سىز بەلكىم مۇنداق بىر ئەھۋالغا يولۇققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. يېڭىدىن سېتىۋالغان خاتىرە كومپيۇتېر بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، قوزغىلىش ۋە تورغا چىقىش سۈرئىتى ئاستىلا قالىدۇ. نېمىشقا بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
(Ubuntu مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۈستەل يۈزى)
ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان PC كومپيۇتېرنى مىسالغا ئېلىپ، Windows سېستىمىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرقانچە سەۋەبنى ۋە ھۆججەت پارچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرۈپ باقايلى. كومپيۇتېر ماگنىت دىسكىسىدىكى ھۆججەتلەر قايتا-قايتا يېزىلىش، كۆچۈرۈلۈش، ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دىسكا ئىچىدە چېچىلغان ھالەتتە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوخشاش بىر ھۆججەتنىڭ ئوخشاشمىغان بۆلەكلىرى ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا ساقلىنىپ قالىدۇ. ھەربىر ئورۇندا پەقەت كىچىك بىر بۆلىكى ساقلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كومپيۇتېرنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇ خۇددى يېڭى سېتىۋالغان ئۆينىڭ ئازادە بولغانلىقى ئۈچۈن نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئاسان بولسا، نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆي ئىچىگە ھەر خىل ئۆي جاھازىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىق سەۋەبلىك ئۆي ئىچى ناھايىتى قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئادەتتە دائىم رەتلەپ تۇرمىسا، نەرسىلەرنى تاپماق ناھايىتى تەسلىشىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم پىروگراممىلارنى قاچىلىغان ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئۇنى قوزغىتىش تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا، ئاپتوماتىك ھالدا بۇ پىروگراممىنىمۇ قوزغىتىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوزغىتىش تۈرى كۆپ بولۇپ كەتسە، كومپيۇتېر نۇرغۇن ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ شۇ پىروگراممىلارنى يۈكلەيدۇ. كومپيۇتېر ۋىروسنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش ۋە خىزمەت قىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ. بەزى ۋاقىتلاردا كومپيۇتېر ياغاچ ئات ۋىروسى ۋە باشقا ۋىرۇس پروگراممىلىرى بىلەن يۇقۇملىنىپ، كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنى ئىگىلىۋالىدۇ. بەزىلىرى CPU نى ئالدىراش ھالەتكە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. يەنە بەزىلىرى نۇرغۇن تور لىنىيەسىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇلار قىممەتلىك سېستىما مەنبەسىنى خورىتىپ پىروگراممىنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كومپيۇتېر سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدىغان سەۋەبلەر نۇرغۇن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەنسېرى ئاستىلاپ كېتىشى «ئىنزوپىيە»نىڭ ئارتىش قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدۇ. كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا، پىروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارتۇقچە كۆپىيىشى ۋە يۆتكىلىشى دائىم بىر پۈتۈن كومپيۇتېر گەۋدىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. ھەتتا ئارتۇقچە مۇرەككەپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېستىمىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا دائىم ئاسراپ تۇرۇش كېرەك. يەنى سېستىمىغا «مەنپىي ئىنتىروپىيە»نى كىرگۈزۈش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. شۇڭا بىز ئارىلاپ-ئارىلاپ ماگىنىتلىق دىسكىنى رەتلەپ تۇرۇشىمىز، لازىم بولمايدىغان پىروگراممىلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىمىز، مۇۋاپىق ۋىروس تازىلايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، كومپيۇتېرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇشىمىز لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتمەيدۇ.
مەنبە:«يۈزمىڭلىغان نېمەئۈچۈن»دىن ئېلىندى.
|