قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 837|ئىنكاس: 6

ئۆگزىدىكى مۇھەببەت، پېشايۋاندىكى ۋەدە (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

2

دوست

3356

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32469
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 1356
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-8

قىزغىن ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-27 16:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يىل قىش تۇرپاندا قار خېلى ياخشى يېغىپ بەردى. قار ياغسىلا كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان ئادالەتخان يەنە

ئىشىككە قاراپ تىكەندەك يالغۇز كۈن ئۆتكۈزمەكتە. تاغدەك يۆلەنچۈك يولدىشى، ئۈچ ئوغلى بار بىر مەزلۇم شۇنچىلىك يەككە-يىگانە قالدىكى، تۆت تامدىن چىقىۋاتقان مۇدھىش سوغۇق جان-جېنىغا ئۆتۈپ، مۇزدەك بىر نەرسە تومۇر-تومۇرلىرىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ مانا شۇ تەرىقىدىكى كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشتى. كىمگىمۇ دېيەلىسۇن؟ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا بىرەر قىزى بولغان بولسىمىغۇ ئانا قەلبىنى چۈشىنەر بولغىيتتى. بۇنچە يالغۇز تاشلاپمۇ كەتمەس ئىدى. ئەپسۇس، ئاللىبۇرۇن ئۆيلىنىپ بولغان ئۈچ ئوغلىدىن ۋاپا كۈتمەك قېچىرنىڭ تۇغۇشىنى تىلىگەندەك بىر ئىش دېسىمۇ كەملىك قىلمايدۇ. ئۇلار بىر-بىرىدىن ئۆتە بىشەم خوتۇن ئالغانىدىكى، ھازىر شۇ «پاشا خېنىم» خوتۇنلىرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالماي يۈرىدۇ ئەنە!

    - ۋەلىگاڭ ئوغلۇم بولغان بولسىغۇ، مۇشۇنداق كۈنلەردە دىككىدە يۈگۈرۈپ چىقىپ كۆمۈر چېقىپ ئەكىرەتتى. ئۆي ئىچىمۇ بۇنچە سۆرۈن كۆرۈنمەيتتى. بىچارە بالام مۇساپىر يۇرتتا ئوبدان يېيەلىۋاتقانمىدۇ؟! قېلىن كىيىپ يۈرگەنمىدۇ؟ ھەي ئۇنىڭمۇ تېلېفون قىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. ئەپسۇس، تېلېفوننىڭ پۇلى تۈگەپ توختاپ قالدى. ئالاقە قىلالمىغىلى ئۈچ كۈن بولدى مانا....- ئادالەتخان شۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشىغا، دەرۋازا قېقىلىپ، قوشنىسىنىڭ كىچىك قىزى ۋارقىرىغىلى تۇردى:

    - ئادالەتخان چوڭئاپا، ئوغۇللىرى ۋەلىگاڭ ئاكامدىن تېلېفون كەپتۇ! بىزنىڭ ئۆيگە كىرسىلە...

    ئادالەتخان كۆز چانىقىدىكى ئىسسىق ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا سۈرتىۋېتىپ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىردى.  

    - ئاپا، مەندىن ئەنسىرمە، سەن ئۆزۈڭ يالغۇز قىينىلىپ قالمىغان بولساڭلا مەن خاتىرجەم بولىمەن. ئاتام بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بولدى، بۇرۇنقى تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ. مەن يەنە ئىزدەك-سورىقىنى قىلىپ باقاي، سەن ئەنسىرىمەي خەۋىرىمنى كۈت ھە ئاپا!

    ئوغلىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزىلا ئانا ئۈچۈن زور تەسەللىي. شۇنداق، ئادالەتخان تېلېفوننى قويىۋېتىپ بىر ھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى، ئابدۇۋەلىمۇ ياتاقتا يالغۇز قالغان بۇ ياخشى پۇرسەتتە، ئاپىسىغا بولغان سېغىنىش ھەم ئاپىسىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىغا بولغان ھېسداشلىق، ئاتىسىغا بولغان نارازىلىق ۋەجىدىن ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋالدى.


    بۈگۈن شەنبە، كېچىچە ياغقان قار تېخىچە توختىغىنى يوق، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار ئاستىدا، ئايىقىدىن غىچ-غىچ ئاۋاز چىقىرىپ ياندىشىپ كېتىۋاتقان بۇ بىر جۈپلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ھەئە، ئۇلار بىر-بىرىنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرۈشسىمۇ، تېخى ھېچكىم ئېغىزىدىن چىقىرىپ باقمىغان ساپ مۇھەببەت ئىگىلىرى ئابدۇۋەلى بىلەن دىلفۇزە ئىدى. ئۇلار جەنۇبىي باغچا ئىچىدە رومانتىك قار سەيلىسى قىلغاچ پاراڭلاشتى:

   - ئادالەتخان ئاپام ياخشى تۇرىۋېتىپتۇمۇ؟ - دەپ سورىدى دىلفۇزە، ئابدۇۋەلى قىزنىڭ كۆيۈمچانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى، ئۇ :

    - ھەئە، كېچە تېلېفون بەرگەنىدىم، ياخشىكەن خۇداغا شۈكرى، سىزنىڭ ئۆيدىكىلەرچۇ ياخشىمۇ؟

    - ياخشى، سىزنى «دەم ئالغانلاردا كەلسۇن، ئۆي تامىقىنىمۇ سېغىنىپ قالغاندۇ» دەيدۇ ئانام.

   - شۇ، ئەمدى ئىزا تارتىدىكەنمە دەڭە، كېيىنچە بوپ قالا...

    - ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا نېمە خىجىل بولۇشكەن ئۇ؟ توۋا، قىززىق جۇمۇ سىز...- دىلفۇزە خۇددى يىگىتنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك قىياپەتتە سۆزلىدى، «بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى گەپنى باشقا ياققا بۇراي»، ئابدۇۋەلى شۇلارنى ئويلاپ:

    - گۈلفىزە گۇاڭجۇغا كۆنۈپ قاپتىمۇ؟

    - ھەئە، دەرسلىرى بىزنىڭكىدەك ئەمەسكەن، خېلى ئالدىراش ئوخشايدۇ، ئادەتتە كۈندە تېلېفون قىلاتتى، ھازىر ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم ئاران تېلېفون ئۇرۇپ ئالاقىلىشىۋاتىمىز.

    - ھەرقانچە بولسىمۇ كۈندە بىر ئالاقىلىشىپ تۇرسا بوپتىكەن، ئۈچ مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ دېگەندەك...

    - دېدىمغۇ شۇ، بەكلا ئالدىراشكەن... ھەي راست، پەخرىيەنىڭ سىزگە كۆڭلى باردەك قىلامدۇ نېمە ھە؟

    دىلفۇزە بۇ گەپنى سورىماقچى بولۇۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، قىزلىق غورۇرى، ھايا-نازاكىتى يول قويمىغانىدى. ئەمدى، گەپنى بۇراش ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىپ قالدى. بوپتۇلا، قاراپ باقىلى ئابدۇۋەلى نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىكىن؟

   - ھەئە، بىلىمەن،- ئۇ شۇنداق تەمكىن قىياپەتتە لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قارغا قاراپ، بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دىلفۇزەدىن سورىدى:

   - سىزمۇ ھېس قىپسىزدە؟

   دىلفۇزە ئىچ-ئىچىدىن ۋولقان كەبى پارتلاپ چىقىۋاتقان رەشك يالقۇنىنى پەقەتلا باسالمىدى بولغاي:

   - بىلمەي قالامتىم؟ ياتاقتا كۈندە سىزنىڭ پارىڭىڭىز بولۇنىۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي سىزگە ئۇچۇر قىلىدىغان تۇرسا...

   - ۋوي، مانا ھە، قانداقسىگە دەيسىز؟ مېنىڭ گېپىم قىزلار ياتىقىدا نېمىشقا بولۇنغۇدەك؟

   - ھەيران قالغۇدەك نەرى بار؟ شۇ پەخرىيە ئۆزىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بولغان تۇرسا!

   - نېمە؟ ما قىز قىززىقچىكەنغۇ؟!

   - ئەمدى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەستە...

