- تىزىملاتقان
- 2016-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1677
- نادىر
- 0
- يازما
- 159
ئۆسۈش
67.7%
|
بەكمۇ ئەخلاق- پەزىلەتلىك ، ئىمان-ئېتىقادلىق ، چىقىشقاق ، كىشىنىڭ ھالىغا يىتىدىغان ، ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالىدىغان بىر ئادەم بولۇپ ، ئۇنى بىلىدىغانلىكى كىشىلەر < بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ جەننەت ئەھلى بولۇشقا مۇناسىپ ، جەننەتكە مۇشۇنداق ئادەملەر كىرمەي قانداق ئادەملەر كىرەتتى > دەيدىكەن . ئۇ ئادەممۇ ئۆزىنىڭ جەننەت ئەھلىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن . ئەپسۇس ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەزرائىل ئۇ ئادەمنى باقىيغا ئېلىپ ماڭغاندا جەننەتكە ئەمەس دوزاققا ئەكىرىپ قويۇپتۇ . سەۋەبى ، ئۇ خۇدانىڭ ھۆكمىنى كۈتمەيلا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ، ئۆزىنىڭ جەننەت ئەھلى بولىدىغانلىقىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋەتكەن ئىكەن . لېكىن ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئادەم دوزاققا كىرىپ قالغانلىقىغا ئۆكۈنىپ ئاھ ئۇرۇپ كەتمەي ، ئۆزىگە بىرىلگەن جازانى ھەق دەپ بىلىپ ، پانىي دۇنيادىكى پەزىلىتى بويىچە دوزاق ئەھلىللىرىنىڭ ھالىغا يىتىپ ، مۇڭىغا مۇڭ بولۇپ ئۆتۈپتۇ ھەمدە دەۋزىخىيلارغا دوزاققا دادىل يۈزلىنىشى كېرەكلىگىنى ، شۇنداق قىلغاندىلا دوزاق ئازابىنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىنى ، ئۇنداق قىلماي ۋايساپ قاخشىسا دوزاق ئازابىنىڭ نەچچە ھەسسە ئېغىرلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلمىي ئاساستا چۈشەندۈرۈپتۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ تەلىم-تەبلىغلىرىنى ئاڭلىغان دوزىخىيلارنىڭ كەيپىياتىدا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇپ ، ئىلگىركىدەك ئۇنچىۋالا دادۇ-پەرياد كۆتۈرمەيدىغان بوپتۇ . بىر مەزگىلدىن كېيىن دەۋزىخىيلاردا ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يىتىدىغان كۆيۈمچانلىق ، ئازاپ-قىيناقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىدىغان ئىرادە ۋە دوزاقتىن ھامان قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئۈمۈد پەيدا بوپتۇ .
بىر كۈنى دوزاق مۇئەككىلى دوزاقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرىۋېتىپ ، دوزاقتىكى تىمتاسلىقتىن ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ . قارىسا ، دەۋزىخيىلار بىر-بىرىگە مېھرى بىلەن بېقىشقان ھالدا دوزاق ئازابىغا پەرۋامۇ قىلماي ھال-مۇڭلىشىپ ئولتۇرۇشقىدەك ...؟ دوزاق مۇئەككىلى كۆز ئالدىدىكى ئالامەتلەردىن قاتتىق ھەيران قاپتۇ ۋە : < بۇ نىمە كارامەت ؟ مەن نىمىنى كۆرۈۋاتىمەن ... دوزاق نىمە بولۇپ كەتتى !؟ > دىگىنىچە دوزاقتىن پايپاسلاپ چىقىپ ، بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قارارىغا كەپتۇ .
ئەتىسى ئۇ دەۋزىخىيلار سىياقىدا ياسىنىپ دوزاق ئەھلى بىلەن بىرنەچچە كۈن بىللە بوپتۇ ۋە دوزاقنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرغان باش جىنايەتچىنىڭ دەل ھېلىقى خۇدانىڭ ھۆكمىنى ساقلىماي < ئالدىن ھۆكۈم > چىقارغانلىقى سەۋەپلىك دوزاققا كىرىپ قالغان كىشى ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دوزاق مۇئەككىلى بۇ ئادەمنى بىر ئاماللارنى قىلىپ جەننەتكە يوللىۋەتمىسە دوزاق بىلەن جەننەتنىڭ پەرقى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە يۇقىرىغا مەلۇمات يوللاپتۇ . ئاز كۈندىن كېيىن دوزاق مۇئەككىلىنىڭ تەكلىۋى تەستىقلىنىپ ھېلىقى ئادەم جەننەتكە بۇيرۇلۇپتۇ ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن دوزاقنىڭ ھەيۋىسى ئەسلىگە كەلمەپتۇ ، ئەكسىچە دەۋزخىيلار ئىلگىركىدىنمۇ بەك ئىجىل-ئىناق ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ دوزاقنىڭ ھەيۋىسىگە مىتمۇ قىلمايدىغان بوپكېتىپتۇ . بۇنىڭدىن پەركايى قىرىق گەز ئۆرلىگەن دوزاق مۇئەككىلى دوزاقتىكى دەۋزىخىيلارنىڭ ھەممىنى جەننەتكە ھەيدەپ ، دوزاققا يېڭىدىن دەۋزىخى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يۇقىرىغا يەنە مەلۇمات يوللاپتۇ ھەمدە تېزدىن دوزاقنى بىكارلاپ يېڭى دەۋزىخىيلارنى قوبۇل قىلمىسا ، دوزاق ئوتىنىڭ پات ئارىدا ئۆچۈپ قالىدىغانلىقىنى جىددى ئەسكەرتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ مەلۇماتى تېزلا تەستىقلىنىپ دوزاقتىكى دەۋزىيخىيلار جەننەتكە ھەيدىلىپتۇ .
دېمەك ، < ياخشىلار ھەر جايدا بولسا چۆلمۇ باراقسان بولغىدەك > دىگەندەك ، ياخشىلار دوزاقتا بولسىمۇ دوزاق جەننەتكە ئايلانغىدەك .
______ مەنبە : ئەبجەش خاتىرەمدىن |
|