- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8178
- نادىر
- 0
- يازما
- 888
ئۆسۈش
100%
|
بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىمىز چەت ئەللىك كىىشلەرنى قارىقۇيۇق چوڭ بىلىپ ئۇلارنىڭ بەزى خاتا يوللىرىغا ئەگىشىپ بىر پۈتۈن ئەلنى خانىۋەيران قىلغان. چەت ئەللىكلەرنى چوڭ بىلىۋېلىش ھادىسىسى ھازىرقى ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان دەۋردىمۇ مەۋجۇتتۇر، بىزنىڭ بەزى ئىنتايىن ھاياجان كىىشلىرىمىز چەت ئەللىكلەرنىڭ بىرەر تال ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلىغىنىغا ياكى ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ ناھايىتى تەملىك دېگەن باھالىرىنى ئاڭلىسا قۇرۇق ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. ئەسلىدە بىزنىڭ ياخشى نەرسىلىرىمىز بولسا چەت ئەللىكلەرگە ئۇ ياخشى نەرسىلىرىمىزنى تەستىقلىتىپ يۈرمىسەكمۇ بولاتتى، ياخشى دېگەن تەسىتىق ياكى باھانى ئاڭلايمەن دەپ چەت ئەللىكلەرنى كەلسە-كەلمەس مېھمان قىلىپ ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش بىزنىڭ خېلى زور دەرىجىدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ئورتاق نىشانى ياكى غايىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمدى بۇنداق قىلمىشلارنى تۈگىتىدىغان ۋاقىت بولدى، بىز بۇنداق كېسەلنى بىچارىلىككە مۇپتىلا بولۇپ قېلىش كېسىلى دەپ قارايمىز. بۇرۇنقى كونىلار ئىشان، سوپى دېگەنلەرگە ئالدىنىپ نۇرغۇنلىغان شۇملۇقلارنى قىلىشتىن باش تارتمىغان. يەركەن خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى مۇھەممەت ئىمىن خان ئىلىدىكى قالماقلارغا قارشى قوشۇن تارتىپ چىقىپ جۇڭغارلارنىڭ ئانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ، قاتتىق ئەدەپلەپ 30 مىڭ قالماقنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىپ يەركەنگە قايتىپ كەلگەن ئىدى، بۇ نەتىجىلەرنى كۆرگەن ئاپاق خوجا مۇھەممەت ئىمىن خاننىڭ جاسارىتىگە ھەيران بولۇپ ئۇنى قەستلەشكە كىرىشىپ بىگۇناھ ئۆلتۈرىۋەتتى، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن يەركەن خانىدانلىقى تەۋەسىدە ئۆزئارا قىرغىنچىلىق مودا بولدى، ھېسابسىز قانلار تۆكۈلدى، ئەجداتلىرىمىز يازغان ياكى كۆچۈرگەن نۇرغۇنلىغان بىباھا كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، يەركەن خانىدانلىقىنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى بىر ئايدا كۆيۈپ بولغان ئىكەن، پەقەت مۇشۇ بىر ئىشقا قارىساقلا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. ھەر قانداق ئىنساننى ھەددىدىن زىيادە كۆرۈۋېلىش ياكى ھۆرمەت تۇيغۇسى بەك چوڭ بولۇپ كېتىش ئىنساننىڭ كاللىسىنى قاپاققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن. دېمەك بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بەدىرەك سوپى-ئىشانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىشقان، ئۆزئارا قالايمىقان قان تۆكۈشنىڭ خاتالارنىڭ ئەڭ چوڭ خاتاسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن، ئۇيغۇرلاردا سوپى-ئىشانلىق ئەۋج ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن مىللەت ئومۇميۈزلۈك روھى چۈشكۈنلۈك گىردابىغا بېرىپ قالغان، چۈنكى سوپى-ئىشانلىق جاسارەتنى سۇندۇرىدىغان بىر خىل ئېتىقاد شەكلى ئىدى، تا ھازىرغا قەدەر سوپى-ئىشانلار بىلەن رۇسلار تارقاتقان زەھەر بۇ مىللەتنى ئېغىر دەرىجىدە چىرماپ تۇرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ زەھەرلەرنى تولۇق يوقىتىشقا ئۇزاق بىر مەزگىل جەريان كېتىشى مۇمكىن، بۇ زەھەرلەرنى تەلتۈكۈس يىغىشتۇرماي تۇرۇپ مىللەتنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن تورداشلارغا ھەرقانداق ئادەمنى زىيادە چوڭ بىلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئايال بىلەن ئەردىن تەشكىل تاپقان. |
|