مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى 11-ئايدا نەشىر قىلىنغان «دۇنيادىكى قىسما-قىسما ئىشلارنى بىلىۋېلىڭ» ناملىق كىتاپتا دۇنيادىكى ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار سۆزلىنىدۇ ، بۇ كىتاپنى ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىڭىزنى بەئەينى بىر خىيالىي دۇنيادا ياشىغاندەك ھىس قىلىسىز . بىز بۇرۇنمۇ ئېھرامنىڭ كۆپلىگەن سىرلىرىنى ئاڭلىغان، تۆۋەندىكىسى شۇ كىتاپتىكى ئوقۇرمەنلەرنى بەكرەك قىزىقتۇرىۋالغان بىر قىسىم مەزمۇنلار :
1. مۇتەخەسىسلەر ئېھرامنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئاساسەن، چوڭ ئېھرام ياسىلىۋاتقان دەۋردە مىسىردا ئاز دېگەندىمۇ 50 مىلىيون ئادەم بولماي مۇمكىن ئەمەس، دەپ مۆلچەرلىگەن. لېكىن تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا شۇ دەۋردە يەر شارىنىڭ ئومومىي نوپوسى ئاران 20 مىلىيون ئىكەن؛
2.ئېھرامنى ياساشقا لازىملىق تاشلار ناھايتى يىراق جايدىن گىزا چۆلىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. بۇ تاشلانىڭ چوڭى 50 توننا، كىچىكى 2.5 توننا كېلىدىغان بولۇپ، كۇف ئېھرامىغىلا مۇشۇنداق تاشتىن 2مىلىيون 300مىڭى ئىشلىتىلگەن، شۇڭا بەزىلەر ئېھرامغا ئىشلىتىلگەن تاشلار قۇرۇقلۇق ياكى سۇ قاتنىشى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىنگەن، دەرۋەقە يۆتكەپ كەلگۈچىلەر ئىنسانلار ئەمەس تاشقى پىلانىتا ئادەملىرى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندىكى بەزى مىساللار بۇ قاراشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن، يەنى:
3. كۇف ئېھرامىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى ئارىسىدىكى خاتالىق پەرقى 20 سانتېمىتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ شەرقى شىمال بۇرجىكى بىلەن غەربىي شىمال بۇرجىكى ئوتتۇرىسىدىكى خاتالىق پەرقى 1.27 سانتېمىتىر بولۇپ، خاتالىق نىسبىتىنىڭ بۇنداق تۆۋەن بولۇشى نۇرغۇنلىغان زامانىۋى قۇرۇلۇشلاردىمۇ تېخى كۆرۈلۈپ باققىنى يوقكەن؛
4.كۇف ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر بولۇپ، بۇنى 1مىلىياتقا كۆپەيىتكەندە يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى يەنى 146مىلىيون 500مىڭ كىلومېتىر بولىدىكەن؛ 5.ئېھرامنىڭ ئىككى ھەسسە ئېگىزلىكىنى ئۇلىنىڭ كۆلىمىگە بۆلگەندە چەمبەر تۇراقلىقى 3.14159 چىقىدىكەن، ھالبۇكى ئېھرام ياسىلىپ 3000 يىلچە ۋاقىتتىن كېيىن ئىنسانلار چەمبەر تۇراقلىقىنى ئاندىن مۇشۇنچىلىك توغرا ھېساپلاپ چىقالىغان؛
6. كۇف ئېھرامىنىڭ مېردىئانىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەندە يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئوكيانلار تەپمۇ تەڭ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن؛
7.ئېھرامنىڭ تۆت تەرىپى دەل شەرق، غەرپ، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپلەرگە توغرا كېلىدىكەن؛
8.ئېھرامنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى دەل بىر يىلنىڭ كۈن سانىغا توغرا كېلىدىكەن، يەنى 365.24 مېتىر بولىدىكەن؛ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنى ئىككىگە كۆپەيىتكەندە دەل ئېكۋاتورنىڭ دىۋىسونى(بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى مەنمۇ بىلمىدىم) چىقىدىكەن؛
9.ئېھرامنىڭ ماسسىسىنى 10نىڭ 15-دەرىجىسىگە كۆپەيىتكەندە توپتوغرا يەرشارىنىڭ ماسسىسى چىقىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېھرامنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى توپتوغرا يەرشارىدىكى ھەرقايسى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنىڭ تارتىش كۈچى مەركىزىگە توغرا كېلىدىكەن؛
10.يەرشارىنىڭ ئىككى قۇتۇپىدىكى ئوق مەركىزىنىڭ ئورنى ھەركۈنى دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر 2200يىلدا يېڭى بىر ئېكىلىپتىك بەلباغ يۇلتۇز تۈركۈمى پەيدا بولىدىكەن، ھەر 25مىڭ 877يىلدا بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى بۇرۇنقى ئورنىغا بېرىپ قىلىدىكەن، بىراق كۇف ئېھرامىنىڭ ئوق مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقلىرىنىڭ يىغىندىسىمۇ 25مىڭ 826 ئىكەن ، بۇ نېمىدىگەن ئوخشاشلىق ھە!
11.ئالىملار ئېھرامنىڭ ئىچىدىكى بىر چېلەكتىن ئىت مۈشۈك قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، بىراق قىزىقارلىقى شۇكى چىلەكنىڭ ئىچى شۇنچە نەم بولسىمۇ بۇ جەسەتلەر چىرىپ كەتمەي قۇرۇپ مۇميا بولۇپ قالغان، ئەسلىدە ئېھرامنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ياخشى مىكرو دولقۇنلۇق رىزونانىسلىق كاۋاك قۇرۇلما بولۇپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئېنىرگىينىڭ تەسىرىدە باكتىرىيلەر ئۆلگەن ھەم جەسەت قۇرۇپ مۇمياغا ئايلىنىپ قالغان. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى ئۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەر مىكرو دولقۇندىن پايدىلىنىشنى قانداق بىلگەندۇ؟
مەنبەسى : «دۇنيادىكى قىسما-قىسما ئىشلارنى بىلىۋېلىڭ» ناملىق كىتاب. |