- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10293
- نادىر
- 0
- يازما
- 992
ئۆسۈش
0.73%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-9-30 23:20
putin يوللىغان ۋاقتى 2016-9-30 20:48
بۇ قىتىملىق ئامىرىكا پىرىزدىنت سايلىمىنىڭ ئەڭ ساھىبخ ...
ترامپنىڭ پۇتىننى ماختاپ قويغىنى ئۈچۈنلا ئۇنى ئۇنچە ئۇچۇرىۋەتمەڭ.ترامپ ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى،لېكىن قەھرىمانلىق دەرىجىسىگە يەتكەن يېرى يوق.چۈنكى ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئانچە ئۇلۇغ بىلىنمەيدۇ،بەلكى يېڭى تېخنىكا ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى كارخانىچىلار ئۇلۇغلىنىدۇ.مەسىلەن،بىل گايتس،بافېلت،زاك بېرگ،جوبىس،لارىي پېيج قاتارلىقلار.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئامېرىكا ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تىرلىيون دولارلىق قىممەت ياراتتى ھەم ئىنسانىيەتنى يېڭى ساھەگە باشلاپ كىردى.شۇڭا ئۇلار ئامېرىكىدىلا ئەمەس،پۈتۈن دۇنيادا قەھرىمان،قايسى دۆلەتكە بارسا شۇ دۆلەت ئەلباشلىرىنىڭ خوشامىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.ترامپ بولسا پرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن ئەمەس،نام چىقىرىش ئۈچۈن سايلامنى باشلىغان ئىدى،ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ سىياسى سەھنىدىمۇ كارامىتى بارلىقىنى بايقاپ قالدى. لېكىن،ھىلارى بىرەر چوڭ پالاكەتكە ئۇچرىمىسىلا،سايلامدا تامپنىڭ مەغلۇپ بولۇشى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇرۇپتۇ.
ئەلۋەتتە،سىزنىڭ بەزى قاراشلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار،مەسىلەن،ترامپ ھەرگىزمۇ بەزىلەر دېگەندەك ساراڭ ئەمەس،بەلكى،دۇننياۋىشىشىقا قارشى بولغان قۇدرەتلىك ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە.بۇنداق كۈچ مەۋجۇت بولمىغان بولسا،سىز دېگەندەك ترامپنىڭ سايلام پائالىيىتى ھازىرغىچە داۋاملاشمىغان بولاتتى. |
|