تىلفۇننىڭ تاڭ سەھەردە تۇيۇقسىزجىرىڭلىشى تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقانئاينۇرنى ئويغاتتى، ئاينۇر كۆزىنىمۇ ئاچماي سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تىلفۇننى ئالدى :
-ۋەي، ياخشىمۇ سىز؟ كىم؟
-مەن ،گۈلنۇر .ئاداش رەشىدە ئاخشام دوستلۇق مىھمانخانىسىدا ئۆلۈپ كىتىپتۇ،ۋاقتىڭ بولسا مىھمانخانىغا كەلسەڭ ساقچىلار تەكشۈرۋاتىدۇ دىدى.ئاينۇر خۇددى بىرسى مۇزدەك سۇنى يۈزىگە چاچقاندەك ئەندىكىپ كەتتى ،ئۇ گۇلنۇرغانىمە دىيشىنى بىلمەي تىلفۇنننى قۇيۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ قاسىمغا رەشىدەنىڭ ئۆلۈپكەتكىننى دىدى،- دە باللرىنى تاپىلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .كۈز پەسلى بولغاچقىمۇتاڭ سەھەرنىڭ كۈز شامىلى تەننىقۇرۇيتى،ئاينۇر تىخىچە رەشىدەنىڭ بۇنچە ياش ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتى ،چۈنكىئاخشام تىخى رەشىدە توزدەك ياسىنىپ ئاينۇرنىڭ دۇكىنىغا كىرگەن ئەمەسمۇ ؟تىخى ئۇ ئاينۇرغاياشلىقنى بىكار ئۆتكۈزۋەتسە تولىمۇ ئىچىنىشلىق بۇلدۇ دىگەن ئەمەسمۇ؟ئاھ! خۇدا.ئەمدى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇنىڭ ئىنسى –جىنغا تۇيدۇرماي قىلغان بارلىق مەخپىئىشلىرنى خەلق ئالەم ئالدىدا ئاشكارلاپ قويغىنى نىمىسى ،بۇ نىمە كارامەتتۇ ؟ توۋادەيتى ئىچىدە .ئاينۇر مىھمانخانىغا كەلگەندە گۇلنۇر ۋە رەشىدەنىڭ ئاتا-ئانىسى ،،قىرىنداشلىرى ،بىر نەچچە ساقچىلارمىھمانخاندا بار ئىدى ،مىھمانخانا كۈتكۈچىلىرى ئاينۇرنىڭ جەسسىتىنى تاڭ سەھەردەبايقاپ ساقچى ئورگانلىرغا خەۋەر قىپتۇ،ساقچىلار ئاتا-ئانىسىنى رەشىدەنىڭ تىلفۇننۇمۇرغا ئاساسەن چاقىرتىپتۇ ، ئاخشام رەشىدە ئانىسىغا گۇلنۇرنىڭ ئۆيدە قۇنىمەن دەپچىقىپ كەتكەچكە رەشىدەنىڭ ئانىسى گۇلنۇرغاتىلفۇن ئۇرۇپتۇ ،ئەمىليەتتە ئۇ ئانىسىغا يالغان ئېيتقان ئىدى .ھەممىسى رەشىدەنىڭ ئانىدىن تۇغماھالەتتىكى جەسىتىننى كۆرۈپ ھەيران قىلىشتى،چۈنكى رەشىدەنىڭ پۇت-قوللىرى يىغىلغان،چىشلىرى كىرىشكەن ،كۆزلىرى چەكچىيىپ قالغان ھالەتتە ئىدى ،ئاينۇر قۇرقۇپ كەتتى،گۇلنۇر ئىچىدە نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاپ دىدى،- دە ئاستاغىنە ئاينۇرغا :
-رەشىدە .ئەزرائىل بىلەن خىلىلا تىركىشىپتۇ،دىدى .ئاينۇر گۇلنۇرغا قاراپ :
-ئاداش ئۇ دۇنيا راستىنلا بارمىدۇ؟دىدى .گۇلنۇر تەمكىنلىك بىلەن :
-ئۆلۈمگە ئىشەنسەڭ ،ئۇ دۇنياغىمۇئىشەنسەڭ بۇلدۇ،-دىدى .ئاينۇر يەنىلا قائىل بولماي :
-بۇ دۇنيانى ھەممىمىز كۆۈپياشاۋاتىمىز ،بىراق ئۇ دۇنيانى ھىچكىم كۆرۈپ باقمىدى،- دە دىدى .گۇلنۇرمۇ ئۇھتارتىپ قۇيۇپ :
-شۇنداق ،ئۇ دۇنياغا كەتكەن بىرەرئىنسان تىخىچە قايتىپ كىلىپ بىزگە ئۇ دۇنيا توغۇرلۇق بىر نىمە دەپ كەلگىنى يوق ،بىراقبىز ئىنسانلار نۇرغۇن شەيئىلەرنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشىنىمىز ۋە قۇبۇل قىلىمىز ،مەسلەنشامالنى ھىچكىم كۆرۈپ باقمىدى ،ئەمما ئۇنىڭ ئالامەتلىرنى (يەنى دەرەخ ،ئوت –چۆپ،گۈل–گىياھلارنى لىڭشىپ ھەركەت قىلشىغا قاراپ شامال چىقىپتۇ دەپ ھۆكۈم قىلمىز،شۇنىڭدەكئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە قاراپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى دەيمىز )شۇنىڭغا ئوخشاشبىز كۆرمەي تۇرۇپ ئىشىندىغان ،ئەمما ئالامەتلىرى كۆرۈندىغان ئىشلار بەك كۆپ.مەسلەن ھازىر يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغانسىرى نارسىد ەبالىلار كىچىكتۇرۇپلا دىققەتسىزلىقتىن كۆيۈپ كىتىش،بىنالاردىن چۈشۈپ كىتىش ،يۈتۈپ كىتىش،ساقايماس كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇش قاتارلىق ئىشلار ئەۋج ئالماقتا ،قارىمامسەنبۇرۇنقى ئاتا-ئانىلار ،يەنى بىر ئانا بەش،ئالتە بالنى دادىلار سىرتقا ئىشلىگىلىكەتسە ئۆزى يالغۇز يۈتۈرۈپ قويماي بىقىپكىتەلەيتى ،ھازىرچۇ بىر بالىنى ئاتا –ئانا ،چوڭ دادا-ئانا،بوۋا –مومىلار بۇلۇپئالتە ئادەم قاراپ تۇرۇپمۇ بۇ ئىشلار بۇلۋاتىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئىشتا بىر ھىكىمەتبار دىدى.ئاينۇر ئويلۇنۇپ قالدى .قانۇن دوختۇرلىرى رەشىدەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپتۇ ،يەنە كەيىپ دورىسىنىمۇ يەپتۇ،يەنە داۋاملىق تەكشۈرمىزگۇمانلىق ئادەملىرىڭلار بولسا بىزگە خەۋەر قىلىڭلار ،مىيىتنى ئەچىقىپ كىتىڭلاردىدى. رەشىدەنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ سەتچىلىكنىڭ جامائەتكە ئاشكارلىنىپ كىتىشتىننۇمۇس قىلىپ قىزنىڭ مىيتىنى ئۆيگە ئەكەتتى ۋە رەشىدەنىڭ ئۆلۈمىنى سىر ساقلاشتوغۇرلۇق رەشىدەنىڭ ئانىسى ئاينۇر بىلەن گۇلنۇرغا باشقىلارغا دىمەڭلار دەپيىلىندى. .شۇنداق قىلىپ رەشىدەنىڭ يۇشۇرۇن يۈرەك كىسىلى بۇلۇپ تۇيۇقسىز قۇزغۇلۇپقىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي تۈگەپ كەتتى دىيىلىپ يەرلىككە قۇيدى .نەزىر چىراقلىرىيىراق يىقىندىكى تۇققانلارنىڭ،خۇلۇم خوشنىلارنىڭ ياردىمىدە ئىچىنغان ھالدا ئىلىپبىرىلدى .شۇ كۈندىن باشلاپ ئاينۇر باشقىچە ئادەم بۇلۇپ قالدى :
-توۋا دەيتى ئۇ ئىچىدە ،بىزئىنسانلار بىر لەختىدىن ئانىنىڭ جىسمىدا ئاپىدە بۇلدىكەنمىز ،ئاياللار ئېغىر بوي بۇلۇش جەرياندا ياندۇرۇپ خىلىلاقىينىلىپ چىقىدىكەنمىز ،بىز يە ئادەمنىڭبىشىنى ،قول-پۇتلىرنى ،كۆز ،قۇلاقلىرنى يىمىسەكمۇ ئىچىمىزدىن شۇنداق ئادەمچىقىدىكەن خۇددى ياساپ قويغاندەكلا،يەنە قەرەرسىز ھالدا مىدىرلاپ ھەركەت قىلىپتۇرغان ئادەم بىردىنلا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىسسىق تىنى مۇزلاپ جان چىقىپ ئۆلۈپ كىتىدىكەن توۋا دەپ ھەر ۋاقىت ئۆلۈمنىئويلايدىغان ،بۇلۇپ قالدى ۋە بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرغا ئىچى ئاچچىق بولدى،بۇرۇن سائەتنىڭ چىكىلداپ مىڭىشىغا پەرۋاسىز قارىغان بولسا مانا ھازىر سائەتنىڭ چىكىلدىشى خۇددى ئەزرائىلنىڭمىڭىشىنى ئەسلىتىپ تىنى شۈركۈنۈپ كىتەتتى .تاڭ سەھەردە ئۇخلاپ ياتقان بولسائۆلۈمنى ئويلىغان ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ كىتەتتى .ھازىر ئۇ بۇرۇنقىدەك تورغاچىقمايدىغان ،ئەرلەر بىلەن كۈلۈپ شەھۋانە پاراڭلاشمايدىغان بولدى.قىسقا ،يەڭسىزكۆينەكنىڭ ئورنىغا بەدەنلىرنى ياپىدىغان كىيىملەرنى كىيىدىغان بولدى،بۇرۇنكىيىملەرنى مودا ئۈچۈن تاللىغان بولسا ھازىر ھايا ئۈچۈن تاللايدىغان ،يىلدا پۇلتىپىپ يىغىپ چوڭ داچا ئىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولسا ھازىر بار بولغان ئۆينى پاكىزتازلاپ ئولتۇردىغان ،شۆھرەتپەرەسلىكنى قىلمايدىغان ،ھەممىدىن مۇھىمىيولدىشى سىرتتائەيىش –ئىشرەت قىلسا بۇرۇنقىدەك چىچىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدىغان ،ياكى باشقىلار بىلەن كۆڭۈلئىچىپ يۈرۈيدىغان ئىشنىمۇ قىلمايدىغان بولدى .چۈنكى ئۇ ھاياتتىن قۇرقۇپ قالغانئىدى ،ئۇ يولدىشىنى ئالدىيالايتى ،ئەمما ئاسماندىن ئىبارەت چوڭ يورۇقلۇقنىئالدىيالمايتى ،ئاسماننىڭ قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزدىن ئىبارەت قۇرقۇنۇشلۇق كۇنۇپكىلىرىبار ئىدى ،يەر يۈزىدىكى بارلىق قىلمىشلار يورۇقلۇقتىن قىچىپ قۇتۇلالمايتى .شۇڭائۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھىسياتى تىخىمۇ ئەسەبىلەشتى ،ئۇنى دائىم يىغا تۇتاتتى ،ئۇئۆلۈمدىن قۇرقۇپ يىغلايتى ،ئەمما قەلبىدىكى ھىسىياتىنى باشقىلارغا دىيەلمەيتى.بەزىدە بۇرۇنقى ئەر دوستلىردىن تىلفۇن كىلىپ قەلبىدىكى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەنكۆرىشىپ كىلىپ بىردىنلا تەڭرى ئالدىدا گۇناھىدىن خىجىل بۇلۇپ قالاتتى .ئۈنسىز ياشتۆكەتتى.يولدىشى ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقىندىن بىخەۋەر ئىدى .ئۇ ئاخىرى بۇدۇنيادا مەنىلىك ياشاش ،يەنى پەرزەنتلىرنى ياخشى تەربىلەپ ھەققىقەتنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشنى،ئانىدىن قۇلدىن كىلىشچە تىرشىپ پۇل تىپىپ ياخشى ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۇكتى .چۈنكىھەر قانداق ئىنسان ھامان بىر كۈنى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىماي قالمايتى.شۇڭىمۇئۇزىھنى قۇۋىتىنى ئىلىم ئۈگۈنۈشكە قاراتتى.ئۇنىڭ قەلبى ئۆلۈنى ئويلىغان كۈندىنباشلاپ ئۇنى شەيتانمۇ تاشلاپ قاچتى ،ئۇ بەزىدە شەيتاننى ئويلاشقا تىرشاتتى ،ئەممائۇنىڭ ئەسەبىلەشكەن ھىسياتىغا ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ۋەھى كىلىشى بىلەن تىنىشۈركۈنۈپ ،بەدەنلىرنى تىتىرەك بېسىپ ھۇجۇدىنى يىغا قاپلايتى ۋە ئىنسى –جىنغابىلىندۈرمەي قىلغان گۇناھلىرى بىر –بىرلەپ كۆز ئالدىغا كىلىشى بىلەن ئىچ-ئىچىدىن تۆۋەيىغىسىنى يىغلاپ كىتەتتى .شۇندىن ئىتبارەن ئۇنىڭ قەلبىدە شۆھرەتپەرەسلىك بىلەنھەققىقەت ئىلىشاتتى ،يەنىلا ھەققىقەت غەلبە قىلىپ جىسمىدىكى شەيتان ئۇ ئۆلۈمنىئويلىغان ۋە ئۆلۈمدىن قورققان كۈندىن باشلاپ ئۇنى تاشلاپ كەتكەن ئىدى ،شۇڭىمۇ ئۇھايات يولىنى قايتىدىن تەپپەككۇر نۇقتىسىدىن تۇنۇپ يەتتى ،ئەمما دۇنيا ئۆزگەرمىدى،يولدىشى يەنىلا ئۆزگەرمىدى ،ئەمما ئاينۇرنىڭ تەپپەككۇرى يىڭىلاندى ،بۇ قېتىمئاينۇر يولدىشىغا قىيداپ يامان يولنى تاللىمىدى چۈنكى ھەر قانداق .ىنسان بۇدۇنياغا يالغۇز كىلىپ يالغۇز كىتىدىغانلىقنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى.
|