمۇ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.
ئاغرىنىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنى كۈزىتىڭ
ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر يۇمشاق دىتال لايىھىلىگۈچى قىز، تەجىربىسىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەپلىك، پروگرامما يېزىشتا ياخشى ئويلاشماي خاتا يېزىپ قويۇپ، كومپىيوتىرنىڭ سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋىتىپتۇ، بۇنى باشلىقى كۆرۈپ قاتتىق تەنقىدلەپتۇ، بۇ قىزغا بۇ ئىش بەك ئېغىر كەپتۇ.
بۇنداق ئىشلار سىزنىڭمۇ بېشىڭىزغا كەلگەنمۇ؟ ھەممىمىز ئادەم، خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمايمىز. شۇڭا بىرىنى تەنقىدلەشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن شۇ ئىشنى ئۆزىڭىز قىلغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز دىگەننى ئويلىنىڭ.
ئۆزتۈر كارخانا مەسلىھەتچىلىكى