ئالدىنىپ قېلىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ
ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان 18 ياشلىق قىز شۈييۈيۈ، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر ئالدامچىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. نەتىجىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تەييارلىغان 9900 يۈەن پۇلنى ئالدامچىنىڭ ھېساب نومۇرىغا ئۆتكۈزىۋەتكەن. ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ئۇققان شۈييۈيۈ قاتتىق ئازابلىنىپ يۈرىكى زەخىملەنگەن. گەرچە دوختۇرخانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالىغان بولسىمۇ بىراق يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغان.
مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا 568 نومۇر بىلەن نەنجىن پوچتا تېلېگراف ئۇنۋىرستېتىغا قوبۇل قىلىنغان شۈييۈيۈ 19-كۈنى 16:30 دا بىر ناتونۇش تېلېفوننى ئالغان. قارشى تەرەپ 2600 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ناتونۇش تېلېفوندىن ئىلگىرى شۈييۈيۈ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرمەكچى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان. 18-كۈنى مائارىپ تارماقلىرىدا ئوقۇش ياردەم پۇلىنى رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
شۈييۈيۈنىڭ ئانىسى مۇخبىرلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە ئاۋۋالقى كۈنى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالغانلىقى راست، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ تېلېفوننىڭ راست-يالغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغان. قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تەييارلىغان 9900يۈەن پۇلىنى ئالدامچىنىڭ ھېساب نومۇرىغا ماڭدۇرىۋەتكەن. ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ئۇققان شۈييۈيۈ قاتتىق ئازابلانغان. شۇ ئاخشىمى ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلغان. قايتىپ كېلىۋاتقاندا شۈييۈيۈ تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىھوش بولۇپ قالغان. گەرچە دوختۇرخانىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ 18 ياشلىق ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا شۈييۈيۈنىڭ سالامەتلىكى ياخشى، تېنىدە ئېغىر كېسەل يوق ئىكەن. ئائىلە ئىقتىسادىي نامرات، پۈتۈن ئائىلىسىدە دادىسىنىڭ سىرتتا ئىشلەپ تاپقان ئىش ھەققى ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىغان 9900 يۈەن پۇلنى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاز يەپ تېجەپ خەجلەپ يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە توشقۇزغان ئىكەن. 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالدامچى تېلېفوننى شۈييۈيۈنىڭ ئانىسى لىسۈيۈن ئالغان. شۈييۈيۈنىڭ ئانىسى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ تېلېفوننى قىزىغا بەرگەن.
-ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىمىز دېگەندەك قىلىدۇ، تېلېفوندا سەن سۆزلەشكىن.
ئۇ كۈنى يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا قىزىم ئىككىنچى كۈنى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىۋېلىشنى ئېيتقان. بىراق تېلېفوندا بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەتە ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. لى زىييۈننىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا ئالدامچى قىزنى 20 مىنۇت ئىچىدە ATM ماشىنىسىغا يېنىغا يېتىپ بېرىپ، ATM ماشىنىسى ئارقىلىق ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرغان. قىز بۇ ۋاقىتتا ھېچقانداق گۇمان قىلمايلا ئۆيىدىن يامغۇرلۇق ئېلىۋېلىپ، ۋېلىسىپىت مىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى ATM ماشىنىسى يېنىغا يېتىپ بارغان. شۈييۈيۈ تېلېفوندا سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بويىچە ATM ماشىنىسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارغان. قايتا-قايتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقتىن ئالدامچى ئۇنىڭدىن، يېنىدا باشقا بانكا كارتىسى بار-يوقلىقىنى سورىغان. شۈييۈيۈ ئوقۇش پۇلى تۆلەش ئۈچۈن تەييارلىغان بانكا كارتىسىنىڭ بارلىقىنى، ئىچىدە 10000يۈەن نەق پۇل بارلىقىنى ئېيتقان. قارشى تەرەپ بۇ كارتىنىڭ تېخى قوزغىتىلمىغانلىقىنى ATM ماشىنىسى ئارقىلىق 9900 يۈەن پۇلنى قولىغا ئېلىۋېلىپ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بانكا كارتىسىنى قوزغىتىپ پۇلنى بەلگىلەنگەن ھېساب نومۇرىغا ئۆتكۈزۈپ يېرىم سائەت ئىچىدە 9900 يۈەن ئوقۇش پۇلى بىلەن 2600 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۈييۈيۈ ھېچقانداق گۇمان قىلمايلا ئالدامچىنىڭ سۆزى بويىچە مەشغۇلاتنى تاماملىغان. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۈييۈيۈ خاتالىق باردەك ھېس قىلىپ، قارشى تەرەپكە تېلېفون قايتۇرغان. قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىنى ئېتىۋېتىشىنى كىم بىلسۇن. بۇ ۋاقىتتا شۈييۈيۈ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىچە پۇلنى قايتا ئەۋەتىپ بېرىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلغان؟ بۇ ۋاقىتتا سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، شۈييۈيۈ قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا ساقلاپ تۇرغان. يېرىم سائەتتىن كېيىن بىر مۆجىزە يۈز بېرىشىنى كۈتكەن. يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پۇلى قايتىپ كەلمىگەن.
شۈييۈيۈنىڭ ئانىسى ئەسلىدە 2-كۈنى دېلو مەلۇم قىلىشنى ئويلىغان. بىراق شۈييۈيۈ شۇ كۈنى دېلو مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:30 مىنۇت ئۆتكەندە شۈييۈيۈ ئانىسى بىلەن گاۋدۇ ساقچىخانىسىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار دېلونى خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆيگە قايتۇرۇۋەتكەن. شۈييۈيۈنىڭ ئانىسى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن:
-ساقچىخانىدىن چىققاندىن كېيىن مەن ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت بىلەن قىزىمنى ۋېلىسىپىتنىڭ كەينىگە ئولتۇرغۇزۇپ ماڭغان ئىدىم. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بايىلا يامغۇر ياغقانلىقتىن ھاۋا سالقىن بولغاچقا قىزىم چاپان كىيىۋالسۇن دەپ ئويلاپ كەينىمگە قارىغان ئىدىم. دەرۋەقە قىزىم بىر تەرەپكە يىقىلىپ چۈشتى. مەن دەرھال توختاپ قىزىمنى قۇچاقلىۋالدىم. ئۇ بىھوش ھالەتتە بەدەنلىرى يۇمشاپ كېتىپتۇ. دەرھال 120 گە تېلېفون قىلدىم. دوختۇرخانىغا بارغاندا بىر تۇتاش قۇتقۇزغان بولسىمۇ ۋاقتىنچە قىزىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. قىزىم ۋاقىتلىق خەتەردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 9:30 مىنۇت ئەتراپىدا قىزىم ئالەمدىن ئۆتتى.
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى: شۈييۈيۈ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى تورغا چۈشكەن.
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى فۇجىيەن ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرىدە شۈييۈيۈ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىكA دەرىجىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. ئەڭ ئاخىرقى جىنايەتچى جېڭ شىيەنسۇڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ھەممىسى تورغا چۈشكەن.
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى