مۇقەددىمە مۇقام ئايتىش، سەنئەتنىڭ پىشقان جەۋھەرىدۇر، ئۇنى ئاڭلاش ھەر بىر كىشىنىڭ ئىختىيارىدۇر. مۇقامدا ئەكىس ئەتكەنى خەلق، زامان رىيالىدۇر، ئۈمۈدنى يورۇتقانى، ئۇنىڭ ئون ئىككى نۇرىدۇر.
مۇقامنىڭ ئون ئىككى نۇرى ئاڭلاساڭ گەر، راك مۇقام كۈيلەرىنى تاپارسەن دەرت-پىغانغا داۋا شىپالىقنى. ئاڭلاساڭ ئەگەر، چەبىيات مۇقامىنى ساغىنارسەن گۈزەل سىما ھەمدە جۇلانى.
ئاڭلاساڭ گەر، مۇشاۋىرەك نەغمەسىنى، تاپارسەن نەق مۇڭداشقان چىن كۆڭۈلنى، ئاڭلاساڭ ئەگەر، چارىگاھ بەزمەسىنى ، كۆرەرسەن ئەركىن گۈزەل ھايات سىماسىنى.
ئاڭلاساڭ ئەگەر، پەنجىگاھ مەشرەپىنى، تاپارسەن ھۆرلۈك، روھلۇق ئاشىق داۋاسىنى. ئاڭلاساڭ گەر، ئۆزھال مۇقام مەرغۇلىنى، بىلەرسەن ھال-مۇڭنىڭ، يۈرەكنىڭ نىداسىنى.
ئاڭلاساڭ ئەگەر، ئەجەمنىڭ پەشرۇسىنى، بىلەرسەن دەرتنىڭ يات، ياۋا، غەيرىسىنى. ئاڭلاساڭ ئەگەر، ئوشاقنىڭ داستانىنى ، تاپارسەن جاننىڭ ئاشىقى ھەم پىدائىنى.
ئاڭلاساڭ ئەگەر، بايات سەلىقەسىنى ، كۆرەرسەن ئۆتكەن كۈننىڭ ھېجران ياراسىنى. ئاڭلاساڭ گەر، نەۋانىڭ نۇسخەسىنى، تاپارسەن جاسارەتنى ھەمدە كۈچ-قۇدرەتنى.
ئاڭلاساڭ گەر، سىگاھنىڭ نەغمەسىنى، بىلەرسەن غەپلەت قازاسىدىن ئۇيغانىشنى. ئاڭلاساڭ ئەگەر، ئىراقنىڭ كۈيلەرىنى ، كۆرەرسەن قىرغاققا تەلپۈنگەن مەۋجەسىنى.
خاتىمە ھەر كىشىنىڭ ئېھتىياجى بار ئىككى نەرسەگە، تەشناكى بىر روھقا، يەنە بىرىدۇر جىسىمگە. مۇقامدىن تاپقاي روھىمىز تەسەللى، ئىلھامى ئوزۇق، ئىلىم روھىدىن تاپقاي كىشى جىسىمدىن جىسمانى ئوزۇق.
مەن بىر ئۆگەنگۈچى، مەزگۇر شىئېرنى سىناق تەرىقىسىدە يازىپ باقتىم. بولامدۇ-يوق بىلمەدىم. شائىر بۇرادەرلەرنىڭ كۆرسەتمەسىگە مۇھتاجمەن. |