   - ھەئە، گۇناھ ئەمەس، سىز قانداق قارايسىز؟

   - قانداق قارايتتىم؟ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قارايمەن شۇ...- دىلفۇزە شەيتانلىق بىلەن چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىدىكىنى يوشۇرماقچى بولدىيۇ، ئابدۇۋەلىنىڭ سەمىمىي قاراشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالماي يەرگە قارىۋالدى، ئالدىدا قىزىرىپ تۇرغان بۇ ھۆر پەرى سۈپەت قىزنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ئاللىبۇرۇن كۆرۈپ يەتكەن يىگىت خۇشاللىقىدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

    دىلفۇزەنىڭ ئۆيى مەكتەپتىن ئالتە بېكەت يىراقلىقتا بولغاچقا، ئابدۇۋەلى ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، ئاپتوبۇسقا تەڭ چىقتى، بۈگۈن قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقى، ئادەمنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بۇ ئىككى ياشنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىدى. چۈنكى، ھەربىر قېتىم شوپۇر تورمۇز تۇتقاندا، يىگىتنىڭ قولى بىلىنەر بىلىنمەس قىزنىڭ قولىغا تېگىشىپ كېتەتتى، مۈرىلىرى جەينەكلىرى سۈركىلىشىپ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئىللىق بىر سېزىم قاپلايتتى. بۇ چاغدا ئۇلار بىر-بىرىدىن خىجىل بولۇپ، كۆزلىرىنى قىروۋ باغلاپ كەتكەن دېرىزىدىن ئۈزمەيتتى. نىشان بېكىتىگە تېخىمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىتتا يېتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

    مۇھەببەت شۇنداق بولىدىكەن، بۇ بەكمۇ شېرىن بىر تۇيغۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنىڭىزدا بىر ئېغىز سۆزلەشمىسەڭلەرمۇ، زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىغان، بىرى بىرىنىڭ تىنىقىنى، بىرى يەنە بىرىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە سۈكۈتكە چۆمگەندىمۇ، بۇ سۈكۈتنى بۇزغۇسى كەلمەيدىغان، ئەكسچە شۇنىڭدىن ھوزۇر ھېس قىلىدىغان...


    يەكشەنبە كۈنى دىلفۇزە ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولۇپ، سىرتقىمۇ چىقمىدى، بۇ بىر كۈن ئابدۇۋەلى ئۈچۈن شۇنداق ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتىكى، كىتاب ئوقۇسىمۇ، قۇرلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ خىجىلچان ئوتلۇق كۆزلىرى كىرپىكلىرىنى لەپ-لەپ ئېچىپ يۇمۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.

   - ئۇف، مەن نېمە بولدۇم ھەي؟! ئاشىقلىق ئەجىبا شۇنداق بولامدۇ؟

   ئۇ ياتاقتىن چىقىپ، دىلفۇزەنىڭ ھىدىنى ئىزدەپ ئىككىسى داۋاملىق ماڭىدىغان شۇ يوللاردىن مېڭىپ، بىرگە تاماق يەيدىغان دائىملىق ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ تاماقمۇ بۇيرۇتماي شۇ ئورۇندا ئولتۇرغىلى خېلى بولدى، قولىدا تېلېفون، دىلفۇزەنىڭ ساقلىۋالغان رەسىملىرىنى تەكرار-تەكرار كۆرۈپ قانمايتتى.

    - ۋوي، سەنكەنسەنغۇ؟

   ئابدۇۋەلى بېشىنى كۆتۈرۈپ پەخرىيەنى كۆردى، ئۇ بۈگۈن بۆلەكچىلا چىرايلىق ياسىنىۋالغان بولۇپ، قارىماققا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزلاردەكلا كۆرۈندى. ئۇ خۇشياقمىغاندەك كۈلۈپ قويۇپ:

   - ھە، سەنمۇ كىرگەنما؟

   - ھەئە، بايا ياتاقتىكى قىزلار بىلەن بىر يىغىلىشقا بارغان، شۇ يەردىن يېنىپ سۇيۇقراق تاماق يەي دەپ كىرىشىمتى،- پەخرىيە ئۆزىنى شوخ گۈزەل كۆرسەتسە ئابدۇۋەلىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايمەن دەپ خاتا ئويلاپ قالدى، ئابدۇۋەلى ئۇنداق قىزلارغا قەتئىي قىزىقىدىغانلاردىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى تاساددىپىي ئۇچرىشىشمۇ پەخرىيەنىڭ ئويۇنى، ئۇ ياتاق ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئابدۇۋەلىنى كۆرۈپلا كەينىدىن ماڭغان. چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرىۋېتىپ كىرىپ، تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالغاندەك ئويۇننى چىقارغان.

   - ياتاقتىكى قىزلار؟ دىلفۇزەمۇ بادىما؟

   - ياق، ئۇ قىز بەك ياۋا، بىز بىلەن ئانچە ئارىلىشىپ ئۆتمەيدۇ. ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ھالى چوڭ بولامدىكى دېسەم، يەنە بىر ئۈرۈمچىلىك قىز ئۇنداق ئەمەس بولمىسا... چۈشەنمىدىم ئىشقىلىپ...

  - ھە، مۇنداق دە،- ئابدۇۋەلى دىلفۇزەدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇنى تېخىمۇ سېغىنىپ، باغرىغا چىڭ بېسىۋالغۇسى كەلدى.

  - ئابدۇۋەلى، سەن بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام بولا؟

   - ئولتۇرۇپ بولدىڭغۇ ؟ مەيلى ئەمدى...

   - ئالىي مەكتەپكە چىققىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى مانا، بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

   دىلفۇزەنىڭ بۇنداق سوئال سورىشىنى ئويلاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇدۇللا سوراپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئابدۇۋەلى بىردەم تېڭىرقاپ قالدى:

   - كۆڭلۈمدە ئادەم با، كېيىنچە ئۇ كۈنلەرمۇ كېپقالا ...

   - ۋوي، راستما؟ كىمدۇ ئۇ بەختلىك قىز؟ مەن تونۇمدىم؟

   - تونۇيسە!

   - ھە، دىلفۇزەكەندە... ئويلىغانتىم، ئەمما ئىككىڭلار تۇغقان تۇرساڭلا، بولماسمىكى...

   - مۇھەببەتلا بولىدىكەن، «يول»ىنى قىلىمىزغۇ ئەمدى! - ئابدۇۋەلى زور ئىشەنچ بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ قويدى. بۇ بىر جۈملە سۆز پەخرىيەنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان نەشتەر بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ.


   ياتاقنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ، ھەممە شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەندە، پەخرىيە دىلفۇزەنىڭ تېخىچە ئۇخلىمىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلىدى:

   - دىلفۇزە ئۇخلىماپسىزغۇ؟

   - ھە، سىزمۇ ئۇخلىمىغانما؟

   - شۇ ئۇيقۇم كەلمەي... سىز نېمىش قىلىۋاتىسىز؟

   - مەنمۇ شۇ ئۇخلىيالمايۋاتىمەن...

   - سىزگە بىر گەپ دەيمۇ؟

   - ھە دەڭە.

   - پەرەز قىپ بېقىڭە نېمە دەيمەنكى؟

   - مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىكما؟

   - ھەئە شۇنداق...

   - پەقەت تاپالمىغۇدەكمە، سىز دەپ بولغۇچە ئۇخلاپ قالماي يەنە، دەڭە ھە...

   - بۈگۈن ئابدۇۋەلى بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقان،- پەخرىيە نېمىشقا بۇنداق ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمىسە كېرەك، ئەسلى ساددا بىر قىز، مۇھەببەت ئۈچۈن ئەقلىدىن ئازغىلى تۇردى.

  - ھە،

  - ئابدۇۋەلى مېنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۈگۈن يۈرۈپ قالدۇق،- ئۇ ئۆزىنى زورىغا خۇشال كۆرسىتىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىن ئازابلىنىپ كەتتى. دىلفۇزە ھەيرانلىقتا ياستۇقتىن بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ، بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاستا يېتىۋالدى، ئۇ ياستۇقنىڭ بۇرجىكىنى چىشلەپ ھىجران ياشلىرى تۆكمەكتە ئىدى.

    - ئۇ بۇرۇندىنلا ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، بەزىدە جىلە قىلاتتى، ئەسلىدە ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئامراقلىقتىن شۇنداق قىلىدىكەنتۇق، ئەمدى بىلدىم، شۇنداق بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن ئۆزۈمنى... ئەمدى سىز بىلەن تۇغقان بولۇپمۇ قالىدىغان ئوخشايمەن ھە...

   -...

   - دىلفۇزە؟ ئۇخلاپ قالدىڭىزما؟

   -...


    ياتاقتىكى قىزلار ئۇخلاپ قالغاندەك قىلغان بىلەن ھەممىنى ئاڭلىغان چېغى، ئەتىسىلا بۇ ھەيران قالارلىق يېڭى خەۋەر تېزلىكتە تاراپ، ئېغىزلاردىن قۇلاقلارغا قوشۇلۇپ-كېمىيىپ دېگۈدەك يېتىپ باردى.

    ئابدۇۋەلى بۇنىڭغا ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمىدى، پەقەت ئۇنىڭ ئويلىغىنى كونا ساۋاقدىشىنىڭ ئۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنىدى، ھەرقانچە راست بولغان تەقدىردىمۇ مۇشۇ ئىشنى دەپ بىر قىز بالا بىلەن دېيىشىپ قېلىپ، كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك دىلفۇزەنىڭ كۆڭلىگە قانچىلىك ئازار بەرگەنلىكىنى ئويلاپ يەتكەن بولسىدى.

    شۇ كۈندىن بۇيان، ئابدۇۋەلى دىلفۇزەنى ئۇچرىتالمىدى، دىلفۇزە ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈرۈپ ئۆزى يالغۇز پىنھان جايلاردا يىغلاپ كۈن ئۆتكۈزدى. پەخرىيەنىڭ ئالدىدا يالغان كۈلۈپ، ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولغاندەك قىلغان بىلەن، دەردىنى ئۆزى بىلەتتى. ئۇ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئوبدانلا ئىشتىھاسىزلىنىپ، كەمسۆز بولۇپ قالدى، ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا، تۇيۇقسىز دەرۋازا تۈۋىدە ئابدۇۋەلى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.

    - دىلفۇزە؟! راستلا سىزكەنسىزغۇ، بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئەجەب ئىزدەتتىڭىز دېسە... سىز ...

   دىلفۇزە ئابدۇۋەلىنىڭ گەپلىرىنى بۆلۈپلا، سوغۇق كۈلۈمسىرەپ:

   - ھە، مېنى ئىزدەپ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟- بۇ سوئال ئۆزىگىمۇ ئېغىر كەلگەندەك، مەيدىسى قاتتىق بولۇپ قالدى. ئابدۇۋەلى كۈتۈلمىگەن جاۋابتىن تېڭىرقاپ قالدىمۇ ئەتىمالىم، دىلفۇزەگە بىر ھازا قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن:

   - مەندىن خاپا بولۇپ قالدىڭىزما؟ بىرەر ئىشتا كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ، ئەمما ھېچنېمىنى دېمەيلا بۇنداق ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈرسىڭىز، بەك بىئارام بولىدىكەنمەن.

   - ھىم؟ سىز مۇھەببەتلىشىپ ئالدىراش بولغاچقا، مەن ئاۋارە قىلماي دېدىم شۇ!- دىلفۇزە كۈندەشلىك بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەرنىڭ قانداقلارچە ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمىدى. ئابدۇۋەلى باشتىلا چۈشەندۈرمەي، دىلفۇزەنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئەمدى چۈشەندۈرەي دەپ ئېغىزىنى ئېچىشىغا، يەنە شۇ پەخرىيە يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولدى، ئۇ كېلىپلا ئابدۇۋەلىگە قەستەن يېقىن تۇرۇپ:

   - ئىككىڭلار بىر يەرگە ماڭغانما؟ ماڭا دەپ قويماپسەنغۇ؟ - دەپ ئابدۇۋەلىگە قارىدى. ئابدۇۋەلى ئاچچىقىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ:

   - ھەئە، دىلفۇزەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي،- دەپلا دىلفۇزەنىڭ قولىدىكى سومكىغا قول ئۇزاتتى. ئەپسۇس دىلفۇزەنىڭ سىلىق رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

   - سىز بايا پەخرىيەنى ساقلاۋاتىمەن دېگەنغۇ؟ مەن مېڭىۋېرەي، سىلەر پاراڭلىشىڭلا! خوش!

   پەخرىيەمۇ ئابدۇۋەلىمۇ بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران، ئۇلار «بۇ زادى نېمىش؟» دېگەندەك بىر-بىرىگە قاراپ قېتىپ قالغانىدى. كەينىگە قاراپمۇ قويماي بېكەت تەرەپكە كېتىۋاتقان دىلفۇزەنىڭ كۆزىدىن مونچاق-مونچاق ياش قۇيۇلاتتى. نىشان بېكەتكە كەلگەندە ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى ئېلىپ، ئاھالىلىكلەر قوروسىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ چاغدا كەينىدىن بىرى تۇيۇقسىز چاقىردى:

    - دىلفۇز!

    دىلفۇزە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بۇنداق چاقىرىدىغان پەقەت شۇ بىرىلا بارلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، چاقماق تېزلىكىدە كەينىگە قارىدى، دېگەنكىدەك دۇنيالىقتا بىردىنبىر ئاكىسى دىلشات قۇچىقىنى ئېچىپ تۇراتتى. ئىككى قېرىنداش بىر ھازا مېھىرلىك قۇچاقلاشقاندىن كېيىن، پاراڭلاشقاچ ئۆيگە كىردى:

   - قاچان كەلدىڭ ئاكا؟ ئانام ئەجەب ماڭا دېمىدىيا؟ توۋا، پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ دېسە، بۇ راستىنلا سەنما ئاكا؟

   - ھا ھا ھا، مەن بولماي كىم بولاتتى دىلفۇز! ئانامغا شۇ مەن دىلفۇزغا دېمەي تۇر، كەلگەندە ئۆزۈم ئالدىغا چىقىپ بىر خۇش قىلاي دېگەنتىم. بايا ماگزىندىكى ئاچاش بىلەن سالاملىشىپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىپسەن.

  - ھە مۇنداق دە، ئىشقىلىپ راستىنلا بەك خۇش بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشۇڭ تۈگىدىما؟

   - ھەئە، تۈگىدى، ئەمدى كۆزۈڭگە قادىلىپ مۇشۇ يەردە يۈرىمەن، قانداق؟

   - ھاھا، ياخشىغۇ، ئاپام ئىككىمىز ھەقىقەتەن بەك زېكىرىپ قالغانتۇق، ئەمدى مەن بىلەن سوقۇشىدىغان ئادەم چىقىپتۇدە!

   - ھەي، توختا، ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن سورايدىغان ئىش بار!

   - نېمىش؟

   - گۈلفىزە زادى ئوقۇۋاتامدۇ يوق؟

   - بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئوقۇۋاتىدۇغۇ بىر ئوبدان...

   دىلفۇزە ئاكىسىنىڭ سوئالىدىن ئەندىكىپ كەتتى، ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ سورىدى:

   - بىرەر گەپ ئاڭلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟

   دىلشات مۇشتىنى تۈگۈپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ شۇنداق ۋەھشىي بىر تۈسكە كىردى، ئۇ بىنانىڭ ئېگىز نۇقتىلىرىغا نەپرەتلىك كۆزلىرىنى تىكىپ، دىلفۇزەگە جاۋاب بەردى:

   - مېنىڭ ئاغىنىلىرىم ئۇنى ناشايان بىر يەردە ئۇچرىتىپ قاپتۇ.

   - نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟ خاتا كۆرۈپ قالغاندۇ؟

   - ياق خاتا ئەمەسكەن، گۈلفىزەمۇ ئۇلارنى كۆرۈپلا قېچىپتۇ. يېنىدا چوڭلا بىر ئادەم باركەن دەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالىدىغان بولسام...- دىلشاتنىڭ مۇشتلىرى غەزەپتىن قاتتىق تۈگۈلگەن، كۆز چاناقلىرى ئاكىلىق غورۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن دەھشەتلىك قىزارغان ئىدى.

