-سالام ئاكا،يىراق قەشقەردىن، بىر ئوت يۈرەك سېغىنار سىزنى. ھۆرمىتىم بار سىزگە ئەزەلدىن، ئېلىك ئېلىڭ سالاملىرىمنى.
ئۆتتى يەتمىش ئالتە قىش-باھار، «يىللار ئىزى» قالدى ئېڭەكتە. «ئىلى دەرياسى» جۇش ئۇرۇپ ئاقار، ئىلھاملىنىپ سىزدەك ھەۋەستە.
مانا قولدا «كۈنلەر ئەلبۇمى»، «ئۆمۈر دېگەن ئۆتەركەن شۇنداق». ئەل ئاغزىدىن بىلدىم ھەممىنى، «جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق».
«ھايا بىلەن گۈزەلدۇر ھايات»، «ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس». «ئارزۇلىرىم» قاقماقتا قانات، «ئېگىز-ئېگىز تاغلاردا»پەۋەت.
راست ئېيتىسىز «ئويلاپ ئوينا»-دەپ، «بىز كەلگەنمىز ئاۋۋال ياشاشقا». ھارماي «خەقنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ»، «ناخشا ئېيتتىڭ بىر گۈل ئىشقىدا».
«سەن بولغاچقا گۈزەل بۇ دۇنيا»، «سېنى دېسەم كۈندە باراتتىم». «ياشاش باشقا، ياشنىماق باشقا»، «يىراقلاردىن خەت» لەر قاراتتىم.
«كاككۇكگۈلى» ئېچىلغان باغدا، بارمۇ«تەنتەك قۇشقاچ بالىسى». «ئەگەر ياندا بىر يار بولمىسا»، تىكەنمىكەن گۈلنىڭ ئارىسى.
«ئىشقىڭ بىلەن...» «ياشاۋەر»ئاكا، «يىغلاپ قالمايلى ياشلىق كەتكەندە». «سۆيگەن يارىڭ ۋاپادار بولسا»، «گۈزەللەر» نى قوغلىشىپ يۈرمە.
ئويغىنامسەن «كاككۇك كەلگەندە»، «ۋاقتىڭ كەتسە، بەختىڭ كېتىدۇ». «ھەيران بولۇپ يۇرمە ھەممىگە»، «ھەسرەت» بىلەن «ئەتەڭ» ئۆتىدۇ.
«ئۇچۇرۇڭنى كىمدىن ئالىمەن»، «بىكار كەتتى، كەل، دېگەنلىرىم». «ئالتۇن دۇتار قولدا» چالىمەن، «ئەجەپ» ئەشۇ «ئون توققۇز يېشىم»
.
«خوش ئېيتقۇم يوق ساڭا ياشلىقىم»، «سوراپ يۇرمە دۈشمەنلىرىمدىن». «سېنى بىر كۆرۈپ» ئۆلسەم ئارمىنىم، رازى قان-ياش «ئىچكەنلىرىم» دىن.
«سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن»، «مۇھەببەتنى ساقلار ساداقەت». مانا قولغا قەلەم ئاپتىمەن، «شۇنداق روھقا ئۆگەنسۇن يۈرەك».
«تىل تەگمىسۇن تىلەكلىرىڭگە»، «ئەل تىلىكى تىلىكىڭ بولسۇن». «ساڭا يازغان خەتلەر ئىچىدە»، «نۇرغا تەشنا دىل» لىرىم بولسۇن.
راست ئېيتىسەن «ئۇمۇ بىر ئانا»، «يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار». «يۈرۈڭ دوستلار،مەكتەپ قوينىغا»، «تۈنۈگۈنكى سەبىي بالىلار».
مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكا، ئەل شائېرى، ئەلنىڭ ئوغلىسەن. قاتتىم سېنى كۈيلەپ قوشاققا، سەن ھەقىقىي ئەلنىڭ بەختىسەن.
«گۈلدەستە» لەر تۇتىمەن مانا، «ياشاۋېرىڭ تۆت كۈن بولسىمۇ». «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، يېزىڭ يۈرەك دەردكە تولسىمۇ...
ئەسكەرتىش:« » ئىچىدىكىللىرى مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىنىڭ بىر قىسىم شىئېرلىرىنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. |