- تىزىملاتقان
- 2016-6-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3218
- نادىر
- 0
- يازما
- 360
ئۆسۈش
40.6%
|
نېمە؟؟ يەھۇدىلار،روسلار،ياپونلار،نېمىسلار،فرانسۇزلار يەنە نۇرغۇن مىللەتلەر ھاراق
ئىچىشنى كۈندىلىك ئادىتى ياكى بايرىمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلغان. ھەم شانلىق،
يۈكسەك ھاراق مەدەنىيىتىنى ياراتقان. بىز نېمىشقا ئىچمە دەپ توۋلايمىز؟؟ دۇنياغا
قارشى مۇقام تۇتۇپ؟؟ خەق توي مۇراسىمىدا قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ تەنتەنە قىلىدىكەن،
بىز نېمىشقا ئۇلاردەك ئىلغار بولالماي ئىچمە دەپ مەتۇ،خۇراپىيلاردەك ئىش تۇتىمىز؟؟
ئىچەيلى،سۈپىتى ئېسىل،داڭلىق ماركىلىق ھاراقنى ئىچسەك بولىدىغۇ؟؟؟
ھاراق ئىچسە ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ.پەقەت ئوبدان ئېچىتىلغان سورتلۇق ئالاھىدە
ھاراقنى تاللىماي نەدىكى ساختا،سۇ ئارىلاشتۇرغان سۈپەتسىز ھاراقنى تاللىغاچقا
سالامەتلىكتىن چىقىۋاتقان مەسىلە!!
ئالىي سۈپەتلىك ھاراقنى ھەر قېتىمدا ئاز-ئازدىن ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ بەرسە تەنگە ئالامەت
قۇۋۋەت قىلىپ،ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگۈزىدۇ.
نېمە ئۇ ئىچمە دېگەن؟؟
جىق ئىچمە،نورمال،ئاز ھەم ساز ئىچ، دۇنيانىڭ لەززىتى ھاراقتا، تەمى
خۇش ھىدى كۆتۈرۈلمەس ئەستىن.
ھاراق تۈلكىنى شىر، پوچىنى پەھلىۋان قىلىدىغان بىباھا گۆھەر،
جاننىڭ ئوزۇقى،روھنىڭ ئارامى.
بىلەلمەيۋاتىسىلەر زادى قەدرىنى،
ھاراقنى خارلىساڭ ھامىنى پۇشايمىنىنى تارتىپ قالىسەن. |
|