       پەخرىيە بىلەن ئابدۇۋەلىگە كەلسەك، ئابدۇۋەلى گەپنى ئېنىق قىلىۋېتىش ئۈچۈن، پەخرىيە بىلەن غەربچە تاماقخانىغا كىردى. پەخرىيە ئۆزىنىڭ دەشنام ئىشىتىدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيغاندەك، بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى.

   - پەخرىيە،- دېدى ئابدۇۋەلى، تېلېفوندىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرغان پەخرىيەگە قاراپ،- بىز كونا ساۋاقداش، ئارىمىزدا دېيىشمەيدىغان گەپلىرىمىز يوق دېسەكمۇ بولىدۇ.

   - ھە، ھە شۇ، نېمىشتى؟- پەخرىيە شۇ قەدەر يالغان ساراڭ بولۇۋالغانىدىكى، ئابدۇۋەلى ئۇنى پەقەتلا تونۇيالماي قېلىۋاتاتتى.

   - كەينىمىزدىن «بولمىغۇر گەپلەر تارقىلىپ كېتىپتۇ» دەپ ئاڭلىدىم، كىمنىڭ تارقاتقانلىقىنى بىلمىدىم، ئەگەردە سەن تونۇساڭ دەپ قوي، بىز دېگەن ساۋاقداش، ئىككىمىزنىڭ ئىشى قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ، دەپ. مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم بارلىقىنى سەن بىلىسەن. ئارىمىزغا ھېلىمۇ سوغۇقچىلىق چۈشۈپ بولدى. ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرسەك بولمايدۇ. ساۋاقدىشىم ماڭا ياردەم قىل!

   پەخرىيەنىڭ يۈزى بىردە شەلپەردەك قىزىرىپ، بىردە تامدەك تاتىرىپ، دەيدىغان گېپىنى تاپالماي قالدى. ئۇ تەمتىرەپ:

   - ھە، ماقۇل، خاپومما، تاماق يېگىنە!- دەپلا ئالدىدىكى تەخسىگە چوكا ئۇزاتتى، بۇ چاغدا ئابدۇۋەلى ئۆز قولىدىكى چوكا بىلەن، پەخرىيەنىڭ چوكىسىنى توسۇپ:

   - ئۆزۈڭنىڭكىنى يە، باشقىلارنىڭ نېسىۋىسىگە چوكا سالما!

     ھەر ئىككىيلەن ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى تامىقىنى يەپ بولالمايلا سوغۇققىنا خوشلاشتى.


    كېچىچە ئولتۇرۇپ قالايمىقان خىياللارنى قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئازابلاۋاتقان دىلفۇزە ئاكىسىنىڭ قاچانلاردىن يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى سەزمىدى.

   - دىلفۇز، مەن گۇاڭجۇغا ئۆزۈم بىر بېرىپ كېلەيمىكىن دەيمەن، ئانامغا دېمە ھە!

   - مەنمۇ باراي، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ساڭا ئەپسىز، مەن بارسام ياخشىراق بولارمىكىن.

   - ھە بوپتۇ، ئەتىنىڭ ئايروپىلانىدا ماڭايلى، يەكشەنبە كەچكە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كېلەرمىز.

    دىلفۇزە ئانىسىغا ئاكىسى بىلەن بۇغدا كۆلىگە ئىككى كۈنلۈك ساياھەتكە چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئاكىسىغا ئەگىشىپ، تاڭ سەھەردە گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچتى.

    گۇاڭجۇ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا ئىككى ئاكا-سىڭىل توپتوغرا ئۈچ سائەت قېرىندىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى. ئۇلار ئالدىن تېلېفون ئۇرۇپ چۆچىتىپ قويۇشنى لايىق كۆرمىدى بولغاي، تۇيۇقسىز ئۇچراپ قېلىشنى كۈتمەكتە.

   - ئاكا، ئاكا قارىچۇ ئاۋۇ گۈلفىزە شۇمىكەن؟ كۆزۈم ئېنىق كۆرەلمەيۋاتىدۇ.

   - شۇكەن، نەگە ماڭدىكىن كەينىگە چۈشەيلى، چاندۇرماي ماڭ ھە!

   - كۆرۈشمەمدۇق؟

   - كۆرۈشسەڭ ھەممە ئىش سۇلا چىلاشمامدۇ؟ دۆت!

   - ھە ماقۇل! -دىلفۇزە دىلشاتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كەينىدىن ماڭدى.

    گۈلفىزە يولغا چىقىپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، تېلېفوندا بىر نېمىلەرنى سۆزلەشكەندىن كېيىن، جايىدا تۇرۇپ ئۆزىنى سەل تۈزەشتۈردى. ئۇ شۇ قەدەر قىسقا بىر كالتە ئىشتان كىيگەن بولۇپ، ئۈستىگە كىيگەن كوپتىسىمۇ قىسقا، كىندىكى بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي تۇراتتى. باغىرداق كىيمىگەنلىكتىن يەڭسىز كوپتىسىنىڭ قولتۇقىدىن خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغان كۆكسى يېرىم ياتا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دىلفۇزە ئاكىسىنىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرگىنىدىن شۇنداق نومۇس ھېس قىلدىكى، يۈزلىرى ئوت كەبى يېنىپ كەتتى.

    بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن بىر قارا رەڭلىك بېنىز ماشىنا سىلىققىنا كېلىپ، گۈلفىزەنىڭ يېنىدا توختىدى، گۈلفىزە ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا شاپپىدە چىقتى-دە، بىر مىنۇتلاردىن كېيىن، ماشىنا ئاستا قوزغالدى.

   بۇنى كۆرۈپ تۇرغان دىلشات يېنىغا كېلىپ توختىغان تاكسىغا بىر قاراپ قويۇپ:

   - خېلى كاللاڭ ئىشلەيدۇ جۇمۇ سېنىڭ!- دەپ دىلفۇزەنىڭ بېشىغا يەڭگىل ئۇرۇپ قويدى. ئۇلار تاكسىدا ئولتۇرۇپ، بايىقى ماشىنىنى مۇلاھىزە قىلىشتى:

   - ئەڭ ئەرزان دېگەندىمۇ 450 مىڭغا كېلىدىغان بېنىز،- دىلشات كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى خىيال قىلاتتى، ئۆز خىيالىدىن ئۆزى سەسكىنىپ كەتتى. دىلفۇزەنىڭ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېگەن ھالىتىگە قاراپ:

  - ئەگەردە ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولسا، پاچىقىنى چېقىۋېتىپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىمىز! ئىتنىڭ ئورنىدا باقىمىز ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمىگەندىكىن!

    بېنىز تاكسىنىڭ يۈز مېتىر ئالدىدا توختىدى. دىلشات ئالدىدىكى بۇ مېھمانخانىغا قاراپ، مەيدىسىنى مۇشتلاپ تۇرۇپ:

   - دىلفۇز، سەن كىرمە! مەن كەينىدىن كىرەي، مېنى ياندىكى ماگىزىندا ساقلاپ تۇر!

   دىلفۇزە ئاكىسىغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ياندىكى ماگزىنغا قاراپ ماڭغاچ، بېنىز ماشىنىدىن چۈشكەن ئادەمگە دىققەت قىلدى.


   داۋامى بار

    گۈلمىرە شەمشىدىن ھاجى نىيازى
bagdax

6

تېما

0

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82832
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 181
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 04:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت  داۋامىغا تەشنامىز

0

تېما

2

دوست

1632

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36755
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 12:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۇتىمىز

0

تېما

0

دوست

295

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  71829
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 16:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىمەن ،،،
bagdax

0

تېما

3

دوست

1739

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2821
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-6 23:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئەجەپ چىقماپتىيا

0

تېما

4

دوست

2063

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-7 02:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
内容ئاۋازلق رومان چۆچەك چۈشىرىدىغان ئەپ قايسىڭلاردا بار ئاۋارە قلدىم ئەۋەتىپبەرگەن بولساڭلار رەھمەت

1

تېما

5

دوست

2428

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-7 11:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىپتۇ ،داۋامىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )