- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8178
- نادىر
- 0
- يازما
- 888
ئۆسۈش
100%
|
تىلەمچىلىك دېگەن بىر كەسىپ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىڭلار كېرەك، بىر ئادەمنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشى ياكى قىلماسلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىدۇر، سىلەر خالىساڭلار تىلەمچىلەرگە پۇل بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، بەرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، بۇمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ شەخسىي ئىشىدۇر. تىلەمچىلەر پەقەت سىلەر بەرگەننى ئالىدۇ، بەرمىسەڭلار غوتۇلداپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ. تىلەمچىلىكنى نومۇس ھېسابلىمىغان ئىكەن ئۆزىنىڭ تىلەمچىلىك كەسپىنى قىلسا تامامەن بولىدۇ، بىز تىلەمچىلەرنىڭ كەسپىگە ھۆرمەت قىلىمىز، لېكىن تىلەمچىلەرنى ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەپ ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئۇلارغا تېڭىپ يۈرۈشنىڭ قىلچىلىك زۆرۈرىيىتى يوق. ئىنسانلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلەش نۇقتىسى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، ئالدامچىلىق، بۇزۇقچىلىق قاتارلىق رەزىل جىنايەتلەر بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ تىلەمچىلەرنى قالايمىقان ئەيىبلىمەسلىك كېرەك دەپ قارايمەن، چۈنكى تىلەمچىلەر پەقەت سىز بەرگەننى ئالىدۇ، بەرمىسىڭىز ئالمايدۇ. ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، ئالدامچىلىق بۇ جىنايەتلەر تۈگىمىگەن ئەلنىڭ تىلەمچىلەرنى ئەيىبلىشىگە ھېچقانداق يول يوقتۇر!!! دۇبەيدە تىلەمچىلىك قىلغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار بولۇپ قالسىمۇ مەن قىلچىلىك نومۇس قىلمايمەن. |
|