ئاپتورى: ناپالېئون خېئول (ئامېرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئازادجان نىزامىدىن
مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرى سىزنىڭ ئىدىيەڭىزنى تېزگىنلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە سىزنى قەتئىي، ئاكتىپ ئىدىيەنى تۇيدۇرماستىن يېتىلدۈرىدۇ.ئۇ سىزنى ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ تۇتۇۋالىدىغان قىلىدۇ ۋە سىزنى ھاياتىڭىزدىكى ئۈمىد يالقۇننى قايتىدىن تۇتاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۆز-ئۆزىگە بېشارەت بېرىش پىرىنسىپىدىن پايدىلانغاندا،بۇ مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىقتىدارىڭىزنى كۈچەيتىدۇ.
بۇ ھېكمەتلەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بەش يۇز نەچچە داڭلىق زاتنىڭ تەجرىبە-ساقلىرىنىڭ ئىخچام سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى بولۇپ،بۇ ھېكمەتلەردىن پايدىلانغانلارنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. بۇ ھېكمەتلەر ئوقۇرمەنلەرنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ خۇددى سوقراتنىڭ ئېيتقىنىدەك«ئەقىل-پاراسەت بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ،شۇنداقلام نامراتلىقنى تۇگىتىدۇ«.
بۇ ھېكمەتلەرنى باشتىن ئاياغ بىر ئوقۇپ چېقىپ،بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە ئايلاندۇرسىڭىز،ناھايىتى تىزلا باشقىلارنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.
بۇ ھېكمەتلەر سىزگە يېتەرلىك جاسارەت،تەمكىنلىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلسۇن. ئەگەرسىزدە ئاشۇنداق يېتەرلىك جاسارەت،تەمكىنلىك ۋە ئىشەنچ بولسا،ئېرىشمەكچى بولغان ھەممىلا نەرسىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز.
توغرا تەپەككۇر قېلىش
1.ئۆزىگە توغرا باھا بەرگەندىلا،ئاندىن باشقىلارغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. سىز باشقىلارنى ياكى ئۆزىڭىزنى ئالدامسىز ئوبدان ئويلىشىپ جاۋاب بېرىڭ.
2.ئىشنى ئوبدان ئويلىنىپ قىلىدىغانلارنىڭ خاتا ئىشلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
3.باشقىلارنى قايىل قىلىشتا كاللا ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارىچىلىك.
4.مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئويلاش مەسىلىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغاندىن ياخشى.
5.ئەگە كۆڭۈل قويمىسىڭىز،باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغىنىڭىز بىكار.
6.پۈتۈن دۇنيا خاتالاشتى دەپ قارىغان كىشىلەر بەلكىم ئۆزى خاتالاشقان بۇلىشى مۇنكىن .
ھەرىكەت
1.ئالدىڭىزدا مېڭىۋاتقان ئادەمنى كۆزىتىپ،ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالدىدا ماڭغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۆگىنىڭ.
2.ئالدىراش كىشىلەر ئىشنى ھەم تىز ھەم ياخشى قىلىدۇ. سۆرەلمە كىشىلەر بولسا پۇرسەت پەرەزلىك قىلىدۇ.
3.ئىككىلىنىپ بېر قارارغا كېلەلمەيدىغانلار بىر قارارغا كەلگەن تەغدىرىدىمۇ،ئۇنى شۇ بويىچە ئاخىرغىچە قىلالمايدۇ.
4.ھەرقانچە ياخشى ئوي-خىيالمۇ مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چېقىشى كېرەك.بولمىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.
ئىشىنىش
1.قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز،چوقۇم قىلالايسىز.
2.مەلۇم بىر ئىشنى ئۆزىڭىزگە داۋاملىق دەپ تۇرسىڭىز،ئۇ ئىش راست بولمىغان تەغدىرىدىمۇ،ئاخىرى ئۇ ئىشقا ئېشىنىپ قالسىز.
3.ئۆزىڭىز ئىشەنمەيدىغان ئىشلارغا باشقىلارنىڭ ئېشىنىشىدىن ئۈمىد كۇتمەڭ.
ھەزەر ئەيلەش
1.ئىتتىن ۋە كىچىك بالىدىنمۇ قورقىدىغان كىشىلەردىن بەكرەك ھەزەر ئەيلەڭ.
2.زىيادە سەزگۈرلۈك ئادەمنى خۇدۈكسىرەيدىغان قېلىپ قۇيدۇ.
3.خەقنىڭ نەسىسىنى مېنىڭكىدىن ياخشىكەن دەپ ھەۋەس قىلماڭ،بەلكىم ئۇلارنىڭ ناچار نەرسىلىرى ياخشى نەرسىلىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇنكىن.
4.ھەمىشە ‹‹باشقىلار... ... دەيدۇ››دەيدىغان كىشىلەردىن ‹‹باشقىلار››دېگەن كىم دەپ سورىسىڭىز ئۇلارنىڭ تېلى تۇتىلدۇ.
5.ناتونۇش ئادەم سىزگە زىيادە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلسا،ئۇنىڭ يامان غەرىزىدىن ھەزەر ئەيلەڭ
خىرىس
1.ئەگەر سىز يەنە بىر قەدەم ئۆسمەكچى بولسىڭىز،باشقىلارنىڭ كۇتكىنىدىنمۇ ئارتۇق ۋە ياخشى ئىشلەڭ.
2.ئەگەر سىز ھەر قېتىمدا ئىلگىرىكىدىنمۇ ياخشى ئىشلىسىڭىز،ناھايىتى تىزلام ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن ئېشىپ چۇشەلەيسىز.
3.ھېنزى.فورد ھەربىر ماشىنىدا بىر تال گايكا ياكى ۋىنتىنى تېجەپ قالالايدىغانلارنى 25 مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلايمەن دەپ ئېلان چىقارغان ئادەم.
4.سىز زاۋۇتنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا 10پۇڭدىن تېجەپ بېرەلىسىڭىز مەن سىزنى ئۆستۇرىمەن.
5.ئەگەر سىز ھازىرقى ھالىتىڭىزنى ساقلىسىڭىز 10 يىلدىن كېيىن قانداق بۇلدۇ؟
6.تېخىمۇ ياخشى قېلىشقا ئىشەنچىڭىز بار بولۇشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق نەرسىنى بۇرزماڭ .
7.ئوڭۇسسىزلىققا يولۇققاندا ،ئۇنى پۇرسەت دەپ بىلىڭ ۋە قابىلىيىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇڭ.
ئاساسلىق نىشان
1.سىز كىشىلىك ھاياتتا نېمىگە ئېرىشمەكچى؟بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق بەدەل تۆلەيسىز؟
2.مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ئۆزى ئېرىشمەكچى بولمىغان نەرسىلەرگە ئەمەس،بەلكى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە كۆڭۈل بولىدۇ.
3.سىزنىڭ ئىلگىرى نېمىش قىلغىنىڭىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، سىز كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى؟
4.ئەگەر سىز ھاياتىڭىزدا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ نېمىلىكنى بىلمىسىڭىز،ئۇنداقتا نېمىگە ئېرىشمەكچى؟
5.ئاقىللار بەزى ئىشنى قىلىشنى بىلىپلا قالماستىن ،بەزى نەرسىلەرنى قىلماسلىقنىمۇ بىلىدۇ.
6.ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىز ئۈچۈن تېرىشقاندا،باشقا نەرسىلەردىن ئەندىشە قىلىشقا چولىڭىز تەگمەيدۇ.
7.نىشانىڭىزنى بەك يۇقىرى قىلۋەتمەڭ،چۈنكى نىشانىڭىز يۇقىرى بولسۇن ياكى تۆۋەن بولسۇن،ئېرىشكەن نەتىجىڭىز ھامان نىشانىڭىزدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ.
8.ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز،ماڭا پۇرسەت يوق دەپ ئاغرىنماڭ.
ھەمكارلىق
1.بۇيرۇق قىلغاندىن،ئۆتۇنگەندە تېخىمۇ ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2.بۇيرۇق چۈسۇرۇشكە ئۈستا كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بۇيرۇققا بويسۇندۇرغۇچى ھەم ئۇنى ئېجىرا قىلالايدۇ.
3.خۇشاللىق بىلەن ھەمكارلاشقاندا قوللاش كۈچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ،مەجبۇرىي بوي سۇنۇش مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىدۇ.
4.باشقىلارغا نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىڭ ھەمدە ئۇنىڭ سىزگە توسالغۇلارنى تۈگىتىپ بېرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.
5.قۇترىتىشقا قارىغاندا دوستانە ھەمكارلىق كىشى قەلبىنى تېخىمۇ مايىل قىلىدۇ.
6.ھەمكارلىقنى تۈرلۈك تارماقنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك،شۇندىلا ئۈنۈمى ئاشىدۇ.
7.يامانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ھەرگىزمۇ ھەمكارلىق ھېسابلانمايدۇ.
8.باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىشنى خالىمىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.
9.باشقىلار بىلەن دوستانە ھەمكارلاشمىغان ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇنىكىن ئەمەس،شۇنداقلا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۇزاققىچە ساقلىيالىشىمۇ مۇنىكىن ئەمەس.
10. ئادەم باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىنى بىجاندىن ئىجرا قىلمىسا،خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
جاسارەت
1.ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشنى باتۇرلۇق بىلەن ئېتىراپ قىلغاندا،ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.
2.جاسارەت قورقۇنىشتىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بۇلدۇ.
3.مەنچە پۇرسەت يوق دەپ ئاغرىندىغانلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىدە جاسارەت يوق.
مەنبە: ‹‹توغرا تەپەككۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش›› دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
داۋامى بار.