- تىزىملاتقان
- 2012-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-12-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 456
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
78%
|
"ياردەم كىرەك" دەپ خەت يېزىش ھەقىقەتەن تەس كىلىۋاتىدۇ، چۇنكى يېقىندىن بۇيان ياردەم كىرەك دەيدىغان ئۇچۇرلار ئىلاندىنمۇ كۆپىيىپ كەتتى، ئوقۇرمەنمۇ بەلكىم كۆرۈپ زىرىكىپ كەتكەندۇ....
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، مەن باغداش مۇنبىرىدە "توردىن مال سېتىۋىلىش تەجرىبەم- مەن ھوقوقۇمنى قانداق قوغدىدىم" دىگەن تىمىدا بىر قىسقا ئەسەر يوللىغان ئىدىم، تىمام تەستىقلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇئەسىرىم "كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش" ژۇرنىلىنىڭ شۇ چاغدىكى مەسئۇلىغا ياراپ قاپتۇ، ھەمدە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ژۇرنالغا بېسىش توغرىلىق مەسلىھەتلەشتى. مەن شۇ ھامان تىمامنى ئىلتىماس قىلىپ ئۆچۈرۈپ، ماقالىنىڭ ئەسلى ئورگىنالىنى يوللاپ بەرگەن ئىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ماقالەمنىڭ ئىلان قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر بەردى، ۋە ژۇرنال بېتىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ بەردى.....
نىمىسىنى دەي، بېشىم كۆككە تاقاشتى، ئۆمرىدە ھەتتاكى ناھىيە دەرىجىلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگىمۇ چىقىپ باقمىغان نامسىز ئىنساننىڭ يازغان نەرسىسى ژۇرنالغا چىقتى دە. خوشلۇقۇمدا يەنە بىرنى يېزىۋەتتىم، تىمىسى"ئۈندىدارىڭىزدىكى ئىلانلاردىن زىرىكتىڭىزمۇ"، بۇ ئاساسلىقى ئۇندىدار ئىلان ئالدامچىلىقى توغرىسىدىكى ئەسەر ئىدى. بۇ ماقالەممۇ چىقىپ قالسا بولىدۇ. ئوخخو. (مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ھاياجاندىن قولۇم تىتىرەۋاتىدۇ) شۇنىڭ بىلەن قەلەم ھەققىنىمۇ ئالدىم. لىكىن كىچىك بىر مەسىلە بار، مەن ئۆزۈمنىڭ ماقالىسىنى ژۇرنال يۈزىدىن ئوقۇپ باقمىدىم، ئىشىنەمسىلەر، ئىشىنىڭلار ئوقۇرمەنلەر. چۈنكى بۇ ژۇرنالنى مەن بۇرۇندىن ئوقۇپ كىلىۋاتقان ۋە ھازىرمۇ قاتتىق ھەۋىسىم بار. لىكىن 2016-يىللىق سانلىرىنى قەشقەر دىيارىدىكى كىتابخانىلارنى قېزىۋەتتىم، يوق. ئۈرۈمچىدىكى نەۋرە سىڭلىمغا ئىزدەپ بېقىشنى تاپىلىدىم، تاپالماپتۇ. يەنە بىر ئوخخو.
راست، بىزدە تاۋباۋ دەپ يەنە بىر نەرسە بولىدىغان. چىقىپ باقتىم يوق، ئۇيغۇرچە كىتاب ساتىدىغان سودىگەرلەر بىلەنمۇ ئالاقىلاشتىم، ئۇلاردىنمۇ يوق دىگەن جاۋابنى ئالدىم. لىكىنزە مۇشۇ "يوق" دىگەن گەپكە بەك ئۆچ بولدۇم، بىرەرسى "ي" ياكى "ق" ھەرپىنى چىقارسىمۇ ئالىيىپ ئۆتىدىغان بولۇپ قالدىم مۇشۇ كۈنلەردە.
تازىمۇ بىر ئىش بولدىدە، شۇڭا ھازىر مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن گەپلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تورداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئەگەر بۇ ژۇرنالنىڭ(كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش)2016-يىللىق1-ۋە 2-قىسمى بولۇپ قالسا ياكى بار يەرنى بىلسەڭلار ماڭا ئۇچۇر بەرسەڭلار، ھەر بىر سانىدىن ئىككى دانىدىن سېتىۋالاتتىم.
ئاخىرىدا ئۇيغۇر تور ۋە ئۇچۇر سىستىمىسىدا پەن-تېخنىكىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق پىروگىراممىرلارغا رەھمەت.
ئادىرىسىم: 825514656@qq.com, تىلىفون نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇش ئەپسىز بولۇپ قالدى، ئەگەر ئۇچۇر بەرمەكچى بولساڭلار خاپا بولماي چچ ئارقىلىق ياكى ئىنكاس شەكلىدە بەرگەن بولساڭلار، رەھمەت.
|
|