تىلەمچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى تەييارتاپ، تەمەخور، تارتىنماس، تويماسلاردۇر. تىلەمچىلەر تەنلىرىگە تاشلاندۇق تونلارنى تارتىپ، تەڭگە تەقەززاسىدىكى توپا تەلەتىنى تەر تۆكۈپ تەڭگە تاپىدىغانلارغا تاشلاپ، تەمسىز توقۇما تىلەكلىرىنى توختىماستىن تەكرار تەكرار توۋلىغىنىچە تاپاۋەتكە تۇرىشىدۇ. تالايلار تىلەمچىلەرنىڭ تاغارلاپ تاپسىمۇ توختىمايدىغانلىقىنى تۇيمىغاچ، توختىماي تىلەمچىلەرگە تەڭگە، تونلىرىنى تۇتقۇزماقتا، تىلەمچىلەرگە تەڭگە تۇتقۇزغانچە، تۈگىمەستىن توپلانماقتا، تورداشلارنىڭ تەمەخور، تويماس تىلەمچىلەرنىڭ توزىقىغا تاشلانماي، تاپقانلىرىدىن تېگېشلىكىنى تەڭگىلىرى تۈگىسىمۇ تىلىمىگەن تۇللارغا، تاپاۋىتى توزۇغانلارغا، تەتىلدىمۇ تارقىماي تىرمىشىۋاتقان تالىبلارغا (ئوقۇغۇچى) تۇتقۇزىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىكتە تىلەيمەن!
تورداشلارغا تەشەببۇس، تىلەمچىلىك تۈگىسۇن، تۇتقۇزمايلى تەڭگىنى، تىلەمچىمۇ تىرىشسۇن. تەرتامچىسا تېنىدىن تەمەخورلۇق تۆكۈلەر، تەڭلىمەيلى تەڭگىنى تىلەمچىلىك توزىسۇن.
سەيپىدىن ئابابەكرى
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى |