قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4913|ئىنكاس: 29

پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

17

دوست

3252

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1098
توردىكى ۋاقتى: 397
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 11:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپەئىنىستىتۇتىنىڭ  پروفېسسورى ۋۇ شياۋمىڭ

(جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، ساۋاقداشلار، ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نۇتۇق سۆزلىگىنىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن. جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىنىستىتۇتى مېنى ئىنتايىن قايىل قىلىدىغان ئىنىستىتۇتلارنىڭ بىرى، بۇ ئىنىستىتۇت دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى پەلسەپە ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ بىرى. لى خوڭلېي مۇدىرنىڭ مېنى بۇ قېتىمقى «پەلسەپە ئېيى»پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغىنىغا شۇنداقلا ماڭا ئېچىلىش سۆزى قىلىشقا پۇرسەت بەرگىنىگە تەشەككۇر.

بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان نۇتۇقنىڭ تېمىسى بولسا «پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز». بۇ قېتىمقى نۇتۇقنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى مۇنداق: پەلسەپە بولسا تەپەككۇرنىڭ ئىشى، تەپەككۇر قىلىش بولسا نۆەتتىكى جىددىي ئىش. كۆپچىلىك بەلكىم ھەيران قىلىشىڭلار مۇمكىن، تەپەككۇر قىلىش قانداق بولۇپ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولسۇن؟ چۈنكى، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز دائىملا توختاپ قالىدۇ. 1818-يىلى، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا گېگېل مۇنداق دېگەن ئىدى: «گېرمان مىللىتى نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئالدى بىلەن رېئال تۇرمۇشىنى قايتا گۈل-لەندۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى. بۇئىشلارنىڭ ھەممىسى ئېزىغا چۈشكەندىن كېيىن، تەپەككۇرنىڭ ئىشى قايتىدىن باشلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدۇ. ۋاھالەنكى، گېرمان مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۇنىڭ تەپەككۇردا قانچىلىك ئېگىزلىككە يېتەلىشىگە باغلىق. » مەن ئويلايمەن، بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى 60 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، بولۇپمۇ يېقىنقى 30يىللىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، چەتئەلنىڭ خىلمۇ خىل نەزەرىيەسىنى ۋە ئىدىيەسىنى، كۆز قاراشلىرىنى ئۆگەندۇق، بىر دوستۇمنىڭ سۆزى بويىچەئېيتقاندا، بىز 30 يىل جان تىكىپ ئۆزىمىزنى تولۇقلىدۇق. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، ئەمدى بىز ھازىردىن باشلاپ تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز  كېرەك. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھايدىگېر مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەپەككۇرنىڭ ئىشى بەك ئۇزۇن تاشلىنىپ قالدى. تەپەككۇر ئۆزىنىڭ ئەڭ قەيسەر دۈشمىنىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان چېغىدىلا، ئاندىن قايتىدىن يولغا چىقالايدۇ.» مېنىڭچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتتىن كېيىن، تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، يەنە كېلىپ ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.

ئېھتىمال بەزى ساۋاقداشلار «مەن كۈندە تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن» دەپ ئويلىشى مۇمكىن، بۇنى تەپەككۇر قىلىش دېگىلى بولمايدۇ. كوڭزى «ئۆگىنىشلا قىلىپ تەپەككۇر قىلمىسا يولىنى تاپالماي قايمۇقۇپ قالىدۇ، تەپەككۇرلا قىلىپ ئۆگىنىش قىلمىسا كاللىسى قوچۇلۇپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ»دېگەن ئىدى. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان بىز دەرۋەقە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق، بىراق بىز ھەقىقىي تۈردە تەپەككۇر قىلىشنى باشلىدۇق دېيەلمەيمىز. بور ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالدىراشلا يۈرىدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى ئۇخلاپ قوپۇپلا يا كۇتۇپخانىغا، يا تەجرىبىخانىغا يۈگىرەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىسىغا: «سەن كۈندە مۇشۇنداق ئالدىراش يۈرىدىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن زادى قايسى ۋاقىتتا تەپەككۇر قىلىسەن؟» دېگەن ئىكەن. مېنىڭچە تەپەككۇر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، دەۋرىمىزدە تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسى چوقۇم ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.

ساۋاقداشلار سورىشى مۇمكىن: تەپەككۇر دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە تەپەككۇرنىڭ بىزگە نىسبەتەن كەم دېگەندە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئۆلچىمى بار: بىرىنچىسى، رېئاللىققا چۆككەن بولۇشى كېرەك، چۈنكى تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسى ھامان رېئاللىققا چۆكۈشنى نىشان قىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئۆز ئىشىغا ئۆزى قارار چىقىرىش كېرەك. شوپېنخاۋېر ئىلگىرى «ئەگەر سىز باشقىلارنىڭلا كىتابىنى ئوقىۋىرىپ، ئۆزىڭىزتەپەككۇر قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ كاللىڭىز باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ بەيگەمەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەنىدى. بىزدىكى قەدىمكىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى قىلغان: «كىتابقا قارىغۇلارچە ئىشىنىۋەرگەندىن كۆرە، كىتابنى كېرەك قىلمىغانمۇ ياخشى.» شۇڭلاشقا مەن دەيمەن، بىز تەرەققىيات جەريانىدانۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويمىساق بولمايدۇ. پەلسەپە تەپەككۇرنىڭ ئىشى، تەپەككۇر قىلىش بولسا نۆەتتىكى جىددى ئىش. 2008-،2009-يىللاردىكى بىر قاتار زور ۋەقەلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىز چوقۇم ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى قەتئىي يوسۇنداتەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. تەپەككۇرنىڭ تەلىپى بولسا رېئاللىققا چۆكۈش ھەمدە ئۆز ئىشىغا ئۆزى بىر نېمە دېيىش.

بەلكىم بەزى ساۋاقداشلار «پەلسەپە دېگەن بۇ نەرسە بەك سىرلىق، چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، پەلسەپە رېئاللىقتىن بەك يېراق» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى مەن بۈگۈن «پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە، پەلسەپە بىلەن دەۋرىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ زىچ. بىز بىلىدىغان نۇرغۇن پەيلاسوپلار قارىماققا دائىم پىكىرىي تەپەككۇر ئارىسىدىلا ياشايدىغاندەك، ھەر ۋاقىت تەنھا ھالەتتە تەپەككۇر قىلىدىغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇ بىزگە ناھايىتى تونۇش، بۇ توغرىسىدا بىز نۇرغۇن ھېكايىلەرنى بىلىمىز. مەسىلەن سوقرات، ئۇ ئاجايىپ چوڭقۇر سۈكۈناتتىكى بىر پەيلاسوپ؛ دېكارتمۇ شۇنداق، ئۇمۇ يىگانە ھالەتتە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سۈكۈناتقا قويىدىغان تەلىپىمۇ ئوخشىمايدۇ. سوقرات قەھرىتان سوغۇقتا تەپەككۇر قىلىدۇ، ئۇ دائىم كېچە-كېچىلەپ مۇزلۇقتا جىم تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ. دېكارت سوقراتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن ئىسسىق بولغان ئۆينىڭ ئىچىدە يوتقانغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. شۇڭا دېكارت«مەشنىڭ ئىچىدە تەپەككۇر قىلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن ئىدى. كېيىن ئەنگىلىيە پەيلاسوپى بېتراند رۇسسېل مۇشۇ توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش«مەش»نىڭ ئەمەلىيەتتە گوللاندىيەچە بىر خىل ئىسسىق ئۆي ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز پەيلاسوپلارنى رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھالەتتە تەپەككۇر قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز،بىراق بۇ توغرىسىدا گېگېل ئىنتايىن توغرا گەپتىن بىرنى قىلغان: «ھەقىقىي پەلسەپەچوقۇم دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى. پەلسەپە پەقەتلا تەپەككۇردا ئىگەل-لەنگەن دەۋر خالاس.» پەيلاسوپلار ئەمەلىيەتتە بولسا رېئاللىققا ئەڭ يېقىنلاشقان بىر توپ كىشىلەردۇر. ئەلۋەتتە بىز بۇ يەردە ھەقىقىي پەيلاسوپلارنى دەۋاتىمىز. مەسىلەن دېكارتنى ئالايلى، ئۇنىڭ سۈكۈناتتا تەپەككۇر قىلىپ يۈرۈپ ئېرىشكەن تۇنجى ھۆكۈمى بولسا «مەن تەپەككۇر قىلىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» بولدى، دېكارت بۇنى پەلسەپىدىكى بىرىنچى پرىنسىپ، بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئىشەنچلىك پرىنسىپ دەپ ئاتىدى. بۇ پرىنسىپ نېمەدېمەكچى؟ بۇ تۈردىكى گەپلەر ھازىر بەكلا مودا بولۇپ كەتتى، ئېلان ئىشلەيدىغانلار بۇ ئىبارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆي مۈلۈك سودىسى قىلىدىغانلار «مەن ئۆيدە تۇرىمەن، شۇڭامەن مەۋجۇت» دېسە، مۇزىكا ئىشلەيدىغانلار «مەن ئاڭلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دەپ يۈردى. دېكارت بولسا «مەن تەپەككۇر قىلىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېدى. ئەلۋەتتە بۇ پرىنسىپنى ئىنتايىن پەلسەپىلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاراڭغۇلۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمى ئارقىلىق ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىغىنى دېكارت بولدى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ پرىنسىپى بولسا «ئىنجىل» ئىدى، دىننىڭ نوپۇزى ئىدى، بىراق دېكارت ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئالىي نوپۇزى بارلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىدى، يېقىنقى زامان غەرب پەلسەپىسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇ ھاسىل قىلغان پۈتمەس-تۈگىمەس مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن بىز ھازىرغىچە بەھىرلىنىۋاتىمىز. بىز دېكارتنىڭ پەلسەپىسىنى دەۋردىن يېراقلاپ كەتكەن دېيەلەمدۇق؟ ئۇ پەقەت «مەش»نىڭلا ئىچىدە تەپەككۇر قىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. مەن مىسال ئالماقچى بولغان يەنە بىر پەيلاسوپ بولسا كانت. قارىماققا ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى ئوقۇش ھەممىدىن تەس، ھەتتا گېگېلنىڭكىدىنمۇ تەس. ئەلۋەتتە گېرمانلار پەلسەپىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر مىللەت، «ساپ ئەقىلگە تەنقىد» نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، ھەتتا خېنىملارنىڭ ھۇجرىسىدىنمۇ «ساپ ئەقىلگە تەنقىد»تىن بىرەرپارچە تاپقىلى بولاتتى، ئۇلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇشى ناتايىن ئەلۋەتتە. كانتنىڭ كىتابى تەسلىكتە ئۇچىغا چىققان. ئۇ «ساپ ئەقىلگە تەنقىد» دېگەن بۇ كىتابتا زادى نېمە سۆزلەيدۇ؟ دەۋر بىلەن زادى ئالاقىسى بارمۇ يوق؟ ئەگەر بىز ئەينى چاغدائەنگىلىيە تەجرىبىچىلىكى، بولۇپمۇ ھيۇمنىڭ شۈبھىچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يېتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۇلىنى لېڭشىتىپ، ئۇنى گۇمراق قىلاي دېگەندە، كىشىلەرنىڭ ئەقىل-ئىدراكقا بولغان ئىشەنچىسى تەجرىبىچىلىكنىڭ  پرىنسىپى تەرىپىدىن يەرگە ئۇرۇلاي دېگەندە، كانتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ خىل قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىسەك، ئۇنداقتا بىز كانتنىڭ پەلسەپىسىنى رېئاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېيەلەيمىزمۇ؟ دېيەلمەيمىزغۇ دەيمەن، بۇنداق دېيەلمەيمىز.

شۇڭا مەن دەيمەن، پەلسەپە بولسا تەپەككۇرنىڭ ئىشى، تەپەككۇر قىلىش بولسا نۆۋەتتىكى جىددىي ھەم مۇھىم بىر ۋەزىپە، ئۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە زىچ ئالاقىدار، زامانىمىزدىكى جۇڭگوغا زىچ ئالاقىدار. چۈنكى تەپەككۇرنىڭ ئىشى باشلىنىشى كېرەك. بۈگۈن بىز تەپەككۇرنىڭ ئىشىنى، پەلسەپىنى سۆزلەۋاتىمىز،چۈنكى دەۋرىمىز بىزگە بۇ تەلەپنى قويدى. بۇ بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتا دەل تەپەككۇرنىڭ باشلىنىش ۋاقتى. تەپەككۇر باشلانغاندا، يەنە شۇنى تەكرارلايمەنكى، تەپەككۇر چوقۇم رېئاللىققا چۆكۈشى ھەم «ئۆز باش» بولۇشى كېرەك.

«ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش» دېگەن گەپنى لۇ شياڭ شەن تۇنجى بولۇپئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «روھنى ئىچىگە قارىتىپ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش» دېگەن ئىدى. مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تۈرلۈك پرىنسىپ چوقۇم بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، «ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش» ھەرگىزمۇ خالىغانچە قالايمىقان تەپەككۇر قىلىش، نېمىنى ئويلىغۇسى كەلسە شۇنى ئويلاش دېگەنلىك ئەمەس، تەپەككۇر چوقۇم رېئاللىققا چۆكۈشنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشى كېرەك.

يۇقىرىدا مەن بۈگۈنكى لېكسىيەمنى سۆزلەشتىكى مۇددىئايىمنى ئالاھەزەل سۆزلەپ ئۆتتۈم. تۆۋەندە، مەن مۇنداق ئۈچ نۇقتا بويىچە مۇلاھىزە ئېلىپ بارماقچى: بىرىنچى، پەلسەپە ۋە تەنقىد مېتودى؛ ئىككىنچى، ئىجتىمائىي رېئاللىققا چۆكۈش؛ ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى.

1.   پەلسەپە ۋە تەنقىد مېتودى

ئالدى بىلەن مەن پەلسەپە ۋە تەنقىد مېتودى توغرىسىدا سۆزلەيمەن. مېنىڭچە، زامانىمىزدىكى تەپەككۇر ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى تەنقىدىي مېتود ئارقىلىق ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا ھەقىقىي چۆكۈش. «پەلسەپە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. ئۇنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي مەنىسى بولسا «پاراسەتنى سۆيۈش».  Philosophia دېگەن سۆزدىكى Philo  «سۆيۈش»نى، Sophia  «پاراسەت»نى ئىپادىلەيدۇ. بىز «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ناملىق بىر كىتابنى بىلىمىز، بۇ كىتابتا پەلسەپىنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىلەرنىڭكىدەك «پەلسەپە ئېيى» يوق، بىراق بىزنىڭ پەلسەپە ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ «سوفىيە بايرىمى» بار. پەلسەپىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپتىدائىي مەنىسى، يەنى «پاراسەتنى سۆيۈش».  ئۇنداقتا «پاراسەت» زادى نېمە دېگەن گەپ؟ ھازىر بىزنىڭ بۇ سۆزنى چۈشىنىشىمىز بىر قەدەر تەس. ھازىر بىزدە«ئەقىل بۆلۈنمىسى» دەيدىغان بىر نەرسە بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كىچىك بۇشنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ناھايىتى تۆۋەنكەن، 80 گىمۇ بارمايدىكەن. ئۆلچەملىك ئەقىل بۆلۈنمىسى 100، مېنىڭچە ئولتۇرغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى130 دىن تۆۋەن ئەمەس. بىراق بۇ يەردىكى ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن پەلسەپىدە ئېيتىلغان پاراسەت ئىككىسى بىر نەرسە ئەمەس. پەلسەپىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنىسى بولغان«پاراسەتنى سۆيۈش» ئالاھەزەل گېرمان پەيلاسوپى كارل ياسپېرس ئېيتقان «ئوق مەركە دەۋرى»دىكى ئەڭ ئاساسلىق بىر قانچە خىل مەدەنىيەت ئۆزى بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا بېكىتكەن ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ ئىپتىدائىي ھەم ئاجايىپ چوڭقۇر بولغان پرىنسىپلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپلارنى بىز تا بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا دائىم بەزىبىر ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ، بەزى سىناق ھەتتا ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق چاغلاردا، ئىنسانلار ھامان ئاشۇ ئەڭ ئىپتىدائىي پاراسەتتىن روھىي قۇۋۋەت ئىستەيدۇ. شۇڭلاشقا، چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كلاسسىكشۇناسلىق فاكۇلتىتى بار، جۇڭگودا يوق، بىراق بىزنىڭ پەلسەپە فاكۇلتىتى ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى فاكۇلتىتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كەسىپلەر بار. غەرب پەلسەپىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىنى ئوقۇشىمىز زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش،  جۇڭخۇامىللەتلىرى بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ مەسىلىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا ئاشۇ ئىپتىدائىي پاراسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىنىشى زۆرۈر. بىراق بۇ پاراسەت بىز بۈگۈنكى دەۋردە سۆزلەيدىغان بىلىمگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

بەلكىم كۆپچىلىك «گراف مونتې كرىستو» ناملىق كىنونى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. فىلىمدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار: باش قەھرىمان ئېدموند دانتېس زىيانكەشلىككەئۇچراپ زىندانغا تاشىلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قامالغانلىقىنى بىلمەيدۇ.زىنداندا ئۇ بىر دانىشمەنگە، يەنى فارىيا ئاقساقالغا يولۇقىدۇ، فارىيا ئاقسال دانتېسقا خىلمۇ-خىل بىلىملەرنى، كلاسسىك تىللارنى ئۆگىتىدۇ. دانتېس ئىنتايىن تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىدۇ، ھەم ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. پەرىزىمچە ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 140 نىڭ يۇقىرىسىدا. بىر كۈنى ئاقساقال ئۇنىڭدىن، «سەن ئويلاپ باققىن، زادى كىم ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپ سېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى؟» دەپ سورايدۇ. دانتېس «مەنمۇ ئويلاپ يېتەلمىدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاقساقال ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش تولىمۇ ئاددىي: زادى كىمنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىسى ئەڭ كۆپ؟» دانتېسنىڭ كاللىسى شۇئان ۋاللىدەئېچىلىپ كېتىدۇ، شۇ چاغدا فارىيا ئاقساقال ئىنتايىن مەشھۇر سۆزدىن بىرنى قىلىدۇ :«بىلىملىك بولۇش پاراسەتلىك بولغانغا تەڭ ئەمەس.»  شۇڭا، پەلسەپەنىڭ مەنىسى پاراسەتنى سۆيۈش بولۇپ، گەرچە بۇ يەردىكى پاراسەت بىزدىن تولىمۇ يېراقتا بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى. بىزدائىم مۇشۇ خىلدىكى پاراسەتكە قايتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيمىز.
پەلسەپىنىڭ يەنە بىر خىل ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكىلى بولسا مېتافىزىكا. غەربتە، تەخمىنەن ئەپلاتوندىن تارتىپ گېگىلگىچە بولغان بۇ جەرياندىكى پەلسەپىنى بىز «مېتافىزىكا»، يەنى ئەپلاتونىزم دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ خىل پەلسەپە دۇنيانى ھېسسىي دۇنيا ۋە ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيا دەپ ئىككىگە ئايرىدى، ھەمدە ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيانى ئەۋزەللىككە شۇنداقلا ئىدارە قىلىش كۈچىگە ئىگە دەپ قارىدى. پەلسەپە تارىخىدا ناھايىتى مەشھۇر بىر ھېكايە بار. كۆپچىلىك يۇنان پەيلاسوپى دىموكرېتنى بىلىسىلەر. ئۇ بىرگىگانت  پەيلاسوپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى بۈيۈك تەبئىي پەنچى. دېموكرېت بىلەن سوقرات ۋە ئەپلاتونلار ئاساسەن زامانداشلاردىن ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دەۋر يۇنان مېتافىزىكىسى باش كۆتۈرۈۋاتقان ۋە گۈللىنىۋاتقان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، دېموكرېت پەلسەپىۋى تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ، ئۇ ھېسسيلىقتىن ھالقىغان دۇنيانى ھەقىقىي چىنلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ؛ بىراق يەنە بىر تەرەپتىن، دېموكرىت بىر تەبئىي پەن ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەجرىبىۋى ھادىسە، يەنى ھېسسىي  ھادىسە ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە زور قىممەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭقۇر زىددىيەتكەپېتىپ قالىدۇ. ھازىرقى بىزلەر ئۇ زامانلاردىكى يۇنانلىقلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇزىددىيەتنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈرلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئىدىيەدىكى بۇ خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇش شۇ قەدەر شىددەتلىك بولدىكى، ئاخىرى بىر كۈنى دىموكرېت ئۆزىنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋەتتى. ئۇ نېمىشقا ئۆزىنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋېتىدۇ؟ چۈنكى ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئۇنىڭ قەلىب كۆزى شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ھەقىقىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە روشەن كۆرەلەيتتى. ئاڭلىماققا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان بۇ ھېكايە دەل پەلسەپىنىڭ، مېتافىزىكىنىڭ ھېكايىسى. بۇ يەردە دېيىلگىنى: دۇنيا ھېسسىي دۇنيا ۋە ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيا دەپ ئىككىگەئايرىلغان، ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيا ئەۋزەللىككە ۋە چىنلىققا ئىگە. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، بارلىق ھېسسىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى يۈزەكى نەرسىلەر، بۇھېسسىي ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدا ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان چىن دۇنيا بار بولۇپ، بۇ خىل دۇنيا بولسا ھەقىقەت دۇنياسى.

ئەلۋەتتە بىزنىڭ جۇڭگو پەلسەپىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، جۇڭگو پەلسەپىسىمۇ «(شەكىلسىز)مېتافىزىكا» ۋە «(شەكىللىك) فىزىكا» دەپ سۆزلەيدۇ. بىزدە «شەكىلسىزى ھەق يولدۇر، شەكىللىكى ۋاستىدۇر» دەيدىغان گەپ بار، بىراق جۇڭگونىڭ پەلسەپە ئەنئەنىسىدە بۇئىككىسى چەمبەرچەس باغلانغان، بۇ جەھەتتە جۇڭگو پەلسەپىسى غەرب پەلسەپىسىگە ئوخشىمايدۇ، غەرب پەلسەپىسى مېتافىزىكا بىلەن فىزىكىنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھەقىقەتنى پەقەت ۋە پەقەت ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيادا، يەنى شەكىلسىز مېتافىزىكا دۇنياسىدا دەپ قارىدى. جۇڭگولۇقلار «ھەق يول (داۋ 道 )»نى سۆزلەيدۇ، «داۋ» دېگەن نېمە؟ داۋ دېگەن شەكىلسىز مېتافىزىكا شۇ، بىراق بۇ داۋ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۈندىلىك مەۋجۇتلۇقىدىن ئايرىلمىغان ھالەتتە مەۋجۇت، ھەممە يەردە مەۋجۇت، ھەممە چاغدا مەۋجۇت. بۇ يەردە تەرجىمىدە بەزىبىر مەسىلىلەر بار.
گەپنى يىغقاندا، پەلسەپىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىلى «پاراسەتنى سۆيۈش»، ئىككىنچى خىل شەكىلى، يەنى ئەڭ ئاساسلىق بولغان، بولۇپمۇ غەربتە ئەڭ زورتەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن شەكىلى بولسا مېتافىزىكا.

گېگېلدىن كېيىن، مېتافىزىكا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدى، ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلدى. مېتافىزىكىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدا ھازىر بىز كۆپ سۆزلىمەيمىز. بىراق مېتافىزىكىنىڭ يەنە بىر مېۋىسى بار، ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىغلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېۋە ھازىرقى زامانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ تەنقىد مېتودى، يەنى تەنقىدىي تەپەككۇر ئۇسۇلى.«تەنقىد» دېگەن بۇ سۆز بىزگە تولىمۇ تونۇشتەك كۆرۈنىدۇ، بىز تەنقىدنى كۆپ سۆزلەيمىز، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە دائىم بىراۋلارنى تەنقىد (پىپەن 批判) قىلاتتۇق. بىراق بۇ سۆزنىڭ ئەسلىدىكى پەلسەپىۋى مەنىسى زادى نېمە؟ ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مۇنداق: ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش.

پەلسەپە تارىخىدا، «تەنقىد»تىن ئىبارەت بۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇنجى بولۇپ سىستېمىلىق چۈشەندۈرگەن پەيلاسوپ بولسا گېرمانىيەلىك كانت. بىز بىلىمىز، كانت «ساپ ئەقىلگە تەنقىد»، «ئەمەلدىكى ئەقىلگە تەنقىد»، «ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا تەنقىد» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان، بىز بۇ ئۈچ كىتابنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئۈچ چوڭ تەنقىد» دەپ ئاتايمىز. بۇ گىگانت پەيلاسوپنىڭ پەلسەپىسى فېشىتنىڭ پەلسەپىسى بىلەن قوشۇلۇپ «تەنقىد پەلسەپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. كانت ئۆزىنىڭ «تەنقىد پەلسەپىسى» ئارقىلىق زادى نېمە ئىش قىلماقچى ئىدى؟  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتمەكچى ئىدى. كانت سورايدىغان سوئال بولسا مۇنداق: ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بىلىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۆكۈملۈكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەكىلى سۈپىتىدىكى تۇغما بىرىكتۈرمە ھۆكۈم قانداق مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە، كانتنىڭ بۇ سوئالىنىڭ تارىخىي ۋە ئىدىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. ھيۇمنىڭ ئۇچىغا چىققان تەجرىبىچىلىكى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان شۈبھىچىلىكى تەرەققىي قىلىپ ۋايىغا يېتىپ، ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ ئۇلىنى كولىغانلىقتىن، كانت بىر قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى بولغان. شۇڭا ئۇ «تۇغما بىرىكتۈرمە ھۆكۈم قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ »دەپ سورىغان. بۇ سوئال شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، كانت تۇغما بىرىكتۈرمە ھۆكۈمنىڭ، شۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ بىلىشىمىزنىڭ ئەزەلىي شەرتىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولغان، «ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» دېگەن شۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كانت يەنە «بۇ خىل بىلىشنىڭ چېكى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر چېكى بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل چەك زادى نەدە؟» دەپ سورىغان. بىزبىلىمىز، كانتنىڭ پۈتكۈل پەلسەپىسىنى مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقىمۇبولىدۇ: «كانت ئىنسانىيەت بىلىشىنىڭ چەك-چىگراسىنى بېكىتىپ، بىلىشكە چەك قويۇپ، ئېتىقاد ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلىغان.» شۇڭا كانتنىڭ تەنقىد پەلسەپىسى «ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش»تىن باشقا ئىش قىلغىنى يوق.

مېنىڭچە، بىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى پەلسەپىۋى تەپەككۇر ھەممىدىن ئاۋال تەنقىد ئىشىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمەن؟ «ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش» ئېھتىمال بىزنىڭ تەپەككۇرنى باشلىشىمىزدىكى تۇنجى قەدەم بولۇشى مۇمكىن. گېگىل مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەن نېمە؟ ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەنلىك ئالدىنقى شەرتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئىدىيەنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.»  كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار، گېگىل  «ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش»نى ئەركىن تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەلىپى دەپ ھېسابلىدى. ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەنلىك ئالدىنقى شەرتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئىدىيەنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىك. نۇرغۇن نەرسىلەر بۈگۈن بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئەسلىدىنلا شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەك، شەك-شۈبھىسىزدەك، ھەتتا مۇقەددەستەك كۆرۈنىدۇ. بىراق ئەركىن تەپەككۇر مانا مۇشۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى، ھەمدەئۇنىڭ چېكىنى بېكىتىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

كانتتىن كېيىن، تەنقىدىي تەپەككۇر يولىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى. كانت «ئۈچ چوڭ تەنقىد»نى يازدى، كېيىنكى پەيلاسوپلار، مەسىلەن ۋىلھېلم دىلتېي «تارىخىي ئەقىلگە تەنقىد» ناملىق ئەسەرنى يازدى، سارترې «دىيالېكتىكىلىق ئەقىلگە تەنقىد»ناملىق ئەسەرنى يازدى، ماركسنىڭ دەۋرىدىكى ئەھۋالنى بولسا دېمەيلا قويايلى. سىتراۋېس ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى «تارىخىي تەنقىد» دەپ ئاتىدى، باۋىيېر ئانچە پۇخادىن چىقمىغان بولسا كېرەك، ئۇ ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «تەنقىدگە تەنقىد» دەپ ئاتىدى، ماركس بۇنىڭدىنمۇ رازى بولماي، «مۇقەددەس جەمەت» ناملىق كىتابتىن بىرنى يازدى، بۇكىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى بولسا «تەنقىدگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەنقىدگە تەنقىد»ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بەزىلىرى ھەقىقەتەنمۇ تايىنى يوق غەلىتىلا نەرسىلەر. بىراق بۇ نەرسىلەردە ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ پىكىرىي قورالى يوشۇرۇنغان، ئۇ بولسىمۇ مەلۇم بىر شەيئى ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ئىزدىنىدىغان روھ. شۇڭا مەن دەيمەن، گېگېل ناھايىتى توغرا گەپ قىلغان. شەيئى مەيلى قانچىلىك گۈزەل بولسۇن، ئىدىيە مەيلى قانچىلىك جەلىبكار بولسۇن، سىز چوقۇم ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىز تەپەككۇرغا مەجبۇرىلانغان بولىسىز، سىزنىڭ بۇ تەپەككۇرىڭىز ئەركىن تەپەككۇر ئەمەس.

يۇقىرىدا بىز بىر تاغار نەزەرىيە سۆزلىدۇق، تۆۋەندە مەن مىسال ئارقىلىق كۆپچىلىككە تەنقىدنىڭ زادى نېمىلىكىنى چۈشەندۈرىمەن.

سىياسىي ئىقتىسادشۇناشلىق بولسا ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. بىراق مېنىڭچە ماركىسنىڭ تەلىماتىدا «سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق» دەيدىغان ئىلىم يوق، «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» بار. بىز بىلىمىزكى، ماركس «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» كە كىرىش سۆز ۋە مۇقەددىمە يازغان، سىياسىي ئىقتىسادقا دائىر بەزى قوليازمىلارنى قالدۇرغان، ھەم «كاپىتال» ناملىق ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. «كاپىتال»ناملىق كىتابنىڭ  قوشۇمچە ماۋزۇسى بولسا «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» ئىدى. بۇ «تەنقىد» نېمە ئىش قىلىدۇ؟ سۆزلىسەك ئىنتايىن ئاددى. كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى ھەمدە ئۇ ئىپادىلىگەن ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت زادى نېمىنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت قىلغان؟ ئۇنىڭ چېكى قەيەردە؟ «كاپىتال» مۇشۇ ئىككى سوئالغا جاۋاب بەرگەن خالاس. سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئۆزىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەرەققىياتىدىن كېيىن، ۋىليام پېتتىي، كۋېيىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى بارلىققا كىلىپ، ئادام سىمىت ۋە رېكاردو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قولىدا تاماملاندى. تاماملانغان كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى ئىنتايىن مۇكەممەل بىر سىستېما بولۇپ، بۇ سىستېمىغا ئاساسەن ھەتتا دەرسلىك كىتاب تۈزۈپ چىقىشقا بولاتتى. بۇ دەرسلىك قانداق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ ئادەتتە ئۇ ئىككى ئادەمدىن باشلىنىدۇ. نېمىشقا ئىككى ئادەمدىن باشلىنىدۇ؟ چۈنكى ئىككى ئادەم ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ، ئالماشتۇرۇش بولسا ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم كاتېگورىيەلەرنىڭ بىرى. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى ئوۋچى، يەنە بىرسى بېلىقچى. نېمىشقا بىرى ئوۋچى، يەنە بىرى بېلىقچى؟ چۈنكى، بىرسى، ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئوخشىمايدىغان بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ كەسپى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمايدۇ؛ يەنە بىرسى، ئۇلار تەبئىي ھالەتتىكى ئىپتىدائىي ئادەملەر بولۇشى كېرەك. ئەمدى بىز ئىشنىڭ  قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىغا قارايمىز. بىر بېلىقچى، بىر ئوۋچى؛ ئوۋچى ھەر كۈنى توشقان ئوۋلايدۇ، بېلىقچى ھەر كۈنى بېلىق تۇتىدۇ. ئوۋچى كۈندە توشقان يەۋىرىپ زېرىكىدۇ، بېلىقچىمۇ كۈندە بېلىق يەۋىرىپ بېلىقتىن چىقىپ قالىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئوۋچىنىڭ تۇيۇقسىز بېلىق يېگۈسى كەپ كېتىدۇ، بېلىقچىنىڭ بولسا تۇيۇقسىز توشقان گۆشىنى تېتىپ باققۇسى كېلىدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ تېگىشىدۇ. ئالماشتۇرۇش ياكى تېگىشىش مانامۇشۇنداق باشلىنىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئالماشتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەلگىلىك ئۇسۇل، بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، مەسىلەن كىشىلەر 1 توشقانغا 3 بېلىق ئالماشتۇرىدۇ، شۇڭا 2 توشقانغا 6 بېلىق ئالماشتۇرىدۇ،  3 توشقانغا 9 بېلىق ئالماشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادشۇناسلار سورايدۇ: ئۇلار زادى نېمىشقا مۇشۇنداق نىسبەت بويىچە ئالماشتۇرىدۇ؟ ئۇلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى دەلىللىدىكى، 3 توشقان بىلەن 9 بېلىق ئارىسىدا چوقۇم ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان تەڭ قىممەتلىك مەلۇم خىل ئورتاق نەرسە بار. بۇ نەرسە زادى نېمە؟ ئىقتىسادشۇناسلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ نەرسىنىڭ ئابستراكت ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 3 توشقان ئۆز ئىچىگە ئالغان ئابستراكت ئەمگەك بىلەن 9 بېلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان ئابستراكت ئەمگەك تەڭ ياكى ئوخشاش. بۇ كاتتا بايقاش «تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدىغان قانۇنىيەتكە يىغىنچاقلىنىدۇ. بۇ يەرگە قەدەر ھەممىسى بىزگە شۇنداق تەبئىي ئاڭلىنىدۇ، ھېچقانداق مەسىلە يوقتەكلا، شۇنچىلىك ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك. بىراق ماركس بۇ يەردە مەسىلە بايقىدى. ماركسنىڭ «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» ناملىق ئەسىرى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماركس دېدىكى: «ئۇ ئىككى ئادەم ھەرگىزمۇ بىر ئوۋچى ۋە بىر بېلىقچى ئەمەس، بەلكى دەۋرىمىزدىكى ئىككى كاپىتالىست.»ماركس پۈتۈنلەي توغرا ئېيتقان، ئۇ ئىككى ئادەم ھەرگىزمۇ بىر ئوۋچى ۋە بىر بېلىقچى ئەمەس. بىز دەسلەپتە دەپ ئۆتكەن، بۇ ئىككەيلەن قانداق ئادەملەر؟ ئۇلار تەبئىي ھالەتتىكى ئىپتىدائىي ئادەملەر. تەبئىي ھالەتتىكى بىر ئىپتىدائىي ئوۋچى بىلەن تەبئىي ھالەتتىكى بىر ئىپتىدائىي بېلىقچى بىر-بىرى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدۇ؟ ناھايىتى ئاددى، توشقان تۇتىدىغان ئوۋچىنىڭ بېلىق يېگۈسى كەلسە، بېلىقچىنى ئىزدەپ بارىدۇ، بېلىقچى ئۇنىڭغا: «بېلىق دېگەن تۇرۇپتۇ، خالىغىنىڭىزچە يەڭ» دەيدۇ؛ بېلىقچى ئوۋچىنى ئىزدەپ بېرىپ «توشقان يېگۈم كەلدى» دېسە، ئوۋچىمۇ ئۇنىڭغا: «مانا توشقان دېگەن، قانچىلىك ئالغۇڭىز كەلسە شۇنچىلىك ئېلىڭ» دەيدۇ. ئەلۋەتتە،  بىز ئىپتىدائىي جەمئىيەتنى ئۇنچىۋالارومانتىكىلىق قىلىپ تەسۋىرلىسەكمۇ بولمايدۇ. يۇقارقى ئەھۋال پەقەت ئۇلاردا نۇرغۇنلىغان بېلىق ۋە نۇرغۇنلىغان توشقان بار بولغان ھالەتتىلا يۈز بېرىدۇ. ئەگەرئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېرىم تال بېلىقلا  قالغان بولسىچۇ؟ نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەڭ بولىدۇ، قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. جاڭگال قانۇنىيىتى كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، قانداقلا بولمىسۇن، ئىپتىدائىي ئادەملەر بىكارغا بېرىۋەتسە بېرىۋېتىدۇكى، قىرغىنچىلىق ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلسا قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ «تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى» بويىچە ئالاقە قىلمايدۇ. شۇڭا، ماركس ئوۋچى بىلەن بېلىقچىنىڭ ھېكايىسىنى «18-ئەسىردىكى روبېنسون ھېكايىلىرىگە ئوخشاش،ئازراقمۇ تەسەۋۋۇر كۈچى يوق بولغان ئويدۇرما» دەپ ئاتىدى. بىز ھازىر بۇ ئىشلارنى بىر قەدەر ئېنىق چۈشەندۇق. تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نېمە؟ تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك  چەككە يەتكەن بولۇشى كېرەك، مەھسۇلات تاۋارغا ئايلانغان بولۇشى كېرەك. پەقەت تاۋارلا ئابستراكت ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز تاۋارغا مۇجەسسەملەن گەنپەرقسىز ئىنسان ئەمگىكىنى، يەنى ئابستراكت ئەمگەكنى تاۋارنىڭ قىممىتى دەپ ئاتايمىز. پەقەت مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا، مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدىلا، تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى ئاندىن كۈچكە ئىگە. ئىپتىدائىي ھالەتتە قانداقمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟ يوق. مانا بۇ «ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش يەنە مۇنداق بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئالدىنقى شەرتى بارلىكى نەرسە چوقۇم تارىخىي چەكلىمىگە ئىگە. چەكسىز نەرسىگە شەرت كەتمەيدۇ، شەرتى بار نەرسىنىڭ چوقۇم چېكى بار.

ئۇنداقتا، كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مەسىلىسى قەيەردە؟ ماركسنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئۆز زامانىسىدىكى كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەبئىي شەكىللەنگەن، شۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ چۈشىنىپ قالغان. مەسىلە مۇشۇ يەردە.شۇڭلاشقا، تەنقىدىي نەزەر بىزگە تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىدىيە بولسا تارىخنىڭ قانۇنىيىتى.  

تارىخنىڭ قانۇنىيىتى قانداق بىر قانۇنىيەت؟ ھەر بىر شەيئىنىڭ تارىخىي مەنبەسى، تارىخىي باشلىنىشى بار؛ ئۇ چوقۇم ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ؛ ھەم شۇنىڭدەك ئۇ ئاجىزلايدۇ، ئاخىرىدا يوقىلىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئىدىيەنى گېگېلنىڭ تارىخي تەنقىدى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىدىيەنى قوبۇل قىلىش ئوڭاي ئەمەس. مەسىلەن بىز ئادەتتە دېموكراتىيەنى تولا مۇلاھىزە قىلىمىز، چۈنكى دېموكىراتىيە دېگەن ياخشى نەرسە. ئۇنداقتا 1789-يىلدىكى دېموكراتىيە بىلەن ئۆتكەن يىلى ئوباما زوڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چاغدىكى دېموكراتىيەنىڭ پەرقى بارمۇ-يوق؟ پەرقى زور. بارلىق شەيئىي تارىخىيلىققا ئىگە، بىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلمىقىمىز تەس. بىز دائىم بۇرۇنقى شەيئىلەرنىڭ كەمچىلىكى نۇرغۇن ئىدى، ئۇلار چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى، شۇڭا ئۇلار چوقۇم يوقىلىشى كېرەك ئىدى دەپ ئويلايمىز؛ بىراق ئۆزىمىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئىش ئۆزگىرىدۇ، ئويىمىزچە، دەۋرىمىزدىكى بارلىق نەرسىلەر چەكسىز تەرەققىي قىلالايدۇ. دۇنيانىڭ تارىخىدا مۇشۇنداق ئىش بولغانمۇ؟  بولمىغان، ھەم بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا، تەنقىدنىڭ پرىنسىپى ھەمدە تارىخي قانۇنىيەت دەۋرىمىزدىكى تەپەككۇرغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئاددى پرىنسىپى يەنە شۇكى: ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش.

2.ئىجتىمائىي رېئاللىققا چۆكۈش

كۆپچىلىك ئېھتىمال «ئىجتىمائىي رېئاللىققا چۆكۈش»نى سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن، چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى رېئاللىقىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەنغۇ دەپ ئويلايسىلەر، ئويۇڭلاردا كۆزۈڭلارنى ئاچساڭلارلا رېئاللىقنى كۆرەلەيسىلەر. شۇنداق بولغان ئىكەن، «ئىجتىمائىي رېئاللىققا چۆكۈش»نى سۆزلەشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ مېنىڭ كۆپچىلىككە دېمەكچى بولغىنىم، دەل بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەنقىدىي پىكىر ئۇسۇلى بىر يۈرۈش باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ ئاندىن ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئۆزىگە ئۇلىشالايدۇ. بىز ھەرگىزمۇ رېئاللىقنى كۆزىمىزنى ئاچساقلا كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئاسانلا ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. رېئاللىقنىڭ ماھىيىتىنى تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئېچىپ بەرگىنى گېگىل. شۇڭا گادامېر ئۆزىنىڭ «20-ئەسىرنىڭ پەلسەپە ئاساسى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «گېگىل سۇبيېكتنىڭ تەپەككۇرىغا قارىتا ئۈزۈكسىز تەنقىد ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى چۈشىنىشنىڭ يولنى ئاچتى، يەنە كېلىپ بۇ يولنى تۇنجى بولۇپ ئاچتى. بىز ھازىرغا قەدەر ئۇ ئېچىپ بەرگەن ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ياشاۋاتىمىز.» ھازىر بىز يۈزلەنگەن ئەڭ زور خەۋپ بولسا «سۇبيېكتىپ ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ يۈزەكى تەپەككۇرى».   «يۈزەكى تەپەككۇر» دېگەننېمە؟ گېگېلنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۈزەكى تەپەككۇر «شەيئىلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئەقلىيكەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئەزەلدىن شەيئىنىڭ ئۆزىگە  چوڭقۇرلاپ كىرمەيدۇ، بىراق ئۇ ئومۇمىي پرىنسىپنى چۈشىنىدۇ، ھەمدە بۇ پرىنسىپنى ھەر قانداق مەزمۇنغا ئشىلىتەلەيدۇ.» مانا بۇ يۈزەكى تەپەككۇر. گېگىل بۇ خىل «يۈزەكى تەپەككۇر قىلىدىغان» سۇبيېكتىپ ئىدىيە بىلەن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلدى. گېگېلنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقساق بىلىمىز، ئۇ ئەسىرىنىڭ يېرىمىدا ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى سۆزلىسە، قالغان يېرىمىدا خىلمۇ-خىل سۇبيېكتىپ ئىدىيەنىڭ يۈزەكى تەپەككۇرى بىلەن كۈرەش قىلغان. گېگېل بۇ يۈزەكى تەپەككۇرنى «سۇبيېكتىپ ئىدىيە» دەپ ئاتىدى، ئۆزى بولسا تەپەككۇرنىڭ «ئوبيېكتىپ تەپەككۇر» بولۇشىنى، «مۇتلەق ئىدىيە» بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى تەپەككۇر مۇشۇ ئېگىزلىككە يېتەلىگەندىلا، ئاندىن ئاتالمىش «رېئاللىق»تىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە، بىز ئادەتتىكى ئەمەلىيەت ئۇقۇمى بىلەن ھەقىقىي رېئاللىق ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك. پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرىڭلار پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلار مۇمكىن، بىز چوقۇم ئەمەلىيەت بىلەن رېئاللىقنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ يەردە ئېيتىلغان ئەمەلىيەت بولسا بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا بىۋاستە زاھىر بولغان دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا رېئاللىقچۇ؟ گېگېلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، رېئاللىق بولسامەۋجۇتلۇق بىلەن ماھىيەتنىڭ بىردەكلىك ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋجۇت بولۇپلاقالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ماھىيىتى بىلەن بىردەك بولغان مەۋجۇتلۇق دەل رېئاللىقتۇر. ماھىيەت بولسا ھادىسىلىنىش جەريانىدا مۇقەررەرلىك بولۇپ ئىپادىلەنگەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، بىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىيەت پەنلىرى شۇنداقلا ئادەتتىكى چۈشەنچىمىز ئەمەلىيەت بىلەن رېئاللىقنى پەرقلەندۈرمەي، ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، يەنە كېلىپ ئەمەلىيەتنى قايتا سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مەۋجۇتلۇق دەپ قارايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز قىلچە تەنقىدىي ئېڭى يوق دەلىلچىلەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. بىراق، ھەتتا ئەمەلىيەتمۇ بىزگە كۆرۈنگىنىدەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىز دائىم «مانا بۇ ئەمەلىيەت»، «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويىمىز. ئەمەلىيەت دېگەن نېمە؟ مەن بىر مىسال ئالاي، كۆپچىلىك «ئەمەلىيەت»نىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەمەلىيەتنىڭ ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايسىلەر.

يېقىندىن بۇيان ئەدەبىي ئاخباراتقىمۇ، تارىخىي رومانغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر كىتاب پەيدابولۇپ قالدى، ئىسمى «قىزىل قۇياش قانداق كۆتۈرۈلدى»، ئۇنىڭدا يەنئەندىكى  ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتى سۆزلەنگەن. تارىخ فاكۇلتىتىدىكى بىر مۇئەللىم بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپتۇ، چۈنكى ئۇ كىتابتا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللار، نۇرغۇن يېڭى «تارىخىي ئەمەلىيەت»لەر بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تارىخ فاكۇلتىتىدىكى بۇ مۇئەللىم پەلسەپە فاكۇلتىتىدىكى بىر مۇئەللىمگە بۇ كىتابنى تەۋسىيە قىپتۇ، چۈنكى كىتابتىكى يېڭى تارىخىي خاتىرىلەر ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرغانىدى. كۆرۈپ بولاي دېگەندە، تارىخ مۇئەللىمى بىزنىڭ پەلسەپە مۇئەللىمىدىن ئۇ كىتابقا قانداق قارايدىغانلىقىنى ھاياجان ئىلكىدە سورىغان ئىدى. «بۇكىتاب بارلىق ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر كىتاب ئىكەن.» بىزنىڭ پەلسەپە مۇئەللىمىنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇشۇ بولدى. بۇ نېمە گەپ؟ بۇ گەپنى ئىلگىرى ھايدىگېر قىلغان: «تارىختىكى بارلىق ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش تامامەن مۇمكىن.» «ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلاردىن يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش» دېگەن زادى نېمە گەپ؟ بىزئاۋال مەلۇم بىر كىتابتىكى بارلىق تارىخى ۋەقەلەرنى ھەقىقىي، چىن دەپ تۇرايلى؛ بىراق ئۇنىڭدا تارىخىي رېئاللىق ئەكس ئەتمىگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلاردىن يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىدۇ. باياتىنقى كىتابقا قايتىپ كېلەيلى. بىز ئاۋال كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقەتەنمۇ يۈزبەرگەن دەپ پەرەز قىلايلى: ئەينى ۋاقىتتا ئەجەبا بىر-بىرىگە ئورا كولايدىغان ئىشلار يوقمىدى؟ كىشىلەر بىر-بىرىنى قەستلىمەمتى؟ ھەر خىل ۋاستىلەر ئىشلىتىلمىگەنمىدى؟ كىتابتا يېزىلغان بۇ خىل ئەھۋاللار ھەقىقەتەنمۇ بار ئىدى. بىراق، خۇددى گېگېل سۆزلەپ ئۆتكەندەك، «ئەقىلنىڭ ئۇستاتلىقى دېگەن زادى نېمە؟ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا، ئەقىل ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ خىلمۇ-خىل خاراكتېرى، خىلمۇ-خىل تەپەككۇرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا كۈرەش ئارقىلىق دۇنيا تارىخنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.» مانا بۇ «ئەقىلنىڭ ئۇستاتلىقى» دېيىلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، پۈتكۈل تارىخنىڭ قىلچىمۇ قىزىقى قالمايدۇ، تېتىقسىزلىشىدۇ. بۇ جەرياندا بەلكىم خىلمۇ-خىل پىكىر يولى شۇنداقلا خىلمۇ-خىل قىلتاق بولۇشى مۇمكىن، بىراق مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق تاماملىنىدىغىنى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر يەككە شەخسنىڭ ئارزۇسى ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىنىڭ ۋەزىپىسى. مانا بۇ ئەقىلنىڭ ئۇستاتلىقى. ئەقىل تولىمۇ ھىيلىگەر، ئۇ ۋەزىپىسىنى بىۋاستە تاماملىمايدۇ، بەلكى كىشىلەرنىڭ خىلمۇ خىل تەپەككۇرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك كۈرەش ئارقىلىق ئەقىلنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاستىلىك تاماملايدۇ. شۇڭا، ئەگەر بايا بىز تىلغا ئالغان ئۇ كىتابتا پەقەت ئىنچىكە تارىخىي ئەمەلىيەتلەرلا بار بولۇپ، پەقەت ھەقىي يۈز بەرگەن ئىنچىكەتەپسىلاتلارنىڭ چىنلىقىلا بار بولۇپ، تارىخىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كىتاب دەل تارىختىكى بارلىق ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقارغان بولىدۇ. ساۋاقداشلار سورىشى مۇمكىن: سىزدەۋاتقان تارىخى رېئاللىق زادى قايسى رېئاللىق؟ بۇنى سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق، ئاددى بىر ئېغىز گەپ بىلەن يىغىنچاقلىساق، بۇ تارىخى رېئاللىق بولسا مۇنداق: جۇڭگو كوممۇنىزمچىلىرى ئەينى چاغدىكى يەنئەن ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتى ئارقىلىق جاھاننى قولىغا ئېلىشنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەن. مانا بۇ يەنئەن ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي رېئاللىقى، يەنى تارىختا مۇقەررەرلىك بولۇپ ئىپادىلەنگەن ھادىسە. ئەگەر تارىختىكى ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلار  بۇ تارىخىي رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى يوشۇرسا، ئۇنداقتا بۇ «تارىختىكى بارلىق ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىش» بولىدۇ.

شۇڭا، بىز «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»نى ئۇنچىۋالا ئاددى چاغلىماسلىقىمىز كېرەك، كۆزىنى ئېچىپلا كۆرگەننىڭ ھەممىسى ھەقىقەت ئەمەس، رېئاللىق ئەمەس؛ رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتىش ئاسان ئەمەس، رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن پەلسەپىۋى تەپەككۇر بولۇشى كېرەك، تەنقىدىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بولىشى كېرەك.

«ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا چۆكۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. باياتىندىن بىرى سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن. بۇ جەھەتتە، گېگېل بىلەن ماركس بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ھەممىدىن بەك ئەرزىيدۇ. ھايدىگېر ماركسنىڭ پەلسەپىسى توغرىسىدا بەزىبىر مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ماركىسنىڭ مەۋجۇتلۇق نەزەرىيەسىنى تەنقىد قىلغان. ھايدىگېرنىڭ قارىشىچە، مەۋجۇتلۇق نەزەرىيەسى جەھەتتە ماركس نىچشېغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىككى پەيلاسوپ ئاساسەن تەڭلىشىدۇ؛ بىراق تارىخ پەلسەپەسى جەھەتتە، ماركس مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھايدىگېر ئىنتايىن مەشھۇر بولغان ئۇزۇن خەتتىن بىرنى يازغان، خەتنىڭ تېمىسى «ئىنسانچىلىق توغرىسىدىكى خەت-چەكلەر». خەتتە، ھايدىگېر مۇنداق يازىدۇ: «ياتلىشىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ماركس تارىخنىڭ ماھىيەتلىك قاتلىمىغا چوڭقۇرلىدى. شۇڭا ئۇ بارلىق تارىخچىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مېنىڭچە، ماركس يەتكەن چوڭقۇرلۇققا ھۇسسېرلمۇ، سارترېمۇ يېتەلمىدى. ئاشۇ چوڭقۇرلۇققا يېتەلىگەنلەرنىڭلا ماركس بىلەن پىكىرلىشىش سالاھىيىتى بار بولىدۇ.» بۇ جۈملىلەر 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى يېزىلغان، ئەينى چاغقا نىسبەتەن بۇ گەپنىڭ سالمىقى تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ھايدىگېر ھادىسەشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى، ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئېدموند ھۇسسېرلنى «ماركسقا يەتمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئاساسلىق پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولغان ھادىسەشۇناسلىق ھەرىكىتىنى بىر ئېغىزگەپ بىلەنلا يوققا چىقارماقچى بولغانىدى. بۇ يەردە ھايدىگېر «ماركسقا يەتمەيدۇ»دەپ ئىسمىنى تىلغا ئالغان يەنە بىرەيلەن كىم؟ سارترې، فرانسىيە مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ پېشىۋاسى، ئۇ  ھېچبولمىغاندىمۇ نام-ئاتاق جەھەتتە ھايدىگېردىن قېلىشمايتتى. شۇڭا ھايدىگېرنىڭ يۇقارقى گېپىنىڭ سالمىقى تولىمۇ ئېغىر بولغان ئىدى.

گەپنى يىغساق، بىزنىڭ تەپەككۇر ۋەزىپىمىز چوقۇم تەنقىدىي پىكىر يولى ئارقىلىق جۇڭگو رېئاللىقىغا چۆكۈش ئارقىلىق تاماملىنىشى كېرەك. بىزدىكى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسى شۇ يەردىكى، تەپەككۇرىمىز يۈزەكى تەپەككۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكەلمەيۋاتىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە بولغاندا، جۇڭگونىڭ 30 يىللىق مۇۋەپپىقىيىتىدىن قارىغاندا دۆلىتىمىزدىن تەخمىنەن 2 كىشى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشسە بولاتتى، بىراق بۇنداقلار چىقمىدى. بىزنىڭ ئىجتىمائىي پەنلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىققا ھەقىقىي چۆكۈشىگە يەنە خېلى بار. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە چوقۇم تەنقىدىي تەپەككۇر يولى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

3.جۇڭخۇامىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى

مېنىڭچە، تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن جۇڭخۇامىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى زىچ مۇناسىۋەتلىك. راسىت گەپنى قىلغاندا، ئەگەر20 يىلدىن كېيىن ياپونىيەگە ئوخشاش بولىمىز، 50 يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا ئوخشاش بولىمىز، ھامان بىر كۈنى بىز جۇڭگولۇقلار سېرىق تەنلىق قارا چاچلىق ئامېرىكىلىق بولىمىز دەپ پىلان سوققان بولساق، ئۇنداقتا مېنىڭ نەسىھىتىم، كۆپچىلىك تەپەككۇر قىلىمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار، پەلسەپە ئۆگەنمەڭلار، چۈنكى ئۇنداق بىر پىلاننىڭ ئاستىدا بىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنداق بىر پىلاننىڭ تەييارئۆلچىمى بار، بىز شۇ بويىچە قىلساقلا بولدى، ئۇلاردىن ئەكىلىپ ئىشلەتسەكلا بولدى،ئۇلارغا تايانساقلا بولدى! بىراق، ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس يولىمىز بار بولسا،ئۇنداقتا بىز چوقۇم مەلۇم بىر ھالقىلىق نۇقتىدا تەپەككۇرغا بۇرۇلۇشىمىز كېرەك.تەپەككۇرنىڭ تەلىپىنى مەن ئالدىدا دەپ بولدۇم، تەپەككۇر چوقۇم رېئاللىققا چۆكۈشى ھەم «ئۆز باش» بولۇشى كېرەك. يەنە كېلىپ رېئاللىققا چۆكۈش چوقۇم سىزنىڭ ئۆزباش بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، ھازىرقى جۇڭگونىڭ رېئاللىقى بىرىنچىدىن بىزگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن، ئىككىنچىدىن بىزگە بۇ ۋەزىپىنى ئوخشىمىغان دۆلەت ئەھۋالى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاستىدا يۈكلىگەن. ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس يولىمىز بار بولمىسا، ئۆزىمىزگە خاس ۋەزىپىمىز بار بولمىسا، ئۇنداقتا تەپەككۇرنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىراق، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنداق ئىش ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئېنگلىس «بىر مىللەت دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك» دېگەنىدى. شۇڭا بىز بىر جەھەتتىن تەنقىدىي پىكىرئۇسۇلى ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي چەكلىمىسىنى چۈشىنىشىمىز، يەنە بىر جەھەتتىن ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى بۇ ئىشتا بىز باشقىلارغا تايىنالمايمىز، بىز چوقۇم ئۆگىنىشىمىز، تەنقىدلىشىمىز، ئۆزىمىز تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈنلەي ساپ ئەنئەنىگە قايتىش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بۇ بىر خىل خىيالپەرەسلىك. بەزى ئەنئەنەپەرەسلەرمۇشۇنداق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىۋاتىدۇ، بۇ تارىخنى كەينىگە ياندۇرغانلىق؛ بىراق ئەگەر كۆپچىلىك بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىز پۈتۈنلەي ئەنگىلىيە ياكى ئامېرىكىغائوخشاش بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتقان بولساڭلار، ئۇمۇ خام خىيال، پۈتۈنلەي غەربلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىمىز ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىمىز چوقۇم ئۆزىگە خاس بىر يول بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەلسەپىنىڭ، تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ چاغدىكى پەلسەپىۋى تەپەككۇرغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ گېپى چىقسا، كۆپچىلىك ئامېرىكا ياكى ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ كېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ.دەرھەقىقەت، بۇلار ئىلىمگە قويۇلىدىغان بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تەلەپ؛ بىراق،مېنىڭچە بىزنىڭ ئىلىمىمىزگە قويۇلىدىغان ئەڭ يۇقىرى تەلەپ بولسا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مەسىلىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى شەكىللەندۈرۈش. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئويلىشىشىمىز  كېرەك، بىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىمىز بىلەن غەربنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئوخشىمايدۇ.

تۆۋەندە مەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، ئېھتىمال بىزنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز بولۇشى كېرەكتۇ. ئەگەر بىزنىڭ يولىمىز خاسلىققا ئىگە بولغان بىر يول بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل خاسلىقتا بەلكىم دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ نىشانىمىز ھەرگىزمۇ پەقەت دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشلا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، بىز يەنە دۇنيا تارىخىنىڭ يېڭىچە ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە دېيىلگەن «دۇنيا تارىخى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ گېگېل ئىشلەتكەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. گېگېل بۇ ئاتالغۇنى «دۇنياۋى تارىخىي شەخس» دەپ ئىشلەتكەن. «دۇنياۋى تارىخىي شەخس» دېگەن نېمە؟ مەسىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، قەيسەر، ناپولىيون قاتارلىقلار دۇنياۋى تارىخىي شەخسلەردۇر. يەنە بىر خىلى  «دۇنياۋى تارىخىي مىللەت».  «دۇنياۋى تارىخىي مىللەت» دېگەن نېمە؟ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا تارىخىنىڭ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان مىللەت دۇنياۋى تارىخىي مىللەت بولىدۇ. گېگېل مۇنداق يازىدۇ: «تارىخنىڭ قۇياشى خۇددى تەبىئەتنىڭ قۇياشىغا ئوخشاش شەرقتىن كۆتۈرۈلدى.» شۇڭلاشقا تۇنجى دۇنياۋى تارىخىي مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەدرىجىي غەربكە يۆتكىلىدۇ، ھىندىستان، مىسىر، پارىس، يۇنان ۋە رىم قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا گېرمان دۇنياسىغا بېرىپ توختايدۇ.  «دۇنيا تارىخنىڭ قۇياشى پرۇسسىيە ئاسمىنىدا توختاپ قالدى» دەپ يازىدۇ گېگېل. ئەلۋەتتەگېگېل ئۆزىدىن كېيىنكى ئىشلارنى يازمىغان، چۈنكى ئۇ «پاراسەت ئىلاھەسىنىڭ مۈشۈكياپىلاقى پەقەت گۇگۇم چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇچىدۇ» دەپ يازغان ئىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە كەلگۈسى ھەرگىزمۇ ئەقىلنىڭ تەپەككۇر ئوبيېكتى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۈمىد ۋە ۋەھىمىنىڭ ئوبيېكتى ئىدى. شۇڭا ئۇ «دۇنيا تارىخىنىڭ قۇياشى پرۇسسىيە ئاسمىنىدا توختاپ قالدى»دەپ يازغان.

مېنىڭ قارىشىمدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆزىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدازامانىۋى ۋە قۇدرەتلىك بىر خەلق سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن، ئېھتىمال يەنە دۇنيا تارىخنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھازىر تېخى ھېچكىم «چوقۇم شۇنداق بولىدۇ» دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ، مەن پەقەت بىر خىل ئېھتىماللىقنىلا سۆزلەۋاتىمەن، مېنىڭچە ئۈمىد ۋە مۇمكىنچىلىك زور. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ غەربلىكلەرئاللىقاچان بېكىتىپ قويغان يولدىن مېڭىشىمىز مۇمكىن ئەمەس؛ ئۆزىمىزنىڭ خاس يولىمىزدا چوقۇم بىر خىل ئاكتىپ تۈگۈن بار، بۇ خىل ئاكتىپ تۈگۈننىڭ مەلۇم خىل دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيىتى بار بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بەلكىم بەزىڭلار مەندىن: «جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە نېمىشقا بۇنچىۋالا ئىشىنىسىز؟» دەپ سورىشىڭلارمۇمكىن. گەپنىڭ راستىنى دېسەم، ھازىر پۈتكۈل جاھانغا شۇنداق بىر نەزەر تاشلىسام، پەقەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىدىلا ئۈمىد باردەك قىلىدۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، بۇنى مەن خالىغانچە دەۋالمىدىم، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار، ئەلۋەتتە بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئېھتىماللىق سۈپىتىدە ئېيتىلغان.

بىرىنچىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ھازىرقى دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مىللەت. مەن بۇ خىل ھاياتىي كۈچنى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارايمەن. مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئېغىر دەرىجىدە خورىغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بىرى ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئىككىنچىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ھازىرقى دۇنيادىكى ئۆگىنىشنى ھەممىدىن بەك خالايدىغان مىللەت. بۇ نۇقتا ئىنتايىن ئېنىق. ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا قاراپ باقايلى، پۈتكۈل مىللەتكە قاراپ باقايلى. ئۇلار ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك ھېرىسمەن، بۇمۇ ئاجايىپ بىر ئىش. ھاياتىي كۈچىلا بولسا، ياۋايىلا بولسا ھېساب ئەمەس، چىڭگىزخان ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىرنى سۈپۈرۈپ ئۆتكەنىدى، بىراق ئۇ قالدۇرغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تولىمۇ ئاز بولدى. ئەمما ياۋايى گېرمانلار رىم دۇنياسىغا كەلگەندىن كېيىن، رىمنىڭ مەدەنىيىتىدىن ھەيرانۇ-ھەس قالدى، چۆچۈدى، ئۇلار ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى، گېرمانىيە شائىرى ھېنرى ھېيىننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ياۋايى گېرمانلارنى مەريەم ئانىنىڭ مېھىرلىك سىيماسى بويسۇندۇردى»، يەنى ئۇلار خرىستىيانلاشتى. شۇڭا يالغۇز ياۋايى بولغانغا، جۇشقۇن بولغانغا ئىش پۈتمەيدۇ.

ئۈچىنچىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىكى. كۆپچىلىك بەلكىم ئەجەبلىنىشى مۇمكىن: بىزنىڭ مىللەت كەڭ قورساقمۇ؟ مەن سىلەرگە دەپ بېرەي، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىنتايىن كەڭ قورساق، تولىمۇ كەڭ قورساق، ھازىرقى دۇنيادىكى ھەممىدىن بەك كەڭ قورساق مىللەت. مېنىڭ دەۋاتقىنىم روھىيەت جەھەتتىكى كەڭ قورساقلىق. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى، ئەنگىلىيە پەيلاسوپى رۇسسېل جۇڭگوغا كەلگەن، مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ كىتابتىن بىرنى يازغان، كىتابنىڭ ئىسمى «جۇڭگونىڭ مەسىلىسى (رۇسسېلنىڭ جۇڭگودىكى نۇتۇق خاتىرىلىرى)» ئىدى. كىتابتا رۇسسېل مۇنداق يازىدۇ: «مەن جۇڭگولۇقلارنىڭ شۇ قەدەر كەڭ قورساقلىقىنى بايقىدىم، بۇ خىل كەڭ قورساقلىقنى بىز غەربلىكلەر چۈشىنىپ بولالمايمىز. بىز ئۆزىمىزنى كەڭ قورساق دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە بىز پەقەتلا ئەجداتلىرىمىزدىن ئازراقلا كەڭ قورساق خالاس. بىراق جۇڭگولۇقلار بىلەن سېلىشتۇرساق، بىز بەئەينى كەڭ قورساقلىقنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنمىز.» بۇ يەردىكى كەڭ قورساقلىق روھىيەتكە قارىتىلغان، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. كانت «مەڭگۈلۈك تىنچلىق» ناملىق كىتابتىن بىرنى يازغانىدى، كېيىنكى دەۋرلەردىكى تارىخنىڭ تەرەققىياتى كانتنىڭ تىنچلىق ئىدىيەسىنىڭ پەقەتلا ئەقلىي خىيالپەرەسلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گەرچە بىز كانتنىڭ  ئىدىيەسىگە يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرسەكمۇ، بىراق ھازىرقى دۇنياغا قاراپ باقايلى.  ئۇرۇش، توقۇنۇش، تېررورلۇق...  مېنىڭچە، ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭگونىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە جۇڭگونىڭ پاراسىتى چوقۇم دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر دۇنيا تىنچلىنىشنى خالىسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم جۇڭگونىڭ پاراسىتىدىن بەزىبىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىنسانلار بىر-بىرى بىلەن قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟ 20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك تارىخشۇناس تويېنبىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «كىشىلەر ھازىر بارغانسىرى تېز سۈرئەتتە كوللېكتىپ ئۆلۈۋالىدىغان يولغا قاراپ ماڭماقتا...دۇنيا چوقۇم جۇڭگونىڭ پاراسىتىنى ئۆگىنىش كېرەك. پەلسەپىۋى پاراسىتىنىلا ئەمەس، سىياسىي پاراسىتىنىمۇ ئۆگىنىش زۆرۈر.»  تويېنبى بۇ گەپلەرنى بىكار قىلىپ دېگەن ئەمەس.

ئەلۋەتتە، مېنىڭ يۇقاردا سۆزلىگەنلىرىم پەقەتلا بىر خىل ئېھتىماللىقنى چۈشەندۈرمەكچى خالاس. بۇ خىل ئېھتىماللىق دەيدۇكى، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس يولى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر پاراسەت قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بەلكىم جۇڭخۇامىللەتلىرىنى ئۆزىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدا زامانىۋى ۋە قۇدرەتلىك بىر خەلق سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇپلا قالماستىن، بۇ خىل تىرىشىش، بۇ خىل ئىزدىنىشنىڭ يەنە دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيىتىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇيەردە ھېچقانداق ئىسپاتلاش ياكى دەلىللەش ئېلىپ بېرىلمىدى، مېنىڭ دېگەنلىرىم پەقەتلا بىر خىل مۇمكىنچىلىك؛ مەن بۇنى بىر خىل ۋەزىپە دەپ چۈشەندىم، جۇڭخۇامىللەتلىرىگە بولغان بىر خىل سىناق دەپ چۈشەندىم. بۇ يەردە ھېچنېمە ئالدىن بېكىتىلمىگەن، بىراق تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا، بۇ خىل نىشان، بۇ خىل ئېھتىماللىق بەلكىم بارغانسىرى روشەنلىشىشى، بارغانسىرى مۇستەھكەملىنىشى مۇمكىن.

كۆپچىلىككە رەھمەت.

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

ئىزاھات:

1. ۋاقىت مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئومۇمىي مەزمۇنغا ۋە ئاپتورنىڭ مەقسىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا قىسمەن جايلارنى (كۆپىنچە مىسال قىلىپ سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى) تەرجىمىدە قىسقارتتىم، قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ ئەسلىي مەنبەدىن كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

2. سۆزلەنگەن مەزمۇنلاردىن ۋە تورغا يوللانغان ۋاقىتتىن قارىغاندا 2009-يىلى ياكى 2010-يىلى سۆزلەنگەن نۇتۇق بولسا كېرەك.  

3. مەنبە: chaoxing.com
bagdax

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 20:37:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ  تەرجىمىسى  تولۇمۇ پاساھەتلىق رۋان چىقىپتۇ  مۇشۇ تەرجىمىگە ناھايتى كۆپ ئ‍ەجىر سىڭىپتۇ، ،، تېمىدا ئ‍وتتۇرغا قويۇلغان تەنقىدىي تەپەككۇر پەلسەپەدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ئ‍ىلمىنت ئ‍ىكەن… خۇددى بىلىش قانداق پەيدا  بولىدۇ دېگەن سۇئالغا قايسىدۇر بىر دانىشمەننىڭ ،ھەممە كىشى ھەقىقەت دەپ تۇنىۋاتقان نەرسىگە گۇمان قىلىشتىن باشلىنىدۇ دېگەندەك ناھايتا توغرا كۆرۈنگەندەك قىلغان بىر ئ‍ىدىيەگىمۇ چوقۇم  بىر تەنقىدىي تەپەككۇردا بولۇپ تەجرىبىدىن ئ‍ۆتكەندىن كىيىن ئ‍اندىن توغرا دەپ بىلىش زۆرۈركەن،،نۇتۇق سۆزلىگەن پىرافىسسور يەنە، ئ‍ەمەليەت بىلەن رېئاللىقنىڭ چەك چېگراسىنى ناھايتى ئ‍ۇستاتلىق بىلەن ئ‍ىنچىكە ئ‍ىزاھلاپ چىقىپتۇ، بۇمۇ بىزدىكى سەل قارىلىۋاتقان  تەپەككۇر ھادىسىللىرىنىڭ بىرى ئ‍ىدى…

ئ‍ۇمۇمەن بۇ ئ‍ەسەر تەرجىمىدە بولسۇن ئ‍ىدىيەدىكى ئ‍ىلغارلىقتا بولسۇن مۇۋاپپەقىيەتلىك چىققان ئ‍ەسەركەن…باغداش ئ‍ەپەندىم ئ‍ەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسا ئ‍ۇشبۇ تېمىنى نادىرلەپ قويغان بولسا…

تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىغان قېرىندىشىم مەمتىمىن ئ‍ۇبۇلغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،  كۆڭۈل سۆزۈمنى ئ‍ېيتسام پەلسەپەگە قىززىقىشىمغا سىز سەۋەپچى بولدىڭىز، رەھمەت …

1

تېما

0

دوست

360

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81911
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 23:58:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ؟
قەلەم ھەققى بەرگۈدەك ئەسەركەندۇق. قانچىلىك ۋاقتىڭىز كەتتى بۇنى تەرجىمە قىلىشقا؟

2

تېما

1

دوست

1454

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-3 09:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولدۇم  ،مەن ئالدى بىلەن بىر ئاز ھەزىم قىلىۋىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىنكەس يازاي ،ئاۋۋال تىلماچقا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ،ھەم باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى نادىرلاپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن ،بۇ ئەسەرنىڭ كۆرۈلۈشى 10مىڭدىن ئاشمىسا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ .بىزنى تەپەككۇردىن يىراق ئىكەنمىز دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ بۇ ئەھۋالدا
bagdax

2

تېما

1

دوست

1454

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-3 09:35:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ نىمىنىڭ تەپەككۇر ،نىمىنىڭ پەلسەپە نىكەنلىكىنى،بىلىم بىلەن پاراسەتنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدىم ،تەپەككۇر دەل رىئاللىقنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆگەنگەن بىلگەنلىرىنى ئۆزىگە تەتبىقلاش كىرەك ئىكەن ،پەلسەپەمۇ دەل مۇشۇنداق تەپەككۇردىن ھاسىل بولىدىكەن ،ئۇنداقتا مەن بۇ تىمىدىن بىلگەنلىرىمنى ئۆزۈمگە قانداق تەدبىقلايمەن ؟ مەن ئويلاپ قالدىم بىز نىمىشقا قارۇغۇلارچە باشقا مىللەتلەرنىڭ ،چەتئەللەرنىڭ پەلسەپەلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئەكىرىمىز ،ئەجىبا بىز باشقا بىر قەۋمنىڭ بىز ئۈستىدە قىلغان تەپەككۇر مەسھۇلاتىغا مۇھتاجمۇ ؟پەلسەپە ئەنە شۇ رىئاللىققا چۆككەن ئاساستا تەپەككۇر قىلىشتىن ھاسىل  بولىدۇ ،ئۇنداقتا دۇنيادىكى ھەر قەۋىمنىڭ رىئال ئەھۋالى ئوخشامدۇ ؟ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە !ئەمسە بىزنىڭ پەلسەپەرىمىزنى يىزىشقا تىگىشلىك كىشى كىم ؟ ئەلۋەتتە ئۆزىمىز !بىزدىن نىمىشقا پەلسەپە ئالىملىرى چىقمايدۇ ھازىر ؟چۈنكى پەلسەپەنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ئالدىنقى شەرت بولغان تەپەككۇر بىزدە يوق .بىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك يەنە نۇرغۇن پەلسەپە ئالىمىلىرى بولغان لىكىن بىز يىقىنقى ئۈچ ئەسىتدىن بويان تەپەككۇر قىلماپتۇق ،قىنرىنداشلار بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ  بولدۇق ،مىنىڭچە تەپەككۇرنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتتۇق ،بىزمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىشىمىز كىرەك ،خۇددى مۇشۇ ئاپتور جوڭخۇۋا مىللىتىنى چاقىرغانغا ئوخشاش !

79

تېما

40

دوست

11 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 31207
توردىكى ۋاقتى: 10487
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-3 09:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەن نېمە؟ ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەنلىك ئالدىنقى شەرتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئىدىيەنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.»

ـــــــــــــ كانىت

ــــــــــــــــــ

ئۇچۇر مىقدارى مول ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز،تەشەككۈر.

11

تېما

0

دوست

5687

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64372
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 1701
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-3 09:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەمتىمىن ئوبۇل ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ماھارىتىگە ئاپىرىن. تەرجىمە ئەسلىي ئەسەر خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغاندەكلا چىقىپتۇ.
     پەلسەپە دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەلىمات، يەنى كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا توغرىسىدىكى تۈپ قارىشىنىڭ يىغىنچاق ئىنكاسى. پەلسەپە بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بولۇپ، ئۈستقۇرۇلمىغا مەسۇپ، ئۇ مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پەلسەپەدىكى تۈپ مەسىلە تەپەككۇرنىڭ مەۋجۇدىيەتكە، روھنىڭ ماددىغا بولغان مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
     تەپەككۇر بولسا ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ۋاسىتىلىك، يىغىنچاقلىق ئىنكاسى، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۇقۇم، ھۆكۈم، ىۇلاسە قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئەكس ئەتتۈرگۈچى پائالىيەتچان جەريان. تەپەككۇر مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، مېڭە تەپەككۇر قىلىدىغان ئەزا.

2

تېما

1

دوست

1454

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-3 10:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەھىي ۋە
ئۈمد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )