- تىزىملاتقان
- 2016-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10863
- نادىر
- 0
- يازما
- 1286
ئۆسۈش
2.16%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، ئالدىنقى يازمامنى يوللىغاندىن كىيىن ئەمدى تېما يازماسمەن دىگەنىدىم، شۇنىڭدىن بۇيان تىما يازمىغان بولساممۇ بەزى تىمىلارغا ئانچە مۇنچە ئىنكاس يېزىپ قويدۇم، ھەر كۈنى مۇنبەرگە كىرىپ تىما ئىنكاسلارنى قويماي ئوقۇپ چىقىمەن، مۇنبەرنىڭ مىھرى باشقىچە ئىسسىق ئەمەسمۇ. مۇنبەرنى سىرتتىن زىيارەت قىلغىلى ھەم تىزىملىتىپ كىرگىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، بۇ جەرياندا بەزى تىما ئىنكاسلارنى يېزىپ مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانمۇ بولدۇم.
بۈگۈنكى يازمامدا مۇنبەردىن ھىس قىلغان بىزدىكى مۇنازىرە ئەخلاقى توغرىلىق توختىلىشنى لايىق تاپتىم، ئەلۋەتتە مۇنبىرىمىزدە مەندىنمۇ پىشقەدەم بولغان، مەندىنمۇ بەكرەك سۆز قىلىش ھوقۇقى بولغان مۇنبەرداشلىرىمىز بار، مەن مۇنبەردىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازمىلاردىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغانلىرىنى ئاساسەن دىگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم، بۇرۇنقى يازمىلاردىكى مۇنازىرىلەر بەكمۇ ياخشى چىققانىكەن، ماڭا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىزدىكى مۇنازىرە سۈپىتى ۋە ئەخلاقى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندەك بىلىندى، تۆۋەندىكى قۇرلاردا ھازىر بىزدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مۇنازىرىدىكى ئەخلاققا زىت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممىمىزگە مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشقا مۇراجىئەت قىلىمەن .
مەن ھىس قىلغان بىزدىكى مۇنازىرە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر :
(1) تېما بىلەن ئىنكاسنىڭ مۇناسىۋىتى بولماسلىق، تېمىدىن قېيىپ كىتىش مەسىلىسى
بۇنداق مەسىلىلەر ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى، مەسىلەن يىڭىدىن يېزىلغان خوتەننىڭ ئىقتىسادىنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يازمىغا ئوخشاش، يازما ئىقتىساد ھەققىدە بولغان بولسا ئىنكاسلار يۇرت ئايرىپ تىللىشىشقا، يۇرتۋازلىق قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى، تېما نەدە، ئىنكاس نەدە، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارىسى يوق. بۇ بىزدىكى ساقلىنىۋاتقان بىر ئېغىر مەسىلە ھىساپلىنىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ يېزىشىنى، تېمىنى قالايمىقان پېتىقدىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(2) تېمىنى مۇنازىرە قىلماي تېما ئىگىسىنى مۇنازىرە قىلىش مەسىلىسى
مىنىڭچە بۇمۇ بىز تۈزىتىشكە تىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېما يازغۇچىنى تىللاش، ھاقارەت قىلىش دىگەندەك قىلمىشلار بىزدە بەك ئېغىر، ئەلۋەتتە يېزىلغان تىما تازا كۆڭۈلدىكىدە چىقمىغان بولىشى مۇمكىن، بەزىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان مەزمۇن بولىشى مۇمكىن، پەقەت تېما ئىگىسى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى تۈپەيلىدىن قەستەن قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى مەخسەت قىلماي ئۆزىنىڭ بىخەستەلىكى، سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، بەزى ئىملا خاتالىقى دىگەندەك سەۋەنلىكلەر ئادەتتە كەچۈرۈلۈشكە تىگىشلىك ئىشلار، بۇنىڭ ئۈچۈن تېما ئىگىسىنى تېما يوللىغانغا تويغۇزىۋېتىش مېنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس، خاتالىقىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ.
(3) قەستەن مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش مەسىلىسى
بۇنداق مەسىلىلەر ئاساسەن تارىخىي تېمىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدىكەن، مەسىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقەرى ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ كىملىكىنى تالىشىش دىگەندەك، بۇنداق تىمىلاردا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز دەپ مىللەت ئايرىشىپ تىللىشىشلار خېلى جېق ئۇچرايدۇ، بۇنداق قىلساق مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىزغۇ، بۇنداق تار دائىرىدىكى مىللەتچىلىكنى تاشلايلى، ھەممىمىز بىر نەسىلدىن كەلگەن ئەمەسمۇ.
(4) ئىنكاسلاردا سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىش مەسىلىسى
بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز، باشقىلارنىڭ ئاتا ئانىسىدىن باشلاپ تىللاپ چۈشۈپ كىتىدىغان، ئەر ئايال دىمەي ئېغىزىنى بۇزۇپ كىتىدىغان، قورقۇتۇش، تەھدىد سېلىش دىگەندەك مەسىلىلەر بىزدە بەك ئېغىر. مۇنبەرگە ھەر كۈنى يىڭىدىن تورداشلىرىمىز تىزىملىتىپ كىرىۋاتىدۇ، ئۇلار دەسلەپ كىرگەندە مۇشۇنداق قالايمىغان تىللىشىشلارنى كۆرگەندە قانداق ئويدا بولار؟ مۇنبەردە ياشتا چوڭلار بار، ياشتا كىچىكلەرمۇ ھەم بار، ئەرلەر، ئاياللار، ھەر ساھەدىكى ئىختىساسلىقلار بار، مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە كىچىك بالىلار سوقۇشۇپ قېلىپ تىللىشىپ كەتكەندەك تىللىشىپ كەتسەك، بىز زادى قاچان چوڭ ئادەم بولىمىز؟
(5) قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ تىللاش، سۆز قالدۇرۇپ تىللاش مەسىلىسى
باشقىلارنىڭ قانداقكىن بىلمىدىم، ئىشقىلىپ مەن قانداقلا تېما ياكى ئىنكاس يازساملا ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ياكى سۆز قالدۇرۇپ تىللايدىغان كىشىلەر بار، ھازىر قىسقا ئۇچۇرنى چەكلىگەندىن كىيىن ئەمدى سۆز قالدۇرۇپ تىللايدىغان بولۇشتى، باشقىلاردىن سوراپ باقسام باشقىلارنىمۇ مۇشۇنداق تىللايدىكەن، نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالىمەن. ھەر قانداق گەپ سۆز بولسا مۇنبەر يۈزىدە ئوچۇق دىيىشسەك بولىدىغۇ، ئوچۇق دىيىشتىن نومۇس قىلامدىكىن دىسە يازغان خەتلىرىنى ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدۇ ئادەم، خېتىغا قارىسا بۇلاردا نومۇس تۇيغۇسى يوق ئەسلا، ئەمما ئادەم جېق يەردە تىللاشتىن نومۇس قىلامدۇ ياكى قورقامدۇ ئىشقىلىپ بىلىپ بولالمىدىم. شۇڭا مۇنبەرداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم بۇنداق ناچار قىلمىشنى تاشلايلى، مەدەنىيەتلىك، چىرايلىق مۇنازىرىلەشسەكمۇ بىزنى ھېچكىم ئەيىپلىمەيدۇ ئەمەسمۇ.
(6) باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلماسلىق مەسىلىسى
ھازىر ھەر كۈنى بەش ئالتىدىن يىڭى تېما يوللىنىۋاتىدۇ، يېزىلغان ئىنكاسلار نەچچە يۈزدىن ئاشىدۇ، بۇ ئىنكاسلارنى ئىچىدە يەنە ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللىسا يوللىغىلى بولىدىغان ئېسىل ئىنكاسلارمۇ بار. بەزى تىمىلار يوللىغۇچىنىڭ تەرجىمە ئەسىرى، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئىجادەيىت ئەسىرى، يەنە بەزىلىرى باشقا مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەر، يەنە بەزىلىرى بولسا يوللىغۇچىنىڭ تەتقىقات مىۋىلىرى دىگەندەك. بىزدە ئىقتىسادقا ئائىت بىلىملەر بولغان تىما يوللىغاندا ئىقتىساد ئىلمىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەملەر كىلىپ تېمىنى قالايمىقان قىلىدىغان، تەرجىمە ئەسەر يوللانسا ئەسلى ئاپتورىنى بىر ياقتا قويۇپ تەرجىمە قىلغۇچىنى تىللاپ كىتىدىغان، تىمىلارغا ھەرخىل ئىلان تەشۋىقاتلىرىنى چاپلاپ قويۇپ تىمىنى قالايمىقان قىلىدىغان، خۇددى ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىسى باردەك ئوخشاش بىر ئىنكاسنى ئوننەچچە يەرگە يېزىپ قويىدىغان قىلمىشلار بار، بۇ تېما يازغۇچىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ، مۇنبەردىكى نۇرغۇن پىشقەدەملىرىمىز ھازىر تېما ياكى ئىنكاس يازماس بوپكەتتى، مىنىڭچە بۇمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىمىگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ھازىرچە مۇشۇلارنى دىگەچ تۇراي، بۇ مەسىلىلەر ھەممەيلەندە ئەمەس بەلكى پەقەت ئاز ساندىكى تورداشلاردا ساقلىنىپ قالغان مەسىلىلەر، ئەمما دەل مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا بايقالماسلىقى ۋە ھەل قىلىنماسلىقى بىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەن يازمىغان ئەمما بىزدە ساقلىنىۋاتقان يىتەرسىزلىكلەر بولسا ھەممىمىز بىرلىكتە تېپىپ چىقىپ تۈزىتىشكە تىرىشايلى.
|
|