- تىزىملاتقان
- 2016-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2376
- نادىر
- 2
- يازما
- 161
ئۆسۈش
12.53%
|
تۇرمۇشتا قارانچۇق ئاپشاركا كىشىلەرنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ۋە دەم ئېلىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىشتىن باشقا ئوغرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە باشقا بىنورمال ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېر ئۆزىكىنىڭ لايىھەلىنىشىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسسۇل قوللىنىلغان.
كومپيۇتېرنىڭ كونتروللاش توك يولى ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كونترول پىروگراممىسىدا خاتالىق كۆرۈلسە، ئۆلۈك دەۋرىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېستىمىنى كاردىن چىقىرىدۇ ياكى كونتروللىغۇچنى نورمال خىزمەت قىلغۇزمايدۇ. چوڭ تىپتىكى سانائەت كونترول سېستىمىسىدا، ئەگەر كونتروللىغۇچ نورمال ئىشلىمەي قالسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ مۇشۇنداق بىنورمال ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؟ مۇبادا بىنورمال ئەھۋال كېلىپ چىقسا، قانداق قىلىپ ئاپتوماتىك ئەسلىگە كەلتۈرىمىز؟ كىشىلەر قەرەللىك ھالدا كومپيۇتېرنىڭ مىكرو كونتروللىغۇچىسى ۋە كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان «ئاپشاركا» توك يولىنى لايىھەلەپ چىقتى. بۇ لايىھەنىڭ مەقسىتى مىكرو كونتروللىغۇچنى ئادەمنىڭ ياردىمىسىز ئاپتوماتىك ئۆزلۈكسىز ھالدا نورمال خىزمەت قىلالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا «ئاپشاركا» توك يولى قانداق لايىھەلەنگەن؟ ئەمەلىيەتتە «ئاپشاركا» توك يولى بىر دانە ۋاقىت بەلگىلىگۈچ ياكى بىردانە سانىغۇچتىن ئىبارەت. ئۇ مەلۇم بىر خىل چاستوتىدا ئاپتوماتىك سانايدۇ. ئادەتتە«ئاپشاركا» توك يولى قوزغالغان ۋاقىتتا، ئاساسىي پىروگرامما «ئاپشاركا» توك يولىغا چوڭ بىر ساننى بېرىدۇ. «ئاپشاركا» توك يولى ھەربىر سائەت دەۋرىيلىكىدە ئاپتوماتىك بىرنى ئېلىش مەشغۇلاتىنى بېجىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ سان 0 بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئاساسىي پىروگرامما قايتا قىممەت بەرمىسە، يەنى قايتىدىن چوڭ بىر سان بەرمىسە «ئاپشاركا» توك يولىدا بىنورماللىق يۈز بېرىدۇ. بۇ خۇددى خوجايىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئاپشاركىغا تاماق بەرمىگەنگە ئوخشايدۇ. ئاپشاركا قورسىقى ئاچسا (سانىغۇچ ساناپ نۆل بولغاندا) «ھاۋشىيدۇ». بۇ «ئاپشاركا» توك يولىدا ئۈزۈلۈش سىگنالى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كونتروللاش سېستىمىسى «ئاپشاركا» توك يولىنىڭ ئۈزۈلۈش سىگنالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن كونتروللىغۇچنى قايتا لايىھەلەپ، ئاساسىي پىروگراممىنى قايتا قوزغىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاساسىي پىروگرامما نورمال ئىجرا بولسا «ئاپشاركا» توك يولى ئاساسىي پىروگرامما تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا قايتا لايىھەلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن «ئاپشاركا» توك يولىدا ئۈزۈلۈش سىگنالى كۆرۈلمەيدۇ. مۇبادا ئاساسىي پىروگراممىدا كاشىلا كۆرۈلسە ئۆلۈك دەۋرىيلىك كۆرۈلۈپ، «ئاپشاركا» توك يولىدىكى سانىغۇچ قايتا لايىھەلەنمەيدۇ. بۇ چاغدا كومپيۇتېر ئاساسىي پىروگراممىنى قايتىدىن قوزغىتىپ، سىمنىڭ مۇقىم خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«ئاپشاركا» توك يولى مىكرو كومپيۇتېرنىڭ بىر بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىستۇرما سېستىما ۋە مىكرو كونتروللىغۇچ ئىچىدە ئىجرا بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭمۇ ئاپشاركىدەك «قارانچۇققا» ئېھتىياجلىق بولۇشى غەلىتە ئىشتەك قىلامدۇ-نېمە؟
مەنبە: «يۈزمىڭلىغان نېمەئۈچۈن» دىن ئېلىندى.
|
|