ئىزاھات :
1.تۇيۇق :تۇيۇق بولسا تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن ،1-،2-،4-مىسرالىرى قاپپىيداش بولۇپ كېلىدىغان ،قاپىيە سۆزلىرى شەكىلداش ياكى ئاھاڭداش سۆزلەردىن تۈزۈلىدىغان شېئىر شەكلى .
2.تۆۋەنكى تۇيۇقلارنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۇپلىتى ،مۇھەممەت ھوشۇر ئارسلاننىڭ تولۇقسىز 7-يىللىق 1-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۇيۇقى بولۇپ،سەككىز يىل بۇرۇن شۇدەرسىنى ئوقۇۋاتقان چىغىمدا يادلىۋالغان .كىيىنكى بەش كۇپلىت بولسا ئۆز ئىجادىيىتىم بولۇپ،ئاناتىلدا دەرس ئاڭلاشتىن مەھرۇم بولغان شۇ ئىچكىر تولۇق ھاياتىمدا، تولۇقسىزدا ئوقۇغان ئاناتىل دەرىسلىكلىرىگە بولغان قاتتىق سىغىنىش ھىسياتىمدا ،تۇيۇقسىزكەلگەن ئىلھام بىلەن ،بىرقىتىملىق نەق مەيدان شېئىرىيەت مۇنبىرىدە يازغانىدىم .
3.تۇيۇق بولسا ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر بىغىشلايدۇ ،ئاناتىلنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ .چۈنكى تۇيۇققا قويۇلغان تەلەپ بەك قاتتىق بولۇپ ،تىلىمىزدكى ئاشۇ ئىنتايىن چەكلىك بولغان شەكىلداش سۆزلەر ياكى ئاھاڭداش سۆزلەر قاپىيە سۆزى بولۇپ كىلىشى شەرت قىلىنىدۇ .ئەگەر سىز شەكىلداش سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش سۆزلەرنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمىسىڭىز ،تۇيۇقنى روبائىي بىلەن ئوخشاش چۈشىنىپ قىلىپ ،ھوزۇرىنى سۈرەلمەيسىز.تۇيۇقتا ھەربىر قاپىيە سۆزىدىكى شەكىلداش ياكى ئاھاڭداش سۆزلەرنىڭ مەنىسى بىربىرىگە ئوخشىمغان ئۈچ خىل مەنىدە كېلىدۇ .گەرچە يىزىلىشى ئوخشاش بىر سۆز بولسىمۇ .
4.تۇيۇق بىلەن بىر قاتاردا يەنە كىشىگە ئانا-تىلنىڭ ھوزۇرىنى بىرىدىغان ئەسەرلەر بار ،مەسىلەن :باش ھەرپى ئوخشاش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئەسەرلەردىن ‹‹ئايىمگۈلنىڭ ئاغرىق ئازابى ››.باشقا تۈردىكى ئەسەرلەردىن ‹‹داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ ››،يەنە ‹‹ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان ››دېگەندەك .شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
5.مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە ئۆزى ئويلىيالىغان شەكىلداش ياكى ئاھاڭداش سۆزلەردىن تۇيۇق يېزىپ قالدۇرىشىغا تىلەكداشمەن .)
تۇيۇقلار (ئارسلان )
بورانقۇش باشقا،زاغ باشقا ، چۈشەر نى-نى ئەلەم باشقا ، بوۋايلار باشلىغان ئىشىنى ، چىقارغىن ئەمدى بىر باشقا .
چاياننىڭ ئادىتى چاقماق ، نۇمۇسسزلىق ئادەم چاقماق ، چىقىمخور كۆكسىنى يارغىن ، بولۇپ گۈلدۈرلىگەن چاقماق .
دىلىڭ بولسا غۇبارسىز ئاق ، ئېزىڭ قالماس گىياھسىز ئاق ، بولۇپ ئەلنىڭ ۋاپادارى ، ئوتىدا كۆي ،سۈيىدە ئاق .
تۇيۇقلار (ئاچيول )
غەپلەتتىكى ئۇيغۇرلاركۆزۆڭنى ئاچ، ئىلىمگەئاتلىنىپ يىڭى بىريول ئاچ، شەرق-غەرب ئويغاندى شىردەك، يۇتىۋىتىدۇئۇيقۇدىكى قەۋمنى ئۇئاچ.
بەزىلەردېسىمۇسەن تىخى ياش، ئۆزۆڭنى چاغلىماھەرگىزتۆت-بەش ياش. ئۆگەنگىن تىرىشىپ ئىلىم بىرقورال، رەقىپلەركۆزىدىن ئېقىتقىن قان-ياش.
ئەي ئوغول ئەل ئىچىدەئالغىن ياخشى ئات، ئىلىم ئۆگەن،ياخشىلىق قىل،يامانلىقنى ئات. ئەجدادلىرىمىزئات ئۈستىدەقامچائوينىتىپ،ئوقيائاتقان، لىكىن سەن ئۇسسۇلغامەس قىنى ئۇسۆز:ئەرقانىتى -ئات؟
ئەي ئوغلان ۋەتەن ئۈچۈن ھەممىدىن كەچ، قەۋمىڭ ئۈچۈن تەپەككۇرقىل ئەتىگەن ھەم كەچ، بولۇپ ئەلنىڭ پاسىبانى ئىپتىخارى، ئەل يولىداچۆللەركېزىپ دېڭىزلارغاكەچ.
خەلقىم بىزئوغلانلىرىڭنى ئىشلىرىڭغاسال، يارىماسلارنى ئاتىلارسۆزى بىلەن راساسال، ئىغىركۈنلەرياكى ئاپەت كەلگەندەبىركۈن، قىل بىزنى توپانغاكېمەياكى سال.
-ئاچيول .
2014-يىلى. فېۋرال .بېيجىڭ . |