قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 502|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشقى پېرىۋوت تەتقىقاتچىسىدىن سودا ئۇستىسىغا ئايلانغۇچە بولغان 20...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

89

تېما

5

دوست

4885

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 183
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تاشقى پېرىۋوت تەتقىقاتچىسىدىن سودا ئۇستىسىغا ئايلانغۇچە بولغان 20 يىلدىكى تەسىرات

تاشقى پېرىۋوت ۋال كوچىسى خەۋىرى

    1. دەسلەپكى يىللاردىكى ئۆسۈپ يېتىلىش

    مەن 1993- يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، جوڭگودىكى رەڭلىك مېتال ماتىرياللار شىركىتىنىڭ بىر سودا قىلغۇچىسى بولغان. "بۇ بىر ئەڭ ياخشى دەۋىر، يەنە شۇنداقلا ئەڭ ناچار دەۋىر" دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ بەكلا مەنىسى بار، مەن ئەسلى بىزنىڭ شۇ چاغدىكى دەۋرىمىزنى ئەڭ ياخشى دەۋىر دەپ قارايتىم، لېكىن ھازىر كەلگۈسىدىمۇ ناھايىتى چوڭ بىر تەرەققىيات بىزنى كۈتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا مەيلى قايسىلا زامان بولسۇن بىز ئۈچۈن ھەم ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ناچار دەۋىر بولغۇدەك دەپ قارايدىغان بولدۇم.

    مەن نەۋقىران مەزگىللىرىمدە پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە كىرگەن، بىزنىڭ سودا قىلغۇچىلىرىمىز سودا سېستىمىمىز ئىچىدە ناھايىتى ئەركىن ھالدا ئۆزلىرى خالىغان ھەر خىل سودىلارنى ئېلىپ بارالايتى، ئۇ دەل 1993- ۋە 1994 – يىللىرى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن بىر ئەڭ ساددا ھېسياتقا تولغان يېڭىدىن سودا قىلغۇچى ئىدىم. ئۇ چاغلار ئەڭ ئازادە، يەڭگىل يىللار ئىدى، بەلكىم ئەڭ ساددا ۋاقىتلار ئەڭ ئازادە بولسا كېرەك.

    1998 - يىللىرى مەن بەزى ئوتتۇرچە سىزىقلارغا تايىنىپ 20 مىليوندىن ئارتۇقراق پۇل تاپتىم، لېكىن قانداق قىلىپ تاپقىنىمنى ئۆزۈممۇ ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن، بەلكىم تەغدىرىم بولسا كېرەك، شۇ چاغدا پۇل تېپىش بەكلا ئاسانكەن دەپ ھېس قىلىپ قالغانىدىم. 1995- يىلى مەن سودا نازارەتچىسى بولدۇم، مۇنداقچە ئېيىتسام شۇ چاغقىچە بىرەر قېتىممۇ مەغلۇپ بولغاننىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدىم، لېكىن شۇنداقتىمۇ ناھايىتى چوڭ بىر خەتەرنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. 1992- يىلىدىن 1998 – يىلىغىچە، ئورنۇمدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ باقمىدى، بۇ مېنىڭچە بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەھۋال ئىدى، ھازىر ئەسلىسەم كۆپچىلىككە شۇنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ: ئەگەر ئەقىللىق بىر سودا ئانالىزچىسى بولغۇڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى بىر ياكى ئىككى قېتىملىق بولسىمۇ پارتىلاپ باققان تەجرىبىڭىز بولسۇن.

    1993- يىلىدىن 1998- يىغىچە شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى، بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىتاپلارنى كۆرگەن بولدۇم، 1998- يىلىغا كەلگەندە مەن ئاخىرى بىر قېتىملىق چوڭ بىر پارتىلاشقا يەنى مەبلىغىمدىن ئايرىلىپ قېلىشقا دۇچار بولدۇم. سودىڭىز قانچە ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۆزىڭىزگە شۇنچە ئىشىنىدىكەنسىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ قارارىنىڭ خاتالىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدىكەن، ئاندىن بىر قېتىم پارتىلىغاندىن كېيىن ھوشىڭىزنى تاپىدىكەنسىز. ئۇ مەزگىللەردە سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز، كەيپىياتىڭىزنىڭ مۇناسىۋېتى زىچ باغلىنىشلىق بولىدىكەن. مەن بىر قىسىم چەتئەلنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاساسىي يۈز ئامىلىنى تەتقىق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

    2. تەتقىق قىلىش ۋە سودا قىلىشنىڭ پەرقى

    ئەگەر سىز ئانالىزچى بولماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجرا قىلىش ئىدىيىسى بولىشى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرىشىڭىز لازىم. ئەگەر سىز سودا قىلىش تىپىدىكى تەتقىقاتچى بولماقچى بولسىڭىز، مېنىڭچە سىزدە ھەرگىز ئىجرا قىلىش ئىدىيىسى بولماسلىقى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىدە قاتماللارچە چىڭ تۇرىۋالماسلىقىڭىز لازىم، چۈنكى بىردىنبىر توغرا بولغىنى پەقەتلا بازار ئۆزى. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ سودىسىنىڭ خاتالىقنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ پۈتكۈل ئىدىيە سېستىمىڭىز خاتا دېگەن گەپ.

    مېنىڭ تەجرىبەم ھېسيات باسقۇچىدىن ئاساسىي يۈز ئامىلى باسقۇچىغا، ئاندىن تېخنىكىلىق باسقۇچقا يۈزلەنگەن. پۈتكۈل جەرياندىن مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە: مۇكەممەل بولغان بىرقىسىم مەبلىغى چوڭ قانۇنىيەت ۋە ئىدىيە بولىشى كېرەككەن، يەنى بىزنىڭ "ئۇسۇلىمىز" بولىشى كېرەككەن.

    ئەگەر بىزنىڭ بارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئېيىتساق، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭدا چوقۇم بىر پەلسەپىۋىي ئىدىيە بولىشى كېرەك، مانا بۇ "ئۇسۇل" ، شۇڭا مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ مەيلى نېمىگە مەبلەغ سالسۇن، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسىلا ئاسان، چۈنكى بۇ يەردىكى "ئۇسۇل" ئەقىلگە مۇۋاپىق.

    مەسىلەن بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەن ئۆي مۈلۈكچىلىكىگە مەبلەغ سېلىۋاتىمەن، ئاساسىي جەھەتتىن ھەر قېتىم تۆۋەن باھادا سېتىۋالىمەن، ساتقاندىمۇ ھېچقاچان زىيىنىغا ساتمايمەن، چۈنكى بۇ سودىنى مەن باشقا سودىغا قارىغاندا ياخشى چۈشىنىمەن، بۇ يەردىكى قانۇنىيەت نىمە؟ ئۇ دەل ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىشى. ھازىرقى ئۆيلەرنى مىسالغا ئالساق، سىز فۇدەننىڭ ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا باردىڭىز، سىز شاڭخەيدىكى ئۆيلەر بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۆيلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز ئامېرىكىدىن ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بىر قانۇنىيەتنى تىكلىيەلەيسىز، باھا مۇھىم ئەمەس. ئۆي نېمىگە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدۇ، دەل ئادەمگە، بۇ يەردە ئادەمدىن ئىبارەت بىر قانۇنىيەتلىك گەۋدە مەۋجۈت، شۇڭا چوڭ بىر قانۇنىيەتلىك ئىدىيەنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.

    پەلسەپەنى تىلغا ئالساق مەن كۆپچىلىككە ئۆزۈم كۆرۈپ باققان بىر قەدەر ياخشى بولغان كىتاپ ۋە ئىدىيەلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن، مەسىلەن‹دولقۇن نەزىرىيىسى›. بۇنى كۆپ قىسىم ئادەملەر ئاڭلاپلا كۈلىشى مۇمكىن، ھەقىقەتەنمۇ بۇ بىر تالاشقۇچىلىكى چوڭ بولغان ئىدىيە، نېمىشقا شۇنداقتۇ؟ چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر دولقۇن نەزىرىيىسىگە ئەگىشىپ سودا قىلغىنىدا، بۇنىڭ ئادەم ئالدايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ‹دولقۇن نەزىرىيىسى› ئۇ ‹ماھارەت› ئەمەس بەلكى ‹ئۇسۇل›، ئۇنىڭ سىزگە ئۆگەتكىنى ئانالىز قىلىشنىڭ ئۇسۇلىدۇر. ئۇنداقتا ‹دولقۇن نەزىرىيىسى › دىگەن نىمە؟

    بازار ئۆزىنىڭ تەبئىي ھالىتىدە تۇرغىنىدا ئاندىن بۇ ‹دولقۇن نەزىرىيىسى› كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دولقۇن نەزىرىيىسىنى ئىنتايىن ساپ دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ، مەسىلەن، بىر دەريانىڭ تىپتىنىچ ئېقىۋاتقان مەزگىلىنى ‹دولقۇن نەزىرىيىسى› دىسەك، بىرەيلەن سۇغا بىر تال تاش تاشلىسا ئۇنىڭ كۈچى شۇ ھامان يوقىلىدۇ. شۇڭا دولقۇن نەزىرىيىسىگىلا تايىنىپ سودا قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ قاچان كۈچىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ياكى قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز.

    3. ئۆزىڭىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ توغرىسى

    مەن ئەڭ ئاخىرى ئۆزۈمگە ماس قىممەتنى تاپتىم، يەنى ھەر بىر ئانالىزچىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز خاراكتېرى بولىدۇ، سىز باشقىلارغا قىززىقماڭ! بۇ دۇنيادا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى نۇرغۇن، بەزىلەر قىسقا ئارلىقتىكى سودىدا ئەۋزەللىككە ئىگە، يەنە بەزىلەر بولسا ماكرو يۆنىلىشتە پۇرسەتنى تۇتۇشقا ئۇستا كېلىدۇ. مەن مەلۇم بىر چوڭ خېرىدارنى ئىككى ئۈچ يىل كۈزەتتىم، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا ماڭا ئەگىشىپ سودىغا كىرىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنى ماڭا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن پۇل تاپالىدى دەپ قارايتىم، لېكىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئۆزىگە تايىنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم، ئۇ خاتالاشقاندا مەن دائىم ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسەم ئۇ مېنىڭ پىكرىمنى رەت قىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ ئويلىغانلىرى بار. شۇڭا مەن ھەر بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يوللىرىنى تېپىۋېلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاراكتېرىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بايقاڭ، يەنى قانۇنىيەت بىلەن ماڭىدىغانمۇ ياكى ئەقىلگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانمۇ دېگەندەك. مەن ئەزەلدىن زىيان بەلگىلىمەيمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ خاتالاشقىنىمنى بايقىغىنىمدا ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن زىياننى بىر تەرەپ قىلالايمەن. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

    4. قانۇنىيەتنى ياخشى چۈشىنىش ھەم تەرتىپكە بوي سۇنۇش

    بۇ دەل بىزنىڭ سودا قىلغۇچىلىرىمىز ھەم تەتقىقاتچىلىرىمىز ئەڭ ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان نۇقتا. بىز سودا قىلىۋاتقان بارلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەملىك بۇيۇم، ھەممىسى بەلگىلىك ئۆلچەملەشكەن تاۋار، پۇل ياكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتىدۇر. لېكىن بىز ئۇلارنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا ئۇلارنى بەكلە كەڭ قويۋېتىمىز.

    مەن نۇرغۇن سودىلارنى قىلىپ باقتىم، مېنىڭچە پۇل مۇئامىلە ساھەسى ئەڭ ئەركىن بېيىغىلى بولىدىغان ساھە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ.

