ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومومنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق قارار قىلىشى
19- سېنتەبىر كۈنى ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنى ۋەيران قىلىدىغان، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئىقتىسادنى جانلاندۇرىمەن دەپ پەيدا قىلغان ناھايىتى چوڭ كۆپۈك ئېتىلىپ كەتمەكچى، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرى بىر مەبلەغ سالغۇچىغا نىسبەتەن ھازىر بەلكىم ئەڭ خەتەرلىك مەزگىل بولىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ۋال كوچىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەر شارىدىكى ھەرقايسى مەركىزىي بانكىلارنىڭ پۇل سىياسىتى ھەركەت يۆنىلىشى پۇل مۇئامىلە بازىرى تەۋرىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى يەر شارى ئوبورىتچانلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
پۇل سىياسىتىدىن باشقا ياۋرو ئامېرىكا سىياسىتى مۇقۇمسىزلىقىنىڭ يۇقىرىلىشىمۇ پۇل مۇئامىلە بازىرى تەۋرىنىشىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەبى. ياۋروپا قىتئەسىدە ئىتالىيە 10- ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومومنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق قارار قىلىشنى بېكىتكەن، شۇڭا يېقىندا بەلكىم ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چوڭ "پارتىلاتقۇچ دورا قۇتىسى" پارتىلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
بازارنىڭ قارىشىچە، ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىشى بۇ يىلقى ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي خەتىرى بولىشى ھەم خەتەرلىك دەرىجىسى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىشىدىنمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىتالىيەنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش بولسا، ياۋرو رايونىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ بەلكىم تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىقتىسادىي زەربە پەيدا قىلىشى يەنە ياۋروغا بەك ئېغىر زەربە بولىشى مۇمكىن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىلا ئەمەس، ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مۇقۇمسىزلىقىمۇ بازار تەرىپىدىن پارتىلاش ۋاقتى ئېنىق بولمىغان بومبا دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامىپنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىشى بازارنىڭ قورقۇنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى.
قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ مۇقۇمسىزلىقى يەرشارى خاراكتېرلىك بولۇپ، چوڭ بىر خەتەردىن دېرەك بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
|