- تىزىملاتقان
- 2013-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1263
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
26.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aurora تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-9-22 12:56
ghalqa يوللىغان ۋاقتى 2016-9-21 14:18
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاكا ،مەن ئىلگىرى پۈتۈن نىشانىمنى ...
ۋەئەلەيكۈم - ئەسسالام .
مەن سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى بار .
ھازىر تېلىفونلارمۇ ئىلغارلىشىپ كەتتى . سىزنىڭ ئەگەر خەنزۇ تىلى سەۋىيەڭىز ياخشى بولسا . تېلىفونغا ئېنگىلىزچە دىئالوگ ئەپپ لىرىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن كۈندە نائۇشنىك بىلەن قولىڭىزغا سېلىپ ئاڭلاپ بەرسىڭىز ، تەلەپپۇزىڭىزدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ .
مەن ئۈگەنگەن 10 يىل ئالدىدىكى ۋاقىتلاردا نەدە بۇنداق قولايلىقلار بولسۇن دەيسىز ، شۇ كىتاپخانىدىن خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە كۈندىلىك تۇرمۇش دىئالوگ كىتاپلىرىنى ئالاتتىم ، ئۇلارنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسى بولاتتى . شۇ فۇدۇجى ( ئۇيغۇرچە ئۈنئالغۇ دەۋىرەمدۇق ؟ ) غا دەينى سېلىپ قولۇمدىكى كىتاپقا قاراپ دىئالوگلارنى يادلايتتىم . چۈنكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا كۈندە ئېنگىلىزچە سۆزلىشىدىغان پۈرسەت يوق . شۇڭا بۇ ئۇسسۇل ئەسقاتىدۇ .
ئىككىنچى ئەھۋالدا ، مەخسۇس سۆزلۈك كىتاپلىرى بار شۇلارنى يادلىسىڭز بولىدۇ . سۆزلۈكلەر سۆز تومۇرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن سۆزلۈك كىتاپلىرىنى يادلاش تەس . ئەمما قالايمىغان تۈزۈلگەن سۆزلۈك كىتاپىنى يادلاش بىر ئاز ئاسان .
ئەگەر سۆزلۈك كىتاپىنى يادلاش بەك تەس كەلسە ، قىسقا ئېنگىلىزچە ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بىلمىگەن خام سۆزلىرىڭىزنىڭ ئاستىغا سىزىپ بىر خاتىرە دەپتەرگە يېزىڭ . ۋە كۈندە ئەتىگەن سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ 10 قېتىمدەك يېزىڭ . چۈشتە دەم ئېلىشتا 1 سائەت يېزىڭ . كەچتە يەنە بىر سائەتتەك 10 قېتىمدىن يېزىڭ . ئاندىن بۇ سۆزلەر سىزدە 60 پىرسەنت ئەستە قالىدۇ . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە يەنە 3 كۈن قايتىلاپ يېزىڭ . شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن ئۇنتۇپ قالمايسىز .
مەسىلەن : quest , requst , require , ياكى intention , conversation , sensation , introduction . مۇنداق شەكىلدە تىزىلغان سۆزلۈك كىتاپىنى يادلىماق تەس . شۇڭا سۆزلەر قالايمىقان تۈزۈلگەن سۆزلۈك كىتاپى ئېلىڭ :
مەسىلەن : contact ,fascinating , learn , study , research
مەن سىزگە بىر ئېسىل كىتاپنى تەۋسىيە قىلاي . ( Vocabulary 5000 ) لىيۇيى تۈزگەن كىتاپ . خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە سۆزلۈك كىتاپى بۇنىڭ 10 مىڭ سۆزلۈكى ، 22 مىڭ سۆزلۈكىمۇ بار . سىز ئاۋۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆزنى تاۋباۋ تورىنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە يازسىڭىز چىقىدۇ. تاۋبادىن ئىزدىگەندە ساغۇچ كەلگەن يانتۇ قىلىپ 5000 دىگەن سان يېزىلغان كونا نۇسخسىنى ئېلىڭ . 28 يۈەن ، 23 يۈەن ئىككى خىل باھادا ئىكەن .د ۋ د لېنتىسى بىلەن چىقارغان يېڭى نۇسخىسىنى ئالماڭ ، پۇل زىيان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .
网易有道词典 نى تېلىفونىڭىزغا چۈشۈرېۋلىڭ . بۇ بەك ياخشى لۇغەت . ئېنگىلىزچە- خەنزۇچە ، خەنزۇچە سۆز كىرگۈزسىڭىزمۇ ئېنگىلىزچە سۆزلۈكنى ئىزدەپ تېپىپ بېرىدۇ .
ئېنگىلىزچە لېكسىيەلەر بار ، كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ . نۇرئەلى ئابلىز مۇئەللىمنىڭ چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قىزىقارلىق پاراڭلاشقان قىسقا فىلىملەر بار . بۇ لۇغەتنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىۋاتقان ۋە ئىمتىھان ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى . |
|