- تىزىملاتقان
- 2011-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3045
- نادىر
- 0
- يازما
- 118
ئۆسۈش
34.83%
|
مەنمۇ ئۆزەم بىر تىجارەتچى.بىزنىڭ بازاردا 10دەك روڭگېچىلار بار.بۇلارنىڭ سودىسىنى ئاساسەن يېزا ئاياللىرى قىلىپ بېرىدۇ.شەھەرلىكلەرنىڭ ناھايىتى ئاز دىيەرلىك.
مۇشۇ روڭگې مەھسۇلاتىنىڭمۇ سېتىپ چىقىرىش يولى تازا ئەقلىمدىن ئۆتمىدى.بۇلارنىڭمۇ ئۇسۇلى شاخلىتىپ سېتىش يۇلىغا ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.بۇ ماركىدىكى مەھسۇلاتلار چاچ سوپۇنى،بەدەن سوپۇنى،ئالوي تەركىپلىك ئىچىملىك،چىش پاستىسى،ساغلاملىق دورىلىرى ۋاھاكازالار....
ۋىۋىسكىسىغا《中华人民共和国直销许可证》نىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ،ئاستىغا ئۇيغۇرچە ‹خەلقئارا سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئىجازەتنامىسى›دەپ يېزىپ قۇيۇپتۇ .بەزىدە بۇلار ئۇستا دوختۇر بۇلۇپ كىتىدۇ.تۇمۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈۋاتقىنىنى نەچچە رەت كۆرگەنمەن.بۇ روڭگې مەھسۇلاتىنى ھىچقانداق بىر مەھسۇلاتقا تەڭ قىلمايدۇ.مەن كۈلۈپ كىتىمەن.بۇلارنىڭ ساغلاملىق دورىلىرى شۇنچە ئىسىل بولسا ،دوختۇرلىرىمىز ئىشسىز قېلىپ،دوختۇرخانىلىرىمىز ئىتىلىپ كەتمەمدۇ.
ھازىرقى مۇشۇ ۋەزىيەتتە پۈتۈن خەلق جان-جەھلى بىلەن،مەيلى نىمە بۇلۇپ كىتىشىگە قارىماي پۇل تېپىش كۇيىدا بۇلۇپ كەتتى.ھالال ئىشلەپ،راست گەپ قىلىپ،قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان،ۋىژدانىغا يۈز كىلەلىگىدەك ئاساستا پۇل تېپىش بۇ بىر ياخشى ئىش.ئەمما كىچىككىنە پايدىنى دەپ نادان دېھقانلىرىمىزنى ئالداپ،بىرنى مىڭ قىلىپ توقۇپ،يالغاننى راستقا ئايلاندۇرۇپ،نىيەتنى باشقا قىلىپ تاپقان پۇل ھەرگىزمۇ ھالال بىلەن تاپقانغا كىرمەيدۇ.ھەپتىلىك كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ ئالىم بۇلۇپ كىتىدىغان،نىيىتىمىزنى بۇزۇپ زالىم بۇلۇپ كىتىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلىپ سالمايلى.
ئۈندىدار قاچان پەيدا شۇندىن بېرى بىلەرمەنلىرىمىز،مەددالىرىمىز،سودىگەرلىرىمىز زورىيىۋاتىدۇ.كۆپلىرىمىزنىڭ ۋاقتى مۇشۇ ئۈندىدار بىلەن ئۆتۈپ كىتىپ بارىدۇ.ئۈندىدار پەيدا بولغاننىڭ ياقى ئاڭلىمىغاننى ‹‹ئاڭلاۋاتىمىز››ھەم ‹‹كۆرىۋاتىمىز››.بۇرۇن باشقا مىللەتتىكىلەر جىنسى ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ساتسا‹ھەجەپمۇ نۇمۇس قىلمايدۇ مۇشۇ خەق›دەپ ئۈتۈپ كىتەتتۇق.مانا ئۇزۇنغا قالماي بىزنىڭ قىز -يىگىتلىرىمىز،ئۈندىداردا كۈندە دىگۈدەك كۈچەپ ئېلان بېرىپ،ئەرلىرىمىزنى بىر كېچىدە ‹‹يولۋاستەك ئەر››‹‹خېيمەن››قىلىۋېتىشقا ئۈندەۋاتىدۇ.پۇلنى مۇشۇنداق تاپىمىزمۇ؟بىزدە ئازراق بولسىمۇ نۇمۇس قىلىش دىگەنلەر قالمىدۇ؟ياكى توردا سودا قىلىش دىگەن مۇشۇمۇدۇ؟پۇللا تاپسام بولدى،خەق بىلەن نىمە ئىشىممۇ-يە؟بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى زادى نەدىن-نەگىچە ھىچ گاڭگىراپلا قالدىم دىسە...توۋا!
|
|