1. باشقۇرۇش بولسا بۇيرۇق ۋە كونتىرول قىلىش ئەسكى خوجايىن ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى پەقەت بۇيرۇق چۈشۈرۈش ۋە كونتىرول قىلىشتىنلا ئىبارەت دەپ قارايدۇ، ھەمدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئىش بىجىرىشىنى خالايدۇ.
ئەقىللىق خوجايىن باشقۇرۇشنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىش بىجىرىشىگە ياردەم بىرىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ.
2. خىزمەتچىلەر ئۇزۇنراق ئىشلىشى كېرەك ئەسكى خوجايىنلار ھەپتىسىگە 60 سائەت ئىشلەشنى خالىمىغان خىزمەتچىلەرنى ياخشى خىزمەتچى ئەمەس دەپ قارايدۇ.
ياخشى خوجايىنلار نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ھەرقانداق شارائىتتا خىزمەتچىلەرنى 40 سائەتتىن يۇقۇرى ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغانلىقىنى، خىزمەت ئۈنىمىگىمۇ تەسىر يىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
3. مەن ساننى باشقۇرىمەن ئادەمنى باشقۇرمايمەن ئەسكى خوجايىن پۈتۈن زىھنىنى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېشىشىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.
ئەقىللىق خوجايىنلار ياخشى سانلىق مەلۇماتقا ئىرىششنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى خىزمەتچىلەرگە ياردەم بىرىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سانلىق مەلۇماتقا ئىرىشىش ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.
4. ئەگەر مەن بىر ئىشنى تاماملىماقچى بولسام، ئۆزۈملا قىلالايمەن ئەسكى خۇجايىنلار ئۆزىنى ئىش بىجىرىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك دەپ ئويلايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھوقوقى ۋە ۋەزىپىسى بىلەن ھەرقانداق ۋەزىپىلەرنى تاماملىيالايدۇ.
ئەقىللىق خوجايىنلار ھەقىقى باشقۇرۇش كۈچىنىڭ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرۈشتىن كىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
5. غەلبە مىنىڭ، مەغلۇبىيەت سىنىڭ ئەسكى خوجايىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغاندا تۆھپىنى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ، ئازىراقلا چاتاق چىقسا باشقىلاردىن كۆرىدۇ.
ئەقىللىق خوجايىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى خىزمىتىنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشتىن ئىلگىرى چارە تېپىش، خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.
ئەسكى خوجايىنلار ئۆزىنى بەك چوڭ تۇتقاچقا، ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى خالىمايدۇ.
ياخشى خوجايىنلار ئۆزىنى كونتىرول قىلالماسلىق بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ياخشى تەسىر بەرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ھەم بۇ جەھەتتىن خىزمەتچىلەرگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.
7. مائاش تەقسىملەش ۋاقتى بولسا خىزمەتچىلەرنى ئەدەپلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئەسكى خوجايىنلار باشقىلاردىن ئاغرىنىشىنى، تەنقىد-پىكىرلىرىنى كۆڭلىدە ساقلاپ تۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنىمىنى باھالاش ۋاقتىدا ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
ئەقىللىق خوجايىنلار خىزمەتچىلەر زەربىگە ئۇچراپ قالسا قورقۇنچ ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە بىرەر مەسىلە يۈز بەرگەن ھامان ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ خىزمەتچلەرنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىدۇ. |