    تەرتىپكە بوي سۇنۇش بولسا، بىزنىڭ بازاردا ئۇزۇن مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرىشىمىزنىڭ ئاساسى. مېنىڭ بۇ نۇقتىنى ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرغا قويۇشۇممۇ دەل بۇ تەرتىپنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدۇر. مەن بىر تەتقىقاتچىدىن سودا ئۇستىسىغا ئايلانغىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ دەسلىپىدە ئاساسىي يۈز ئامىلىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. لېكىن كېيىن چۈشەنگىنىمدىمۇ پارتىلاپ كەتكىلى تاس قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى، دېمەك ھەممىدىن مۇھىمى دەل تەرتىپ، سىزنىڭ ھەرقېتىم بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن زىياننى بەلگىلىشىڭىز دەل بىز دەۋاتقان تەرتىپتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر مەن تەرتىپنى بىلىمەن دەيدۇ، لېكىن ھەر قېتىم بازارغا كىرگەندە زىيان بەلگىلەش ھەقىقىي تەرتىپكە بوي سۇنغانلىق بولىدۇ.

    ئۇنداقتا، زىيان بەلگىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟  بۇ چاغدا سىز قانۇنىيەتنى ئەسكە ئېلىڭ، تېخنىكىلىق ئانالىز قىلالايدىغانلار نۇقسانلارنى بۇزىۋېتەلەيدۇ، يوچۇق نۇقسانلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالالايدۇ. شۇڭا ئېنىقلىما، ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئۆلۈك ھالەتتە ئەستە ساقلاش بەكمۇ زىيانلىق. سىز ئاۋۋال زىيان بەلگىلەشكە بولامدۇ يوق، نېمە ئارقىلىپ زىياننى قەيەرگە بەلگىلەيمەن دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز لازىم. ھەر ۋاقىت زىيان بەلگىلەپ سودا قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر!
14.jpg
bagdax

6

تېما

9

دوست

5403

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 615
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 1577
توردىكى ۋاقتى: 279
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىز زىياندىن قورقۇپ تۇرۇپ زىيان تارتىمىز . زىياندىن قورققانسىرى كىچىك زىياندىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ چوڭ زىيانغا ئۇچىراپ كىتىمىز . زىيان بەلگىلەشكە پەقەت كۆنەلمەيۋاتقانلىرىمىز ساقلىغىلى بولمايدىغان يىمەكلىكلەر سودىسى قىلىپ ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولامدىكىن دەيمەن

4

تېما

5

دوست

2313

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 712
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تاشقى پىرىۋوت سودىسىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن . ئەمما پايچېكىدىكى تېخنىكىلق ئانالىز بىلەن تاشقى پىرىۋوتتىكى تېخنىكىلق ئانالىزنىڭ چوڭ پەرىقى يوق بۇلىشى مۇمكىن .

89

تېما

5

دوست

4885

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 183
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Abduhalim75 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-19 15:50
بىز زىياندىن قورقۇپ تۇرۇپ زىيان تارتىمىز . زىياندىن قو ...

bagdax

7

تېما

4

دوست

3051

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 897
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن نۇرغۇن سودىلارنى قىلىپ باقتىم، مېنىڭچە پۇل مۇئامىلە ساھەسى ئەڭ ئەركىن بېيىغىلى بولىدىغان ساھە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ.
مەنمۇ مۇشۇ ساھەگە كىرەي دەيمەن، لېكىن قايەردىن باشلاشنى بىلمەيمەن.

7

تېما

4

دوست

3051

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 897
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ سىز ئوقۇغان مەكتەپتە ئوقۇغان، لېكىن مەن بارغاندا سىز پۈتتۈرۈپ بوپتىكەنسىز.

0

تېما

1

دوست

427

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ مالىيە كەسپىدە ئۇقۇغان ،ئەمما ھازىر ئۆيدە بالا بېقىپ تاماق ئېتىپ يۈرىۋاتىمەن

0

تېما

1

دوست

527

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61113
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Abduhalim75 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-19 15:50
بىز زىياندىن قورقۇپ تۇرۇپ زىيان تارتىمىز . زىياندىن قو ...

توغرا دەيسىز ، كىچىك زىيان دىگەن پايدىلىق تەجىربە ، چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . كىچىك زىياننى توغرا بىرتەرەپ قىلساق ۋە ئالدىنى ئېلىشنى بىلسەك ،چوڭ پايدا ھەم ئىناۋەتكە ئېرىشىمىز ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )