- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11784
- نادىر
- 0
- يازما
- 737
ئۆسۈش
4.46%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-10-1 16:15
تىمىڭىزدا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك بىر قىسىم مەسىلىلەر يورۇتۇلۇپتۇ. بۈگۈنكى ئېچىۋىتىلگەن جەمىيەتتە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قېلىشى، ئەر- ئاياللىق جەھەتتىكى جىنسىيەت مەسىلىلىرىنىڭ بالىلاردا كىچىكىدىنلا ئىددىيۋى زەرەتلىنىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى. بالىلارنىڭ كۆزىنى نىقاپلاپ قويغىلى، قۇلىقىغا پاختا تىقىپ قويغىلى ياكى ئىشتان بېغىغا قۇلۇپ سېلىپ قويغىلى بولمايدۇ. سىھىرلىك ئالمىدىكى ئېيتىلغان قىزدەك پۇتى باسماس، قولى تۇتماس، قۇلىقى گاس قىزلار بەلكىم ئەمدى تېپىلمايدۇ. بىراق بىزدىكى مەسئۇلىيەت پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، نىمىنىڭ فىزىئولوگىيلىك ئۆزگۈرۈش ئىكەنلىكى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى توغرا قاراش بىلەن تەربىيلەش مەسىلىسى . بىز مۇشۇ جەھەتلەرگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشىمىز كىرەك.
بەزىلەر ھە دىسىلا مەسىلىنى ئىسلام دىنىدىن كۆرىدىكەن. خۇددى دىندىن خالى كىشىلەردە بۇ مەسىلىلەر قەتئىيلا مەۋجۇت ئەمەستەك.
ئانانىزىم قىلىش، ئۆلۈك ھايۋانلار بىلەن، ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن نەپسى شەھۋىتىنى قاندۇرۇش،ھەمجىنىسلىق كەبى ئادەم ئاڭلىسىمۇ يىرگىنىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئەجەبا ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك ئىكەنلىكىدىن شۇلارنى قىلامدىغاندۇ. ئۇلاردا جىنسىيەت تەربىيسى ئۇچۇقتىغۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىدەك قالاق، بېكىنمە دېننىڭ جىنسىيەت تەربىيەسىدىن خالى ھالدىكى ئوچۇق ئاشكارە جىنسىيەت تەربىيسى بىلەن تەربىيەلەنگەن ئىدىغۇ. نىمە ئۈچۈن بۇ تەربىيە ئۇلارغا كار قىلمىغاندۇ؟
تىمىدىكى بەزىلەرنىڭ ھايۋان بىلەن نەپسى شەھۋىتىنى قاندۇرغان يەرلەرنى ئوقۇپ سەسكەندىم، ھەم بۇنداق كىشلەردىن يىرگەندىم، خۇدا پەرزەنتلىرىمىزنى بۇنداق قىلمىشلارنى قىلىشتىن ساقلىسۇن.
رەھمەتلىك تاغامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئىنجىل تەپسىرلىرىدە شۇنداق ئېيتىلغان ئىمىش: كىمكى ھايۋان بىلەن نەپسى شەھۋىتىنى قاندۇرىدىكەن ئۇ ھايۋاندۇ، چۈنكى ياراتقۇچى ئىنسانلارنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئاياللىرىنى ياراتقان، ھايۋانلارنىڭ ئەركىكى ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ چىشىسىنى ياراتقان، كىمكى ھايۋان بىلەن نەپسى شەھۋىتىنى قاندۇرىدىكەن ئۇ ئاللىقاچان ھايۋانغا ئايلانغان بولىدۇ، بۇنداق كىشىدىن زېمىنغا ۋابا تارىلىدۇ، شۇڭا تۆت ئادىل كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە شۇ كىشىنىڭ ئىقرارى بىلەن بۇنداق ئادەم شۇ جايدىكى ئەڭ ئىگىز تاغقا ئېلىپ چىقىلىپ پەسكە غۇلاپ تاشلىنىدۇ،ئۆلۈكى يۇيۇلمايدۇ كېپەنلەنمەيدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئىنسان ئۈچۈندۇر، ھايۋان ئۈچۈن ئەمەس. ھايۋان بىلەن نەپسى شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغانلىقى گۇمان قىلىنغان ئوغۇلغا قىزىنى ياتلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، چۈنكى بۇلاردىن تۆرەلگەن بالىلارنىڭ بەدقىلىق، خۇنخور، ھارام ئىشلارغا مايىل بولىدىغانلىقى،ئوغرى، قاتىللارنىڭ كۆپى مۇشۇنداقلاردىن چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.(بۇنداق دېسەم بەزىلەر ئەمدى توردا كۆرگەن ئىدىم دەپ ئاشۇنداق قىلغان بالىلارنى دۆڭدىن ئىتتىرۋىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويساڭلار، ۋابالىغا مەن قېلىپ باشقىلارنى ئەسەبىي ئىددىيگە قۇتراتقان بولۇپ قالماي يەنە، مەن پەقەت بۇنداق قىلىقنىڭ مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن ناھايتى ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا رەھمەتلىك تاغامدىن كىچىك چېغىمىزدا ئاڭلىغان شۇ گەپلەرنى دەپ بەردىم..بۇنداق قىلغانلار بۇنداق قىلمىشتىن يېنىشى،قاتتىق تۆبە قىلىشى كىرەك)
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىلىقىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى بار. لېكىن ئۆي ھايۋانلىرىنى قوغداشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر بولمىغاندىكىن، ھايۋانلار سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلىپ كېلەلمىگەندىكىن بەزى ئەخلاقسىز بالىلار قانۇنغا خىلاپ بولمىغاندىكىن دەپ ھاياسىز قىلىقىنى داۋام قىلغان بولسا كىرەك.چۈنكى قانۇن رىئال يۈز بەرگەن ياكى بەرمەكچى بولغان مەسىلە دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە، كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىك ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولسا ئۇنى چەكلەش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. يەنى ئۇ كىشىلەرنى جىسمانى جەھەتتىن تۈزەشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. دىنى ئەھكاملار بولسا كىشىلەرنىڭ ئىچكى ھىسياتى ۋە ئاڭ فورمىسىنى تۈزەشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. |
|