- تىزىملاتقان
- 2014-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9151
- نادىر
- 1
- يازما
- 416
ئۆسۈش
83.02%
|
ئۇنداق ئاسان ئىش يوق باللار. بىزنىڭ غۇلجىدا بۇرۇن كۆن خۇرۇم كەسپىنى قىلىدىغانلار خېلى بار ئىدى. دادامنىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئۆيى شەھەر سىرتىدا بولۇپ كىچىك چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارساق دىماقنى ئاچچىق قىلىدىغان بىر پۇراق ئارام بەرمەيتى. ئۇلار يوغان توڭلارغا تىرىلەرنى چىلىۋىلىپ ، كالتەكلەردە ئۇرۇپ بىرنىمىلەرنى قىلاتتى. ھىلىقى توڭلارغا ھاك سۇيۇقلىقىمۇ، كىسلاتامۇ ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى ئىشلىتەتتى. بىز كۆڭلىمىز ئېلىشىپ كەتتى، سېسىق پۇرايدىكەن دىسەك، -ئۇنداق دىمەڭلار، دىمىقىڭلار سىسىق پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، دەپ قويىدىغان.
غۇلجىنىڭ تاڭشاڭ دىگەن يېرىدە 70-يىللاردا تازا دەۋر سۈرگەن تېرە ئۈچەي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇرى بار ئىدى. بىزنىڭ ئاپاملار، ھامماملار مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەيتى. مەكتەنتىن قويۇپ بەرگەندە ، پۈتكۈل تەتىلدە مۇشۇ زاۋۇتقا كىلىپ ئوينايتۇق. تېرىلەرنى پىششىقلاپ جەريانى بەك مەرەككەپ ئىدى. زاۋۇت ھويلىسىدا يوغان يوغان كۆلچەكلەر بولۇپ تېرىلەرنى ئاشلايلىدىغان ئىشچىلار تىزىدىن يۇقۇرسىغا كىلىدىغان رىزىنكە ئۆتۈكلەرنى كىيىپ ھە دەپ چىلەك بىلەن سۇ قويۇپ تىرىلەرنى يۇياتتى. ئاپتاپقا ياياتتى. تۈكلىرىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان سىخلار بار ئىدى.
زاۋۇتنىڭ يۇقارقى تەرىپىدە ئىلى دەرياسىغا تۇتىشىدىغان جىگىتەك كۆيدۈرىدىغان سىخلىرى بار ئىدى.
ئەسلىدە تىرىلەردە پاكىز ئىلىنمىغان ماي، گۆشلەر بولىدىكەن . شۇلارنى شۇلۇپ ئىلىپ يىغىپ كۆيدۈرەتتى. ئەلۋەتتە زدۋۇت بولغاندىن كېيىن يوغان داش قازانلاردا قىلاتتى. بۇ ئىشلارنى ساپلا ئۇيغۇر ئىشچىلار قىلغاچقا بىز چوڭلارغا ئەگىشىپ بىرىپ جىگىتەك يەيمىز دەپ تۇرۋالاتتۇق. كۆيدۈرۋالغانبۇنچە كۆپ ماينى نىمە قىلىدىكەن دىسەك، سوپون چىقىرىدىكەن دەپ قويۇشاتتى. ئاپاملار ئۈچەي سىېختا ئىشلىگەن بولغاچقا تولاراق مۇشۇ ئەتراپتا ئوينايتۇق. ئاپاملارنىڭ سېخېنىڭ قىشىدا «تاڭسەن سىخ » دەپ بىر سىخ بولىدىغان. ئۇلار ھازىرقى پاختا ئاتىدىغاندەك ئۈسكۈنىلەر بىلەن قۇرغاق تېرىنى ئۈسكۈنىدىن ئۆتكۈزۈپ يۇقارقى رەسىمدىكىدەك تېرىلەرنى چىقىراتتى. بۇنى بىز تاڭسەن تېرە دەپ قوياتتۇق. ئۇنىڭ پارچە پۇراتلىرى بەك جىق چىقاتتى. بىز ئەڭ پاكىز، ئەڭ ئاز پۇرايدىغانلىرىدىن ئازراق تىرىۋىلىپ ئوينايتۇق.
ئۇ چاغلاردا ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل نامرات بولغاچقا ھىچكىم بۇ تىرىلەرنى ھازىرقىدەك بىرەر ئىشىمىزغا ئىشلىتەيلى دەپ ئويلىمايتى. بەزى بىر ياشلار - بۇ تېرىلەرنى نىمە قىلىدىكەن دەپ سورىسا- چەتئەللىكلەرگە سېتىپ بىرىدىكەن. ئۇلار ماشىنا ئورۇندۇقلىرىغا ، كىرسلۇ ئۇستىلىرىگە قويىدىكەن. چەتئەللىكنىڭ پۇلى بەك جىق بولغاچقا بىر دانىسىنى نۇرغۇن پۇلغا ئالامىش، لېكىن ئۆزىمىزگە سىتىپ بەرسە پۇلغا چىقىنىپ بولالمايدۇ- دەپ قويۇشاتتى. ئىشلىقىلىپ بىر تال خام تېرىنىڭ ئەىينىلىپ يۇقارقىدەك تاڭسەن تىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن جەريان، نۇرغۇن ۋاقىت، نۇرغۇن گۇڭ كېتىدۇ.
ئەگەر بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز 70-يىللاردىكى چەتئەللىك بايلارنىڭ ئەھۋالىغا تەڭلىشىپ قالغانبولسا، بىرەر ئىككى تالنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. لېكىن ئەيلەيمەن دىسەك ھازىرقى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇنىڭغا يول قويماسمىكىن. |
|