قانچە قىلساق ئازكىلەر ئانا ئەجرىگە، قايتۇرۇپمۇ بارالمايسەن ياشلىق پەسلىگە، يەتكۈزۈپمۇ بولالمايسەن گۈلدەك پەسلىگە، ئۈمىدىنى ئاقلىۋال ھايات تەخىدە.
بالام دەپ ھەردائىم كۈزۈڭگەقاراپ، چوڭ قىلدى ئارزۇلاپ،ئاسىراپ ـ ئاۋايلاپ، بۈشىگىڭدىن ئايرىغان تىگىڭ ئادالاپ، كىتىپ قالسا يىغلارسەن بىشىڭ قامانلاپ،
دەرمان بولغىن ھەردائىم ئۇنىڭ دەردىگە، ئۈمىدىنى ئاقلىغىن قىلغان ئەجرىگە، ھاياتلىقتا يىتىۋال ئۇنىڭ قەدرىگە، ئەمدى ئازار بەرمىگىن مەزلۇم قەلبىگە.
ۋاختىدا قەدرىگەيەت خىزمىتىنى قىل، ئۇلارنىمۇ ئەپكىتەر بۇ رەھىمسىز يىل، خاپاقىلما ھەر دائىم بولسۇن خۇش كۆڭۈل، سەن ئاناڭنى بۇ دۇنيادا پەرىشتەدەپ بىل،
تارتقان جاپاسى ئازئەمەس بىزلەرنى دەپ، قورۇق ئۇستىگەقورۇق چۈشكەن غېمىمىزنى يەپ، ئانىلارنى ماختىساق بولماس قۇرۇق گەپ، ئۇلار ئاتىغان بارلىغىنى پەرزەنتىمگەدەپ.
ئەشۇ مەزلۇم كۆڭلىگەئازاريەتمىسۇن، شۇ مۇلايىم كۆزىدىن نۇرلار ئۆچمىسۇن، تەبەسسۇمغاچۆمسۇن يانا كۈلكە كۆچمىسۇن، رازى بولسۇن ئۇلار،قاخشاپ ئۆتمسۇن.
بارچە ئانا ياشىسۇن،ياشنىسۇن مەڭگۈ، ئانىلارغا ئۆچمىسۇن قەلبىڭدە سۆيگۈ، ئىنساپ بەرسۇن بارچەپەرزەنىت كۆڭلىگە، ۋاپادارلىق يەتكۈزىڭلار ئانائەجرىگە. |