قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 9

مەخەت ئابدۇرېھىم: ۋاقىت كارۋانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

29

تېما

24

دوست

7390

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2301
توردىكى ۋاقتى: 579
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-30 14:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت كارۋانلىرى ئىچرە قەدەم تاشلاپ كىلەر يىللار،
دەقىقە  توختىماس  يولدا  نىشانى  بىخەتەر  يىللار.

مىسالى ئوق،ئېقىن دەريا سەپەردە كەينىگە يانماس،
ھاياتقا سوۋغىسى ھەقسىز،داۋام رەتلىك ئۆتەر يىللار.

يىغىپ سائەت بىلەن ئاينى،مىنۇتنى ئوينۇتۇپ ئوغلاق،
ۋاقىت سەيناسىدا جەڭگە تۈرۈپ يەڭنى چۈشەر يىللار.

ۋىلىقلاپ شوخلۇنۇپ يۇلتۇز،كۈلەر شەمسى-قەمەر كۆكتە،
سىنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆچمەس،ھاياتقا نۇر تۆكەر يىللار.

پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن چەكسىز بىرەر ئمكان بىلەن ئىلھام،
ھاياتقا جان- پىدا ئەيلەپ ئۆزىنى تۆت بۆلەر يىللار.

بىرى ئۇنىڭ باھار پەسلى،پۈتۈن جانلىق كۈلەر قەھ-قەھ،
زىمىندا ھەر گىياھ بەس-بەس بىلەن شاخلاپ ئۆسەر يىللار.

تومۇزدا جاللىنىپ ئىقلىم ئۇسۇلغا چۈشتى ئويناقلاپ،
تېپىپ قۇدرەت گۈزەل ھۆسنى بالاغەتكە يىتەر يىللار.

سېخى كۈز  كەلدى  ئالەمگە، قىيامىغا  تولۇپ  بارلىق،
بولۇپ خامان قوناق-بۇغداي،مىۋە شەربەت تۆكەر يىللار.

ۋاقىتنىڭ قىسمىتى شۇنداق كۈنىگە ئاي قوشۇلغان يىل.
بىرى  بىرسىگە  يول باشلاپ  ئەسىر-ئىرا  كىزەر  يىللار.

ۋاقىتنىڭ  ئۆلچىمى قاتتىق، ئۆمۈرگە چەك  قويالايدۇ،
كۈنى پۈتسە قاراپ تۇرماي ئېلىپ جاننى كىتەر يىللار.

يۈرەك ئويناپ كىتەر ھەردەم يېڭى يىلدىن خەۋەر كەلسە،
ھايات پەيزى سۈرەرمىز  دەپ خۇشاللىقتىن  كۈلەر يىللار.

مىنۇت ئىچرە بېسىپ ئۆتكەن ھاياتتىن قالدۇرۇپ ئىزلار،
بوران چاپقۇندىمۇ ئۆچمەس بۈيۈك تارىخ پۈتەر يىللار.

ئۆمۈرچەكلىك،ۋاقىت چەكسىز،بۇنىڭدىن قايغۇرۇپ بولماس،
مىنۇت،سائەتنى چىڭ تۇتسا چوقۇم ئىمكان بىرەر   يىللار.

تۆمۈرگە جان بىرىپ ئادەم ئۇچۇردى كۆكتە قۇشلاردەك،
ئەقىل-ئىدراك بىلەن ئۆڭمەس،زىمىنغا گۈل ئۈنەر يىللار.

سىزار رەسسام،يازار شائىر ۋاقىتنىڭ قوينىدىن ئوبراز،
ئۇلۇغ ئىنسان سىماسىغا گۈزەل نەققاش چىكەر يىللار.

قاچاندا بىر يېڭى ئەۋلات تۆرەلسە كۆز ئېچىپ شۇ ئان،
ئۇنىڭدىن بىر يېڭى ئىستەك،يېڭى مۆھجىز كۈتەر يىللار.

ئۆزەمنىڭ ئجادىيتى.
bagdax

0

تېما

0

دوست

613

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48239
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 08:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

29

تېما

24

دوست

7390

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2301
توردىكى ۋاقتى: 579
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 10:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yabghu175 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-31 08:07
بەك ياخشى چىقىپتۇ

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

رەھمەت ئۆزلىرىگە.

44

تېما

5

دوست

3560

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 257
تۆھپە : 987
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-30

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 22:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېتەرسىزلىكىڭز: بىرىنچى يازغان غەزىلىڭىزگە ماۋزۇ قويماپسىز ،بۇنداق بولسا قوماندانى يوق ئەسكەرلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ،ئىككىنچى: غەزەلنى يېزىپ بولۇپ ئاستىغا «ئۆزەمنىڭ ئىجادىيىتى» دەپ ئىزاھلاپ قويۇپسىز ،بۇ ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىگەنلىكىڭىزنى شېئىرنى يېزىپ بولۇپ خۇدۇكسىرەپ قالغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ قويىدۇ، شۇڭا خاۋاتىرلەنمەڭ، بىز بۇ شېئىرنى سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.ئۈچىنچى: بىرنەچچە ئورۇندا ئىملادا كەتكۈزۈپ قويۇپسىز.
ئاتۇقچىلىقىڭز: سىز ھاياتنى بىمەززە ئۆتكۈزمەيدىكەنسىز ، ئۆمۈرگە رەڭ بېرىپ جۇلالاندۇرۇپ ياشايدىكەنسىز.كىشىلىك قەدىر -قىممىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تېخىمۇ مەناغا ئىگە قىلىۋېتىپسىز ،مەن سىزگە سالامەتلىك ،كۇچ-قۇۋۋەت ، ئىجادى تەپەككۇر يار بولىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.
bagdax

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

29

تېما

24

دوست

7390

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2301
توردىكى ۋاقتى: 579
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 23:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xota يوللىغان ۋاقتى  2016-10-31 22:01
يېتەرسىزلىكىڭز: بىرىنچى يازغان غەزىلىڭىزگە ماۋزۇ قويم ...

توغرا تەلەپ-تەكلىپ بەرگەنلىرىگە رەھمەت.

7

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 3579
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-1 12:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ۋوي   مەخەتجان  ......كارامەت  ياخشى  يېزىپسىز    ، ئۇزۇن  بوپتۇ  بۇنداق  تېتىملىق  شېئىر  ئوقۇمىغىلى  ، ئىجادى  تۇلپىرىڭىز  ھېرىپ  قالمىغاي  ،  سالامەت  بولۇڭ  ........

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

29

تېما

24

دوست

7390

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2301
توردىكى ۋاقتى: 579
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-6 09:34:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ەسلىمە


        (2015-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن تولۇق 3-يىللىق 10-سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغا)


   ئابلىكىمدىن باشلانسا ساناق ،
   مەردانجاندا بېرىپ توختايتى .
   شىرزات كۈلكە ياغدۇرۇپ كىرىپ ،
   ئەزمەتجاننى كۈندە يوقلايتى .

   ئەرەفاتنىڭ سۈرلۈك چىرايى ،
   ئابلەت ئاڭا دائىم ماسلاشقان .
   ئەكبەر ئەخمەت سىنپ بېشىمىز ،
   ئەنۋەر ئۆزى بەكمۇ قاملاشقان .

   ئابابەكرى ئەۋرىشىم ئاۋاق ،
   قىزلار ساڭا بەكلا توپلاشقان .
   رۇزى سوجاڭ قاپاقنى تۈرۈپ ،
   لاڭ تاۋ شانى كۈندە يوقلاشقان .

   ئەكبەر  مەمەت  شەرىق شىمالدا ،
   تەس بولدىغۇ كۆرۈشمەك ئەجەپ .
   زېرىكتى كېرەم لەنجۇدىن يالغۇز ،
   مەمەت رۇستەم قاچان كېلەر دەپ .

   ئېزىز مەلىمنىڭ قاملاشقان بەستى ،
   قاۋۇلجاندا بولدى نامايان .
   ياسىنجاننى قىزلار كۆرگەندە ،
   ھەر مىنۇتتا ھەر خىل ھاياجان .

   مەيۈسلۈكلەر ئەكىس ئېتىپتۇ ،
   تۇردىجاننىڭ غەمكىن يۈزىدە .
   ئابلىمىت تۇرسۇن شەلىك بولسىمۇ ،
   چوڭچىلىق يوق ئەسلا ئۆزىدە .

   مۇۋانەمنىڭ سارغايغان يۈزى ،
   رامىلەنڭ كۆڭلىگە ئايان .
   رىزۋانگۈلدىن سوراپ بېقىڭلار ،
   ھەممە ئىشنى قىلىدۇ بايان .

   نېمشېھىتنىڭ نەۋىرسى بولغان ،
   سوفىيەگە يوللايمىز سالام .
   ئىچمەكچى بولساڭ سايرام قېتىقنى ،
   ئالىيەدىن سورىساڭ تامام .

   ئۇنۇتمايمىز زەينۇرە سىزنى ،
   كۆرگەن چاغدا ئارزىگۈلنى ھەم .
   نۇربىيە ئېلى سايرام ئادىمى ،
   ئارخىلوگنى ساقلايدۇ ھەردەم .

   ياقۇپ جۈمە كىتاپ خالتىسى ،
   غەيرەت بورۇت ئۇنىڭ سايىسى .
   ئۇنىڭ بۇرتى قانداق بورۇتكىن ،
   يەتمەيدىكەن ئىنسان كاللىسى .

   رەيھانگۈل ھەم ئايگۈل ، راھىلە ،
   ئالالمىدىم سىلەرنى ئەسكە .
   بۇنداق دېسەم ئىشەنمەڭ ئەمما ،
   سىلەرنى يازماق راستىنلا تەسكەن .

   بەختىگۈل كىم ؟ ئويلىدىم ئۇزاق ،
   گۈلئايىمنىڭ چېھرىنى كۆرۈپ .
   گۈلگىنە ھەم مۇكەرەم بىلەن ،
   رۇقىيە تۇرار ھىجىيىپ كۈلۈپ .

   ئارزىگۈل ھۈسەن تەبەسسۇم بىلەن ،
   ئايشەمگۈلنى قارشى ئالاتتى .
   ئارزىگۈلنى ياڭيو دېگەندە ،
   قاپاق تۈرۈپ قاقشاپ قالاتتى .

   نەلەردىسىز بىلمىدىم ئەمما ،
   ساۋاقدىشىم ، دوستۇم رىسالەت .
   كادىر بولماق ئاسان ئەمەستۇر ،
   سىزگە بەرسۇن غەيرەت،جاسارەت .

   رەنا ئۆزۈڭ قايدا يۈرۈيسەن ؟
   ئالتۇنگۈل ھەم سىزچۇ نەلەردە ؟
   مۇكەرەمنى  ئاقسۇدا دەيدۇ ؟
   شىرىنگۈل ئۇ ئۆزى قەشقەردە .

   ئارزىگۈل ھۇشۇر ئامان تۇرامسىز ؟
   رامىلە ھەم سىزلەرمۇ شۇنداق .
   بىر شەھەردە بولساقمۇ لېكىن ،
   كۆرۈشمىگىلى بوپتۇ بەك ئۇزاق .

   يارىشىپتۇ ئۈرۈمچى سىزگە ،
   سەككىز كۆزلۈك مەربىيە قىزچاق .
   كودكود، ھەمدە ئۈندىدار بوشلۇق ،
   رەسىمڭىزگە ئېچىپتۇ قۇچاق .

   بىر ئاغىنەم دەيتى «تۇمۇچۇق » ،
   كۆرگەن ھامان زۇلپىيە سىزنى .
   «قۇرغۇيۇم» دەپ بەرگەندە جاۋاپ ،
   قاقاقلىتىپ كۈلدۈرگەن بىزنى .

   روشەنگۈل ھەم پاتىگۈللەرگە ،
   ئۇچۇپ كەتتى، خىيالى كەپتەر .
   گۈلنىگار ھەم گۈلنارغا كەلسەك ،
   تۈگەپ كەتتى ، يېپىلدى دەپتەر .

   خەيىر ئامان بولۇڭلار دوستلار ،
   كەتتى سالام سىزلەرگە بۈگۈن .
   ئابدۇسالام مەلىم ئەجىرنى  ،
   ئۇنتۇپ قالساق قالىدۇ تۈگۈن .

   ئوقۇدۇق بىز ئۈچ يىل بىرلىكتە ،
   گاھىلىرىڭلار بىلەن بىر نەچچە ئاي .
   لېكىن تۈگمەس سۆزلىسەم يەنە ،
   قالغىنىنى كىيىنگە ئاتاي .

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

29

تېما

24

دوست

7390

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 2301
توردىكى ۋاقتى: 579
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-12 00:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا خالىدەم  

قىرىق خىل شوتىدۇر قىرىق تال چېچىڭ،  
كۆڭۈلنىڭ تېمىغا قويۇلغان يۆلەپ.  
قىرىق ئەر قىرىق يىل يامىشىپ ئاڭا،  
يىقىلغان ئاسماننى تۇرۇپتۇ تېرەپ.  

بىر شوتا بىر نادىر ناخشىدۇر گويا،  
مۇڭ بىلەن ئارمانغا تولغان شۇ قەدەر.  
مۇھەببەت ئوتىنى قىرىق يىل قالاپ،  
ئاشىقلار ئۆزىگە قاينىتار زەھەر.  

بىر-بىرلەپ كۆيۈشكە بۈاشلىغاندا تاغ،  
ئارقاڭدىن چېچىڭغا قاراپتۇ شامال.  
ئۆلۈمنى سۈپۈرۈپ ماڭغاندەك گويا،  
ئالدىڭدىن يالىڭاچ ئۆتتى مىڭ ئايال.  

ئاڭلىدىم خالىدەم ھايات دەپ تېخى،  
كاتتايلاق ئۇنىڭغا تۇرۇپتۇ كۆيۈپ.  
روزىلەم غايىۋى قويىنى يېتلەپ،  
ماڭماقتا يىقىلغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ.  

غەم بىلەن باشلانغان يېڭى پەدىگە،  
بىر يۈرەك كۆز ياشتەك كىرمەكتە ئېقىپ.  
تىمتاسلىق شۇ تاپتا سۈرمەكتە ھۆكۈم،  
بىر يۇلتۇز ئاسماندىن كەتكەندەك قېچىپ.  

تەقدىرنىڭ بىپايان قۇملۇقلىرىدا،  
بىلمىدىم نېمىدىن ئېلىشنى ھوسۇل،  
مەن ماڭغان يول شۇنچە قىسقا بولسىمۇ،  
ھاياتتىن ئۇزۇندۇر چېچىڭدىكى يول.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )