ئويلىنىمەن داۋاملىق، ھايات ۋەجى نېمە دەپ، تاپالمايمەن بىر جاۋاب، بۇ ئىش ئەجەپ، بەك ئەجەپ، قىينار داۋام توختىماي، كۈنۇ - تۈن مېنى ھەدەپ، زادى كەلدىم نېمىگە، كېتىشىمگە نە سەۋەب؟!
تۇغۇلدۇم مەن ئانامدىن، بىئىختىيار - بىچارە، باقتى، قوشتى قاتارغا، بولۇپ ماڭا پەرۋانە، بىر ئىشىغا ئانامنىڭ مەن ھەيرانە - ھەيرانە، كۆيەر، سۆيەر باغرىم دەپ، سۆيۈشىگە نە سەۋەب؟
قىپ بەرمىدىم ئانامغا، تاغنى تالقان قىلىپ مەن، كۈتەرمىدىم دادامنى، يا ئالقانغا ئېلىپ مەن، مۇئەممانىڭ تەكتىگە يېتەلمىدىم، بىلىپ مەن، گۈلخان قىلىپ باغرىنى، كۆيۈشىگە نە سەۋەب؟
مەن ئۇلارنى قانچىلىك، مېھمان قىلدىم - كۈتتۈممەن، بولۇپ قالسا مۈشكۈلى، غەمنى قاچان يۈتتۈممەن، شاھزادىدەك ئۆزۈمنى بىرلا چاغلاپ ئۆتتۈممەن، پايپىتەك بوپ ئۇلارنىڭ ئۆتۈشىگە نە سەۋەب؟
ئەقىل كىرىپ، ئانامغا قىلغانلىرىم قانچىلىك؟ دادام ھەمدەم بول دېسە، بولغانلىرىم قانچىلىك؟ بىللە چىقىپ سوللارنى يارغانلىرىم قانچىلىك؟ يەنە ماڭا ئىكرام قىپ، كۈتۈشىگە نە سەۋەب؟
چوڭ بولۇپمۇ ئۇلارغا يۆلەنگىنىم ئازمىدى، بۆشۈك بىلىپ ئۇلارنى، بۆلەنگىنىم ئازمىدى، قەرز قىلىپ ئۇلارنى، ئۆيلەنگىنىم ئازمىدى؟! ئالماي قىلچە قېتىغا، ئۈپۈشىگە نە سەۋەب؟
ئانا باغرى ئوخشاركەن، پالىلدىغان گۈلخانغا، ئاتا باغرى كەڭلىكتە تىمسال ئىكەن ئوكيانغا، ئىككى قەلب بىرلىشىپ، بويلىشاركەن ۋولقانغا، بىزلەر ئۈچۈن ئوكياندىن كېچىشىگە نە سەۋەب؟
بارلىقىدا بىلمىدىم، ئاھ ئاتامنىڭ قەدرىنى، شورىۋالدىم ئانامنىڭ يىلىكىنى، مېھرىنى، ھۇزۇرلاندىم قانغۇچە، ئېلىپ ھايات بەھرىنى، ئويۇم، ئاشۇ دادامنىڭ كېتىشىگە مەن سەۋەب!
كەتتى دادام بىھىشكە، قالدى ئانام مۇڭلىنىپ، توزۇپ كەتتى مەزگىلسىز، ھايات گۈلى تېز سۇلۇپ، ئەپسۇس، ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، قالدىم ئەمدى ئويلىنىپ، ئاتام خىزىر، ئانامچۇ پەرشىتىكەن، يوق سەۋەب!
قىلالمىدىم بارىڭدا، ئاتا سېنىڭ ئىشىڭنى، جېنىم ئانا، كەتمەستە، تۇتۇۋالاي پېشىڭنى، يېتىپ دادام يادىڭغا، تۆكمە مۇڭلۇق يېشىڭنى، ھاياتلىقىم بىر سېنىڭ، ئاڭا شەكسىز سەن سەۋەب!...
مەنبە: ئىجادىيىتىم. |