قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خام-خيال، شاخلىتىپ سېتىش، ھالەكەت (4-بۆلۈم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

4

دوست

4286

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 536
تۆھپە : 1065
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بىلىملىك كىشىلەرمۇ نېمە ئۈچۈن شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا ئالدىنىپ كېتىدۇ؟

تاشپولات بىلال ئەلقۇت

ئىلى دەريا چوڭ بازىرى تور سودا سۇپىسىدىن

كۆپ كىشىلەر بىلىملىك كىشىلەر شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قىلتىقىغا ئاسان ئالدانمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىلىمى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، نەزەرىيە جەھەتتە كىشىنىڭ بىلىمى قانچە يۇقىرى بولسا شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قىلتىقىنى شۇنچە ئاسان بايقىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاسان ئالدىنىپ كېتىلمەيدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قىلتىقىدىن ئاكتىپ مۇداپىيىلىنەلەيدۇ. لېكىن ھەممە بىلىملىك كىشىلەر شاخلىتىپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ زەھەردىن مۇداپىئەلىنىشى ناتايىن.

بىلىملىك كىشىلەرنىڭ مەلۇم تەرەپتىكى ئەقلى كۆرسەتكۈچى باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، لېكىن بىر قىسىم بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ھېسسىي كۆرسەتكۈچى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ. روھى بەرداشلىق ئىقتىدارى ۋە چىدامچانلىقى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ، ئۇلاردا بىر قىسىمغەلىتە پىسخىكا ھالەتلەر ساقلانغان بولىدۇ. ئۇلارغا يۇمشاق، يېنىڭ شەكىلدىكى شاخلىتىپ سېتىش ئازدۇرۇشى ۋە قىلتاقلىرى تەسىر قىلالمىغان بىلەن بىر قەدەر چوڭقۇر قاتلامدىكى ۋە كۈچلۈك بولغان ئازدۇرۇشى يەنىلا ئۆز رولىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ شاخلىتىپ سېتىش ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ ئازدۇرۇش ئېلىپ بېرىلىشى، بىلىم - نەزەرىيە بىلىش دائىرىسىنىڭ تارلىقى، جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە بولغان چۈشىنىشىنىڭ كەمچىللىكىدىن بولىدۇ، ئازراقلا ئازدۇرۇش ئېلىپ بېرىلسىلا ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىدۇ. بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ئالدىنىپ كېتىلىشى بولسا، ئۇلارنىڭ ھېسسىي كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىكى، روھى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا ئىنتىلىشچان كىشىلەرنىڭ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشى، يېڭىلىققا ئىنتىلىشى،يېڭىلىققا تەۋەككۈل قىلىشى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شاخلىتىپ سېتىش ئازدۇرۇشى بولسا بارغانسېرى ئۆزىنى يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ئىدىيە بىلەن رەڭگارەڭ رەڭ بېزەپ كىشىلەرنى سېزەلمىگۈدەك ھالەتتە پىلانلىنىۋاتىدۇ. خۇددى ئىشرەتخانىدىكى ئۆزىنى ئەڭ ئالى ئۇپا ئەڭلىكلەر بىلەن بېزىۋالغان ناز كەرەشمىلىك، شېرىن سۆزلۈك نازىنىنغا ئوخشاش،كىشىلەرنى ئۆز نازكەرەشمىسى بىلەن جەلپ قىلىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم ئىنتىلىشچان كىشىلەر بۇ خىل يېڭىلىق ئالدىدا كۆزلىرى ئالا چەكمەن بولۇپ بىلىپ بىلمەي تەۋەككۈل دەرياسىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر بۇنىڭ ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ نازكەرەشمىلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى يوقۇتۇپ بۇ ھالاكەت دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىدۇ.

يەنە بەزىلىرى بولسا بەك ئەقىللىك بولغاچقا، بۇ ئىشتا دۆت بولىۋالسا ئۆزىگە بىر قىسىم مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئالدىن سېزىپ يالغاندىن بىلمەس بولۇۋالىدۇ. چۈنكى شاخلىتىپ سېتىشتا ئالدىن كىرگەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بەلگىلىك دەرىجىدە مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، لېكىن كەينىدىن كىرگەن زور كۆپچىلىك كىشىلەر مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. يەنى ئۇلار ئۆزىنىڭ جامائەتچىلىكتىكى تەسىرى ۋە نوپۇزىغا ئاساسەن ئاسانلا ئەتراپتىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۆز قوشۇنىنى زورايتالايدۇ ۋە تېزلا ئۆزى چوققىغا ئۆرلەپ ئۆزى مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ئۇلار نەپسى ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ كەينىگە كىرىپ، كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۆز ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنى ئازدۇرۇپ، قىلتاققا چۈشۈرۈش، باشقىلارنىڭ ئوتقا ئىتتىرىش ئورنىغا ئۆز نەپسىنى قاندۇرىدۇ. پات يېقىندا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ.

يۇقىرىقى ئاجىزلىقلارنى بىز كىشىلىك ۋە جەمئىيەت پىسخىكا تەرەپتىن قىسقىچە ئانالىز قىلىپ ئۆتسەكمۇ بولىدۇ.

(مەن پىسخىكشۇناش ئەمەس ئاددىي بىر ئوقۇرمەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئوقۇۋالغان كىتابى بىلىملىرىم ئارقىلىق ئازراق ئانالىز يۈرگۈزدۈم، كەسپى ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتە تۈزىتىش بېرىشىنى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ پاتقاققا پېتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۆتۈنۈمەن)

شەخس پىسخىكا ۋە روھى ھالەتنىڭ تەسىرى

1.ئاچكۆزلۈك .

ھەرقانداق بىر ئادەمدە بايلىق، راھەت-پاراغەتكە بولغان ئىنتىلىشى بولىدۇ. بۇ خىل ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە، تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. لېكىن بۇ خىل ئىنتىلىش ئۆزىنىڭ توغرا ھەل قىلىش يولىنى تاپالمىغاندا، بۇ خىل ئىنتىلىش ئۆزىنىڭ نورمال سالمىقىدىن ئېشىپ كەتكەندە ئۇ ئاچ كۆزلۈككە ئۆزگىرىپ،كىشىلەرنى ھەر خىل خام خىياللارغا، ناتوغرا يوللارغا، ھەتتا جىنايەت يولىغىمۇ باشلايدۇ. شۇڭا نەپسىنى كونترول قىلالمىغان كىشىلەر ئاچكۆزلۈك سەۋەبىدىن ئۆز ئەقلىنىڭ نورمال تەپەككۇرىنى ۋە ۋىجدان تارازىسىنى يوقۇتۇپ ناتوغرا يولغا كىرىپ، ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ.كىشىلەرنىڭ مانا مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن شاخلىتىپ سېتىش ئالدامچىلىرى پايدىلىنىپ كېتىدۇ.

2.خام خىيال.

بايلىق،راھەت-پاراغەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئۆز چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كىيىن كىشىلەردە ئاچكۆزلۈك پەيدا بولدى. بۇ ئاچكۆزلۈك ئۆزىنىڭ نورمال ئىقتىدارى ۋە كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمىدى، نەتىجىدە كىشىلەر، بىر قىسىم خام خىيال دېڭىزىغا غەرق بولۇشقا باشلايدۇ. ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېتەلمىگەن ئاجىزلار ئۇنى ئۆز خىيالى دۇنياسى ئارقىلىق ئۆزىگە خىيالى بىر دۇنيانى ھاسىل قىلىپ، ئۆزىگە روھى تەسەللى ئىستەيدۇ. بۇنداق رېئاللىقتىن ھالقىغان خىيالى ئىستەك ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئەقلى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلىشىدۇ،مەۋھۇم نەرسىلەرگە ئاسانلا ئىشىنىدىغان ۋە ھاياجانلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ،نەتىجىدە، ئاڭ ئۆزىنىڭ سۈزگۈچلۈك رولى ( توغرا-خاتاغا ھۆكۈم قىلىپ خاتانى توسۇپ قىلىش رولى) بارغانسېرى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بىر قىسىم ئەخلەت ئۇچۇرلار يوشۇرۇن ئاڭغا بۆسۈپ كىرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا شاخلىتىپ سېتىش ئازدۇرۇشىغا دۇچ كەلگەندە،كىشىلەر مەيلى ئوقۇمۇشلۇق بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن، شاخلىتىپ سېتىش ئازدۇرۇشىنىڭ قىلتىقىغا بىلىپ - بىلمەي كىرىپ كېتىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئىختىيارسىز ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

تۆۋەندە بىز جامائەت پىسخىكىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم تەسىرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.

1.كۆپكە ئەگىشىش ئىففىكىتى. (قوي ئىففىكىتى)

كۆپكە ئەگىشىشى پىسخىكىسى بولسا ئادەملەرنىڭ بىرخىل تەبىئىتى، ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ تەكلىپىنى ئۆلچەم قىلىپ، ھۆكۈم قىلىش، ھاسىلاتقا ئىگە بولۇش، قەلب ھەرىكەت ئۆزگىرىشىگە سىڭىش جەريانىدۇر. كۆپكە ئەگىشىش پىسخىكىسى ئادەتتە بىز دائىم دەيدىغان «چوڭ ئېقىمغا ئەگىشىش». ئۇ، چوڭ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى ئىدىيە جەھەتتىكى كۆپكە ئەگىشىش ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى كۆپكە ئەگىشىش.


بۇرۇن پىسخولوگلار مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن:

بىر توپ قوينى تار بىر يوچۇقتىن بىر بىرلەپ ھەيدەپ ئۆتكۈزگەن، ئۆتكۈزۈش ئالدىدا بۇ تار يوچۇققا بىر تال ياغاچنى توغرىسىغا توسۇق قىلىپ توسۇپ قويغان، بىرىنچى قوي بۇ توسۇققا كەلگەندە ياغاچتىن تاقلاپ سەكرەپ ئۆتكەن، ئاندىن ئىككىنچى قوي، ئۈچىنچى قوي، ، تۆتىنچى قوي... ئونىنچى قوي تاقلاپ ئۆتكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تەجرىبە ئىشلىگۈچىلەر ياغاچ توساقنى ئېلىۋېتىپ قالغان قويلارنى داۋاملىق ئۆتكۈزگەن.قىزىقارلىقى كەينىدىكى قويلارنىڭ ئالدىدا گەرچە ياغاچ توساق بولمىسىمۇ، دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇلار ئالدىنقى قويلارغا ئوخشاش تاقلاپ سەكرەپ ئۆتكەن. بۇخىل ھادىسىنى قوي ئىففىكىتى دەپ ئاتىغان.

كىيىنكى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ خىل ھادىسە ئىنسانلاردىمۇ بار بولۇپ،جامائەتچىلىكتىكى ئالدىنقى بىر قىسىم قاتاردىكى كىشىلەر ئۇدا قىلغان ئىشلارنى ئارقىدىكى كىشىلەرمۇ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەي ئەگىشىپ قىلىدۇ. بۇنى كۆپكە ئەگىشىش ئىففىكىتى دەپ ئاتىغان.

بۇنىڭ مىسالى بىر ئادەمنىڭ بۇرۇنى قاناپ كېتىپ كېتىپ بېشىنى ئېگىزى قىلىپ ئاسمانغا قاراپ تۇرغان، نەتىجىدە بۇنى كۆرگەن بىرەيلەن بۇ كىشى نېمە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاسمانغا قارىغان، ئارقىدىن بۇ يەرگە بارغانسېرى ئادەم توپلىشىپ ئاسمانغا قاراشقا باشلىغان...

2.جامائەت ئىففىكىتى (گۇرۇپپا تەسىرى)

بۇخىل ھادىسىمۇ كۆپكە ئەگىشىش ئىففىكىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر ئۆز-ئارا بىر بىرىگە تەسىر قىلىدۇ. گۇرۇپپا ئىچىدىكى ھەممە ئادەم ياكى كۆپ قىسىم كىشىلەر مەلۇم بىر ئىشنى توغرا دەپ قارىغاندا، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىخاتا دەپ قارىسا كوللېكتىپ تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ، ياكى شۇ شەخس كوللېكتىپ تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئۆزى خاتا دەپ قارىغان نەرسە بولسىمۇ كۆپچىلىك توغرا دەپ قاراۋاتىدۇ مەن خاتالاشقان ئوخشايمەن دەپ كۆپچىلىككە مەجبۇرى ئەگىشىپ ئۆز قارىشىنى خاتاغا چىقىرىدۇ. شۇڭا شاخلىتىپ سېتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار يېڭى ئەزالارنى كونا ئەزالار ئارىسىغا ئېلىپ، ئۇلارنى كونا ئەزالار ئارقىلىق تەسىر قىلىپ قوشۇنغا تارتىپ ئەكىرىدۇ. بۇنىڭغا بىر قانچە مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن، ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى سولىمىن ئاشى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا بىر تەجرىبە ئىشلىگەن، ئۇمۇ پىسخولوگىيە ئالىمى سىتاللى. مىرگىلەننىڭ نوپۇز ئۈنۈمى تەجرىبىسىگە ئوخشاش بىر قىلتاق قۇرغان، ئۇ 7 يېقىننى كۆرەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىنى بىر گۇرۇپپا قىلغان، ئاندىن ئۇلارنى بىر كۆرۈش سېزىمى نورمال ئادەم بىلەن بىر گۇرۇپپا كېسىكنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، گەرچە 7 يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى خاتا بولسىمۇ، بۇ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال ئادەم «پارقىراپ تۇرۇپ ئەخمىقانە ھالدا» باشقا 7نەپەر ھەمراھىغا ئوخشاش جاۋاب بەرگەن. كىيىنكى بىر قاتار تەجرىبىلەردىنمۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن، بىر قاتناشقۇچىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇ ۋاقىتتا شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم، قايمۇقۇپ قالدىم، ھەتتا غېرىپسىندىم، مەن خۇددى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم».

كىشىلەردە نېمە ئۈچۈن جامائەتكە ئەگىشىش ھاسىلاتى پەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يەككىنىڭ ھەرىكىتى كۆپچىلىكنىڭ ھەرىكەت يۆلىنىشى بىلەن بىردەك بولغاندا،كۆپنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، ئەگەر بىردەك بولمىسا نۇرغۇن ئۆزىگە پايدىسىز بولغان پاسسىپ نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

يەنە بىر مىسال ئېلىپ كۆرەيلى :

بۇ بىر دۇنياغا داڭلىق جامائەتكە ئەگىشىش ھاسىلاتى تەجرىبىسى:

بىر مەكتەپ بىر داڭلىق خىمىيە ئالىمىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالىمنىڭ ئەڭ يېڭى كەشپىياتىنى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمەكچى بولدى____ بىر خىل پارلىنىشچان سۇيۇقلۇق.

بۇ بومبا ساقاللىق خىمىيە ئالىمى جىددىي ھەم تەنتەنىلىك بىلەن ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: «قەدىرلىك ساۋاقداشلار، مەن يېقىندا بىر كۈچلۈك پارلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۇيۇقلۇقنى تەتقىق قىلىپ چىقتىم، مەن ھازىر كۆپچىلىكى بۇنى كۆرسىتىمەن، تەجرىبە قىلىپ باقايلى بۇ سىرلىق سۇيۇقلۇق، قانچىلىك ۋاقىتتا پارلىنىپ ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى پۇراپ ھېس قىلالايدىكى. قايسى ئوقۇغۇچى بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ پۇرىغىنى پۇرالىسا شۇ ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرسۇن.»

سۆز ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سىرلىق خىمىيە ئالىمى، ھىم ئورالغان ئەينەك قاچىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ۋاقىت بىر سىكوت ، بىر سىكنوتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى، تۇيۇقسىز بىر ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتۈردى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار ئاستا-ئاستا قول كۆتۈرۈشكە باشلىدى،ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ئالدىنقى رەتتىكىلەر، ئوتتۇرا رەتتىكىلەر، قول كۆتۈرگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. 3 مىنۇتتىن كىيىن سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈردى.پەقەت ئوتتۇرا رەتتە ئولتۇرغان بىرلا ئوغۇل ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرمىدى. لېكىن خىمىيە ئالىمى تەجرىبىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلماي تۇرۇۋالدى، قول كۆتۈرگەنلەر تۆت ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نەزىرىنى بۇ ئوغۇل بالىغا قاراتتى، ئۇ يىگىت بەكمۇ ئوڭايسىزلىقتا قالدى، كۆپچىلىكنىڭ قادىلىشى بىلەن ئۇ ئاستا -ئاستا قول كۆتۈردى.

«ياخشى،تەجرىبە ئاخىرلاشتى.» بومبا ساقال خىمىيە ئالىمىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى،ھەم داۋاملىق ھالدا « كۆپچىلىك سىلەر قانداق خىميىلىك سۇيۇقلۇقنىڭ پۇرىقىنىبۇرىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىلەر؟ بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭ.» ۋاقىت بىر مىنۇت بىر مىنۇتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى، ھېچكىم قول كۆتۈرمىدى. «蒸餾水 دېستىرلەنگەن سۇ » خىمىيە ئالىمىكەسكىنلىك بىلەن « ئۇنىڭ ھېچقانداق پۇرىقى يوق» دېدى.

3.نوپۇز ئىففىكىتى

نوپۇزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ شاخلىتىپ سېتىش ئېلىپ بارغۇچىلار دائىم بىرقىسىم داڭلىق رەھبەرلەر، داڭلىق شەخسلەرنى ئۆزىنى قوللايدۇ دەپ بىلجىرلاپ داڭلىق كىشىلەرنىڭ نوپۇسىدىن پايدىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بار كۈچى بىلەن ئالاھىدە قىلىپ بېزەپ ئۇلاردا ئالاھىدە نوپۇز تەسىرى پەيدا قىلىپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرىدۇ. تۆۋەندە بىز نوپۇزنىڭ تەسىرى كۈچنى ئانالىز قىلىپ باقايلى.

سىز بىر ھەشەمەتلىك سودا ساراي كىرسىڭىز، ئۇ يەردە رەت-رەت تىزىلغان گۈزەل مۇلازىمەتچى خېنىملار، كەسپى چىراغ نۇرى ئاستىدا جاۋاھىرلار يالتىراپ تۇرسا، سىز ئۇلارنى ئەرزان باھالىق جاۋاھىرلار ياكى ساختا مال دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىنمۇ؟

سىز تاملىرى بەھەيۋەت، قەدىمى ياۋروپاچە بېزەلگەن، ھەشەمەتلىك بىر بانكىغا كىرىپ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا بۇ بانكىنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەنلىرىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەمسىز؟
كىشىلەر نېمە ئۈچۈن نوپۇزنىڭ كۈچىگە ئىتائەت قىلىدۇ؟

بىر ئورنى يۇقىرى، تەسىرى بار، ھۆرمەتكە سازاۋەر دېگەن ئادەمنىڭ سۆزى، قىلغان ئىشى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە، جەزىملىشىگە، تەقلىد قىلىشىغا ئۇچرايدۇ،مانا بۇ نوپۇزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، ئۇنىڭ ھاسىل قىلغان جەمئىيەت ئۈنۈمى بولسا نوپۇز كۈچىنىڭ ھاسىلاتى.

تەكشۈرگۈچىلەر بىر فىزىكىلىق داۋالاش دوختۇرخانىسدا بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن، نەتىجىدە شۇنى بايقىغان:

كۆپ قىسىم بىمارلار فىزىكىلىق داۋالاش دوختۇرىنىڭ تەكلىپى بويىچە كۈندىلىك ئۆزىنى داۋالاش ئېلىپ بارمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

تەكشۈرگۈچىلەر بۇ بىمارلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئارقىلىق شۇنى بايقىدى، نۇرغۇن بىمارلار « مەن ئۇلارنىڭ ئەمەلى كۈچىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن» دېگەن. دوختۇرنى زىيارەت قىلغاندا دوختۇر « مەن بۇ ساھە بىلەن شۇغۇللانغىلى ئۇزۇن يىل بولدى، نۇرغۇنلىغان بىمارلارغا ياردەملىشىپ داۋالاپ ساقايتتىم، بۇلار مېنىڭ ئەمەلى كۈچۈمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەمدۇ » دېگەن. «بولىدۇ ئۇنداقتا سىز بۇ جەھەتتىكى سالاھىيەت ئىسپاتىڭىزنى ۋە ئېرىشكەن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىڭىزنى ئىشخانىڭىز تېمىغا ئېسىپ قويالامسىز؟»تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكلىپىنى دوختۇر خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ نۇرغۇن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىڭىزنى ئىشخانا تاملىرىغا ئېسىپ قويدى.

ئويلىمىغان يەردە بۇ ئالاھىدە ئۈنۈم ياراتتى، دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئىتائەت قىلىپ داۋالاشئېلىپ بارىدىغان ئادەم سانى %36 پىرسەنت يۇقىرىلىدى.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، رەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبى، نوپوزنى نامەيەن قىلغۇچىنىڭ ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بەزى ۋاقىتتا بىر قىسىم رەسمىيەت شەكىلدىكى ھادىسىلەرمۇ كىشىلەرگە كۈچلۈك پىسخىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

يۇقىرىقى مىسال ۋە مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ چىققاندا بىزدە شاخلىتىپ سېتىش ئۇسۇللىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئاساسى توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ. مۇشۇ چۈشەنچىلەر ئارقىلىق بىز ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا ئازدۇر كۆپتۇر جاۋاب تاپالايمىز.

داۋامى بار ...
bagdax

63

تېما

4

دوست

4286

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 536
تۆھپە : 1065
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
خام-خيال، شاخلىتىپ سېتىش، ھالەكەت  تېمىسىدىكى مەزكۈر تېما ۋە ئالدىنقى قېتىملىق تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر قانداق تاراتقۇلارنىڭ، مەزمۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەي، ئەسلى مەزمۇنغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خالىغانچە تارقاتسا بولىدۇ.
بىر قېرىندىشىمىزنىڭ پاتقاققا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولساقمۇ شۇ بىر غەلبە

1

تېما

0

دوست

2768

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34288
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 800
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى..... پىسخىكا دىگەن مۇشۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )