گېپىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىر قانچە پاكىتلارغا قاراپ چىقايلى.
بىرىنچى پاكىت: يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان توردا سورالغان ئانانىزم ۋە ھەرخىل جىنسى پىسخىكىغا ئائىت سوئاللار ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابلار.
ئاپتورنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، توردا (ئاساسلىقى جىنسىيەت تورى، ھېسسىيات تورى، 80 خالتا تورى قاتارلىق بىرقىسىم تور بېكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ) سورالغان جىنسىيەت ھەققىدىكى سوئاللارنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى ۋە مەزمۇنى بىرقەدەر كۆپ. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ ئىچىدە ئانانىزم توغرىسىدا سورالغان سوئاللار ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى كونكرېت مەزمۇن ۋە سانسىفىرلار قىسقارتىلدى.
ئىككىنچى پاكىت: باغداش مۇنبىرىگە يوللانغان "سېرىق فىلىم كۆرىدىغان «ەخلاقلىق بالا» ناملىق يازما. يازما ئاپتورى: alim007
ماتېرىيال: مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار. بەك ئاقكۆڭۈل مېھماندوست ۋە تىرىشچان، ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ. بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، دىنى ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىيەلىگەندەك قىلغان ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارلىشىۋالاتتى، دائىم شۇنداق بۇلاتتى. شۇڭا بۇ بالىدا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى . لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ بولغان ئىدى . ئىشقىلىپ بۇ بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم . لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى، بەكمۇ چوڭقۇر ئۇف دىگۈزىۋەتتى.
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم. ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى، دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى. بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى. بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى، ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋېلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم ، قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى . مەن باغداش تورىغا چىقىپ ئازراق تېما يوللاش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كومپيۇتېرنى ئالدىم. ئۇ ماڭا كومپيۇتېرنى بېرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى. مەن ئادرېس رامكىسىدا باغداش تورى بار بولسا بىۋاسىتە بېسىپلا كىرەي دەپ، ئادرېس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان ئىستىرىلكىنى باستىم. شۇ ھامان يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بېكەت ئادرېسلىرى چىقتى، مەن بۇ ئادرېسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، نېمىنى كۆردۈم دېمەمسىز، بۇ ئادرېسلارنىڭ ئىچىدە ئىنگلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك ئۈچ دانە ئادرېس تۇراتتى. مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرېسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم. ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن. بەت ئاستىدا راست پېرسوناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بېكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى. مەن بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم، قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى، مەن كومپيۇتېرنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم ، تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بېكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى . مەن ئىسپات ئۈچۈن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپيۇتېرنىڭ بىر دىسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم . كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقالىقىنى بىر ئۆزۈم سىزىمەن .كومپيۇتېرنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى، يۈرۈش-تۈرۈشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى. مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم. ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم. ئۇ بۇ ئادرېسلارنى بىر ساۋاقدىشى «چ چ» توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چېكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دېدى. مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ ئاخىرى راست گەپ قىلدى. ئۇ بۇ ئادرېسلارنى سىنىپىنىڭ «چ چ» توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كىيىن، دائىم مۇشۇ ئادرېسلاردىن سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن، بولۇپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغرىلىقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى دېدى . بۇنى ئاڭلاپ ، مەن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. مەكمۇ ھەيران بولدۇم. بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم، لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغۇچە ئىككى كۆزۈمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم، ئۇ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى.
ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى، تېخى بەزى ئاز ساندا قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دېدى. ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ «ئۆي ئەركىكى» دېگەن ئاتاققا قېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا سېرىق فىلىملەرنى قول تېلېفونلارغا كۆچۈرۈپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دېدى. ھەمدە ساۋاقداشلار «چ چ» توپلىرىدا بۇنداق ئادرېسلارنىڭ دائىم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دېدى. ھەمدە كومپيۇتېرىدىكى بۇ تور ئادرېسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى دېدى.
ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ بەكمۇ ئېغىر، ھەتتا ۋەھشىي ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. ئائىلىرىمىزدە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىز ئوغۇللىرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سۇس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا بالىرىمىزغا ھەرگىز كومپيۇتېرنى ئىچىپ بەرمىسەك ، ئۇلارنىڭ توردىكى ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرساق دېگەن ئويغا كەلدىم . بۇ سەبى بالىلىرىمىز بۇ سېرىق تور بېكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ ،بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار «چ چ» لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ.شەيتاننىڭ قۇرالى نېمىدېگەن يامان ھە ئاتا-ئانىلار ؟ زامان ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا زىنالار ئاشكەرە بولىدۇ دېگەن مۇشۇمۇ ؟ ئاھ سەبى بالىلىرىمىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى مۇشۇنداقلا شەيتانغا ئەل بولۇپ كېتەرمۇ ؟؟؟؟ ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئاتىسىغا دېمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋىتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەككەت تەۋبە نامىزى ئوقۇپ، چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ھازىردىن باشلاپ نامىزىنى قايتا باشلاپ ، ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ، بۇ ئۈچ كۈننى تائادەت ئىبادەتتە، قاتتىق تۆۋبە ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى دېدىم.
مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دېمەسلىك قارارىغىمۇ كېلىپ باققان ئىدىم. لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيەسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلېفوننى باستىم. ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەر غەزەپكە كەلدى. ھەمدە ماڭا رەخمەت ئېيتىپ، بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى، بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۋالغۇسىز ئازابتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال ئۆيگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەي ئاتىلار !!! ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي!!!! بىزدە ئويغىنىش بولغاي !!!ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلاد تەربىيەلەشكە تىرىشايلى! تەكلىپىم: مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-10-11-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. بۇ ئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ئەمەلىيەت.
ئۈچىنچى پاكىت: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانۇن ۋە پۇقرا پىروگراممىسى 260-سانى «قەلب سىرى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىكى بالدۇر يېتىلىپ قېلىش» ناملىق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدىن ئېلىنغان بىر ئەمەلىي دېلو ماتېرىيالىدىن ئۈزۈندە.
ماتېرىيال:
مەلۇم بىر ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 15 ياشلىق تولۇق بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەمەت (توقۇلما ئىسىم، ئاپتوردىن) جىنسى پاراكەنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. جاۋابكارنىڭ ئىقرار قىلىشىچە ئەمەت ئۇزۇندىن بۇيان قانۇنسىز تور بېكەتلەردىن شەھۋانى مەزمۇندىكى فىلىملەر (ماقالىنىڭ كېيىنكى مەزمۇنىدە قىسقارتىلىپ سېرىق فىلىم دەپ ئېلىندى، ئاپتوردىن) نى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەمەتتە بارا-بارا جىنسى تۇرمۇشقا قىزىقىدىغان، يات جىنىستىكىلەرگە يېقىنلاشقۇسى كېلىدىغان ۋە ئۆزى كۆرگەن سېرىق فىلىملەردىكى مەزمۇنلارنى دوراپ باققۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالغان. مەلۇم مەزگىلدىن كىين ئەمەت ئۆزىدىن كىچىك بىر قىز بالىغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان ۋە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قىزنىڭ رەت قىلىشىغائۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەمەت دوستلىشىپ قېلىش باھانىسى بىلەن قىزنى خالى بىر جايدائۇچرىشىشقا كۆندۈرگەن ۋە قىزنىڭ نومۇسىغا تېگىپ، ئۇنى ئۇرۇپ يارلاندۇرغان.
خوش، يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىققاندىن كىين سىزدە قانداق سېزىم پەيدا بولدى؟ يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقىدىن شۈبھىلىنىۋاتامسىز ياكى بۇنداق ئىشلارغا ئاللىبۇرۇن "توغرا مۇئامىلە"قىلىشنى ئويلاۋاتامسز ۋە ياكى يۈرەك سوقۇشىڭىز تىزىلىشىپ نىرۋىڭىز كۈچلۈك غىدىقلىنىۋاتامدۇ؟! بۇ ماتېرىياللاردىكى مەزمۇنلارنى بىر ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىش دەپ تۇرۇپ ئىلگىرى-كېيىنلىك ۋە سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋەت تەرتىپى بويىچە تىزساق تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن. پىسخىكىدىن نورمالسىزلىق-ئانانىزم- سېرىق فىلىم كۆرۈش-جىنايەت يولىغا مېڭىش. مەيلى قايسى خىل ماتېرىيالدىكى مەزمۇن بولسۇن،ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى جىنسىيەتنى مەزمۇن قىلغان بىرقىسىم تور بېكەتلەرگە، مۇنبەرلەرگە ۋە ئۈندىدار سالونلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز ئانالىزىمغا خۇمار بولۇپ قالغان قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ جىقلىقىدىن، كەچمىشلىرىنىڭ ھەرخىللىقىدىن ھەيران قالمايتۇرالمايسىز؟ بەلكىم سىزمۇ شۇخىل ئازابنى تارتىۋاتقان بىرى بولۇشىڭىز مۇمكىن.
كەمىنە يۇقىرىقى ماتېرىياللاردا تەسۋىرلەنگەن پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبىنى شۇ شەخس چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىتى ۋە ئائىلە تەربىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئائىلە تەربىيەسىدە جۈملىدىن بالىلارغا بولغان جىنسىيەت تەربىيەسىدە مەسىلە چىقسا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر نەتىجە بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز بەلكىم ھېچقاچان ئاتا-ئانىمىز ۋە ئاكا-ئاچىلىرىمىزدىن جىنسىيەت ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر ياكى يول كۆرسىتىشكە ئېرىشىپ باقمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا ئەتراپتىكى ياشقا چوڭ تونۇشلار ۋە تەڭتۇشلاردىنلا جىنسىيەت توغرىسىدا بىر قىسىم ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولۇشىمىز مۇمكىن. مانا بۇ جىنسىيەت تەربىيەسىدىكى تۆۋەندە بىرقانچە نۇقتا ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە جىنسىيەت تەربىيەسىنىڭ كەملىكىنى تونۇپ چىقىمىز.
بىرىنچى: بالاغەتكە يەتكەندە بەدەندە كۆرۈلىدىغان فىلولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا پوزىتسىيەدە بولۇش ھەققىدە بالىلارغا ھېچقانداق ساۋات بەرمەسلىك.
بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قانداق دېيىشنى بىلمەي قالىدۇ ياكى دېيىشنى ئارتۇقچە دەپ بىلىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، بالاغەت يېشىدىكى قىزلاردىكى ئادەت كۆرۈش، ئوغۇللاردىكى شەيتان ئاتلاش (ئېھتىلام بولۇش) ئىنتايىن نورمال بىر خىل فىلولوگىيەلىك ھادىسە. بۇ بىر ئىنساننىڭ بالىلىقتىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسقانلىقىنىڭ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇ ئىنساننىڭ يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ، كۈچلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك. لېكىن بۇنداق ئۆزگىرىش بىر قىسىم پەرزەنتلىرىمىزنى گاڭگىرىتىپ قۇيۇشى ۋە ياكى ئۆزىنى كەمسىتىش،بىزارلىق ھېس قىلىش قاتارلىق پاسسىپ پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشكە باشلاپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم بالىلىرىمىزنىڭ بالاغەت ۋاقتىدىكى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، توغرا ۋە ساغلام جىنسىيەت تەربىيەسى بېرىشىمىز لازىم. بولمىسا بالىلار ئاسانلا باشقىلاردىن خاتا بولغان جىنسى كۆز قاراشنى ياكى ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. تۆۋەندىكى بىر بالىنىڭ بايانىغا قاراڭ.
مەلۇم بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى ئانالىزىمغا ئۆگىنىپ قالغان. ئۇنىڭ بايانىچە باشقا بىر ساۋاقدىشى ئۆزىدە شەيتان ئاتلايدىغانىقىنى دەپ ئۆزىنىڭ چوڭ ئادەم بولغانلىقىنى پەش قىلىپ ئۇنى مەسخرە قىلغان ۋە بىر قانچە قېتىم «كىچىك» دەپ گەپتە سوققان. نەتىجىدە ئۇ بالىدا بىر خىل بېسىم پەيدا بولغان ۋە ئۆزى شۇنداق چۈشلەرنى كۆرەلمەيدىغانلىقى ۋە شەيتان ئاتلىمايدىغانلىقنى نورمالسىزلىق دەپ بىلگەن. دەل مۇشۇنداق پەيتتە يەنە بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا ئانانىزم ئارقىلىقمۇ «چوڭ» بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭغا تەلىم بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى ئانالىزىمغا ئۆگىنىپ قالىدۇ.
ئىككىنچى: ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت توغرىسىدا ھەرگىز ئېغىز ئاچماسلىق.
ئائىلىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىلىق بالىلارغا گەپ قىلىش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن نازۇك ۋە سەزگۈر بىر تېما بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىز توغرا بولمىغان كۆز قاراشنى قوبۇل قىلىۋېلىپ يولدىن چىققاندا سىزنىڭ سەزگۈرلىكىڭىزنىڭ پايدىسى بولماسلىقى مۇمكىن. تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ باقايلى.
مەلۇم بىر قىشلاقتىكى 12 ياشلىق بىر بالا تەڭتۇشلىرىنىڭ قوي باققۇچە مادا ئېشەك بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرىدۇ ۋە تەڭتۇشلىرى ئۇنى قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن ئۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا مەسخىرە قىلىنىپ چەتكە قېقىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بالىمۇ كېيىن تەڭتۇشلىرىغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئوخشاش قىلىقنى قىلىدۇ. تېخى چوقۇم شۇنداق قىلىپ ھازىر «پىراكتىكا» قىلىۋالمىسا كېيىنچە توي قىلغاندا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەي «مات» بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىنىڭ قىلغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆز جىنسىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ۋە يات جىنستىكىلەرنىڭمۇ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇلدا مۇۋاپىق مىقداردا بىلدۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھەر بىر خىل ئائىلىنىڭ ئۆزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تەربىيە شەكلى ۋە پۇرسىتىنى تاللاش كېرەك.
مەن گەرچە جىنسىيەت ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ توردىن ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇچرىغان بىر قىسىم مىساللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە بولغان جىنسىيەت تەربىيەسىنى توغرا ۋە ساغلام ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە بۇ مەزمۇننى تەييارلىدىم. ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى غۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن. خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم ۋە كەم قالغان جايلار بولسا تەجرىبىلىك ئۇستازلاردىن ۋە كەڭ تور جامائىتىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى ۋە يول كۆرسىتىشنى سورايمەن ھەمدە ھەممىنى بىلگۈچى زاتتىن ھەممىمىزگە مەغپىرەت تىلەيمەن! |