- تىزىملاتقان
- 2015-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1294
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
29.4%
|
مەزكۇر ماقالە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى. ماقالە يوللىغۇچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق، پەقەت بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ھەربىر قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇقۇغان قېرىنداشلىرىمىز ئەتىراپىدىكىلەرنى مۇشۇنداق يامان ئىللەتلەردىن توسۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمۈدتە يوللاندى. بۇنداق يامان ئىللەتلەرنى توسۇش ھەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.
ھاۋايى ھەۋەسخورلۇق-زەھەرلىك چىكىملىككە، جنسىي چىرىككلىككە بېرىلىش نوقتا قىلىنغان ئىجدىمائىي بۇزۇلۇشتۇر.ياشلار، بولۇپمۇ سودا-سېتىق بىلەن بېيىۋاتقان ياشلار مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە قەد كۆتۈرۈشنىڭ ئاۋانگىراتلىرى بولۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. قەدىمكى يىپەك يولىنى گۈللەندۈرگۈچىلەرمۇ سودا-تىجارەتچى ۋە كارۋنچى «خورجا» ياشلار ئىدى. سودا-سانائەتچى ياشلىرىمىزنىڭ مىللەتنىڭ يېڭى گەۋدىسى ۋە مىللىي ئىپپەت سارىيىنىڭ غول تۈۋرۈكلىرى بولۇشى تارىخىمىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتىدىغان تەلىپى. قىزلىىمىز مىللەتنىڭ غۇنچىلىرى، ئانا بولغۇچى مۇبارەك كىشىلىرىمىز. ئەگەر ياشلىرىمىز قىز قېرىنداشلىرىنى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولغۇسى ئانىلىرىنى دەپسەندە قىلىپ «لەززەت» ھېس قىلىدىغان بولسا بۇ مىللەت «تۇخۇم» ىدىلا بۇزۇلغان مىللەتكە ئايلانماسمۇ؟! قىزلىرىمىز پۇل ۋە پاراغەت ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئىپپەت سارىيىنى تاماكا «كۈلدانى» غا ئايلاندۇرىۋالسا، ئۇلار مۇھەببەت، ئائىلە، ئانا ۋە چوڭ ئانا بولۇشتىكى پاكلىققا، مۇقەدەس ئەقىدىدىن ئىبارەت بەخىتكە يەنە نېمە بىلەن ئېرىشەر؟! ئائىلىك تۇرۇپ «ئىپپەت سېتىش ماگىزىنى»، ھەتتا گۇرۇھلاشقان«ئىپپەت سېتىش شىركىتى» ئاچقان قىز ئاياللار خەلقىمىزنىڭ گەۋدىسىگە داۋاملىق زەھەر قۇرۇتلىرى چېچىلىپ نېمە ھۇزۇر ئالار؟؟؟ !!!
قەدىمكى گرىك ماتېماتىكى: پېفاگور :« مەستلىك - ئېزىش مەشىقىدۇر>>دېگەن ئىكەن. ھازىر زەھەرلىك چىكىملىك ۋە جىنسىي چىرىكلىك ياشلىرىمىزدا بارغانسېرى ئېغىر ئىجدىمائىي ئاپەتكە ئايلانماقتا ! بۇ ئاپەت خەلقنىڭ ئۈمۈدى بولغان ياشلارنى بەخىتسىزلەر، مەھبۇسلار ، ساراڭلار ،جەسەتلەر لاگىرىغا ئىتتىرمەكتە ! شۇنى بېلىشىمىز كېرەككى ، مىللەتنى يالغۇز توپ-زەمبىرەكلا ئەمەس چىكىملىك نەيچىسى ، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچىلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ ! ئىمان - ئىتىقادلىق ، غۇرۇر -ۋىجدانلىق ئەركەكلىرىمىز ئارىسىدىن ۋە ئىپپەت - نۇمۇسنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغانقىز - ئاياللىرىمىز ئارىسىدىن بىر تۈركۈم قەھرىمانلارنىڭ چىقىپ ھەممە ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر بىلەن بۇ ئىككى <<قىيامەت بورىنى>> سىياقىدىكى ئىپلاس ھادىسىنى چەكلەشكە جان پىدا قىىشلىرىنى تارىخىمىز تەقەزا قىلماقتا . مىنىڭچە ئارىمىزدا ، بۇنداق <<چىستانى ئىلىك بەگ>> ۋە بۇنداق <<زورو>> چۇقۇم چىقىدۇ !
قەدىرىك قېرىندىشىم ! بىز <<يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت>>بىلەن <<يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت>>نى بىرلەشتۈرۈپ ، ئالدىنقىسىنىڭ ئىپتىخار ئىلھامىدا كىيىنكىسىنىڭ نۇمۇس ئىللەتىنى سۆكۈشىمىز ، تازلىشىمىز ھەقىقىي <<ئارىفلىق>> (كۆيگەنلىك) ۋە ھەقىقىي <<ئاشىقلىق>>(كۆيگەنلىك) تۇر ! ئۆزى ئويغانماي تۇرۇپ ، خەلقنى سۆيىمەن دېمەكلىك بىر قۇرۇق داۋراڭ ، خالاس !
تۆۋەندىكى ھەرقايسى شەھەر ۋىلايەت ئوبلاستلاردىكى ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى:
1. ئىلى ئوبلاستى
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 13654 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 5229 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 3911 نەپەر
2. ئۈرۈمچى
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 10740 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 3250 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 1888 نەپەر
3. ئاقسۇ
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 7903 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 1644 نەپەر
4. قەشقەر
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 6271 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 1616 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 1075 نەپەر
5. خوتەن
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 2582 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 527 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 438 نەپەر
6. تۇرپان
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 2331 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 549 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 447 نەپەر
7. بايىنغولىن ئوبلاستى
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 1659 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 379 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 343 نەپەر
8. سانجى
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 1021 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 398 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 217 نەپەر
شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ ئاز يۇرت - ئالتاي
ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 135 نەپەر
ئەيدىز بىمارى 36 نەپەر
ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچى 26 نەپەر
بۇ تېمىنى تارقىتىش ئارقىلىق بارچە قېرىنداشلارنىڭ دىققەت-نەزىرىنى دىيارىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئاغدۇرۇپ، ئەخلاقلىق بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئەسىگە ئاتلىنىش ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ بۇرچى!
|
|