قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1644|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەركىزىي بانكىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا قەغەز پۇل يوقىلىپ كېتىدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

959

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48932
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-18 19:39:33 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئامېرىكا چوڭ سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۇدا چۈشۈشكە باشلىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قانداق قىلىپ بايلىقى ئازلاپ كېتىشتىن ساقلىنىشنىڭ غېمىنى يەۋاتقاندا، مەركىزىي بانكا مۇھىم ئۇچۇردىن بىرنى ئېلان قىلدى، سىزنىڭ پۇلىڭىز بەلكىم خەتەر ئىچىدە قالغان بولۇشى مۇمكىن!؟مەركىزىي بانكا مۇھىم ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى، كەلگۈسىدە قەغەز پۇل يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن؟

     «ئون يىلدىن كېيىن نەق پۇل مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن». يېقىندا گېرمانىيە بانكىسىنىڭ بىرلەشمە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون كىرېن داۋوستا يۇقىرىدىكىدەك پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يېقىنقى مەزگىلدە خەلق بانكىسىنىڭ رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى قىزغىن مۇنازىرە كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەر قايسى ساھەدىكىلەر بەس-بەستە مەركىزىي بانكىسىنىڭ رەقەملىك پۇلىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشتى.

      11-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە مەركىزىي بانكىنىڭ قارمىقىدىكى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنى تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياۋ چيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەركىزىي بانكا تارقاتماقچى بولغان رەقەملىك پۇل  ئاساسلىقى نەق پۇلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئەنئەنىۋى قەغەز پۇلنى تارقىتىش، ئوبوروت قىلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىساد سودا پائالىيىتىنىڭ قولايلىقى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

     ئەمما جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، پۇل مىقدارى چوڭ، كىچىك دۆلەتلەر بىر ئەۋلاد پۇلنى ئالماشتۇرۇشقا نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلسا، جۇڭگوغا تەخمىنەن 10 يىلچە ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە رەقەملىك پۇل بىلەن قەغەز پۇل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ بىللە ئوبوروت قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالار كەلگۈسىدە بانكىدىن پۇل ئالغان ۋاقتىدا نەق پۇلغا ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ، رەقەملىك پۇلغا ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

    ئۇنداقتا بەزىلەر رەقەملىك پۇل بىلەن ئەلى چىقىمدانى، ئۈندىداردا چىقىم قىلىشقا ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار دەپ سورىشى مۇمكىن.

     ئەلى چىقىمدانى قاتارلىقلار پەقەت ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش شەكلى بولۇپ، سودا قىلغان ۋاقتىدا ئىشلەتكەن پۇلنىڭ ھەممىسى بانكا ھېساباتىدىن كېلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەلى چىقىمدانىدىكى پۇل ئەمەلىيەتتە پارچە پارچە قەغەز پۇلغا توغرا كېلىدۇ، ئەمما رەقەملىك پۇل ئايرىم بىر خىل پۇل.  رەقەملىك پۇلنى ئەمەلىيەتتىكى ئىشلىتىش تۇيغۇسى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش تۇيغۇسى بىلەن ئوخشىشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئىككىسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتە يەنىلا بىر قەدەر چوڭ پەرقى بار.

     ئۇنىڭدىن باشقا رەقەملىك پۇل بىلەن مەۋھۇم پۇلمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن كۆپچىلىككە تونۇش بولغان QQ پۇلى ۋە ھەر خىل ئويۇنلاردا قاچىلايدىغان پۇللار مەۋھۇم پۇل. بۇنداق مەۋھۇم پۇلنى پەقەت ھەقىقىي پۇل ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەقىقىي پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.

     پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ داڭقى چىققان رەقەملىك پۇل بەلكىم «بىت پۇلى» (BitCoin) بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «لىت پۇلى» (Litcoin)، دوگى پۇلى (Dogecoin) ۋە دۆلىتىمىز خەلق ئارىسىدىكى «يۈەنباۋ پۇلى» قاتارلىقلار بار.

     ئەمما بۇنداق رەقەملىك پۇللار مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلمىغان بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم ياساشقا قاتنىشالايدۇ ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا ئوبوروت قىلىنىدۇ. ئەمما مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇلىنى مەركىزى بانكا تارقىتىپ، شىفىرلاشتۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىناۋىتى تىرەپ تۇرغان قانۇنلۇق پۇلغا ئايلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە قانۇنلۇق رەقەملىك پۇلنىڭ ئەسلى قېلىپ سىستېمىسى تەتقىق قىلىنىۋاتقان، جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق رەقەملىك پۇلى قايسى ۋاقىتتا  ئېلان قىلىنىشقا قارىتا ھازىر ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى يوق ئىكەن.

     قولىمىزدىكى پۇلنىڭ قىممىتى ئازلاپ كېتەمدۇ؟

     رەقەملىك پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن پۇل ئوبوروت مىقدارىنى ئۆزگەرتىۋېتەمدۇ؟

     ئۇنداقتا قولىمىزدىكى پۇلنىڭ قىممىتى پۇلنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى سەۋەبىدىن ئازلاپ كېتەمدۇ؟

     بۇنىڭغا قارىتا مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل-مۇئامىلە قانۇنى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەقەملىك پۇل ئاساسلىقى پۇلنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. پۇلنىڭ تارقىتىلىش كۆلىمىنى يەنىلا مەركىزىي بانكا كونترول قىلىدىكەن، قەغەز پۇل تارقىتىش ياكى رەقەملىك پۇل تارقىتىش پەقەت شەكىلنىڭ ئۆزگىرىشى ئىكەن.

     ئۇنىڭدىن باشقا خۇاڭ جېننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر رەقەملىك پۇل تارقىتىش تېخى مۇزاكىرە قىلىپ ئىزدىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ بىر خىل پۇل قىممىتى بەلگىسىدە يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈمى ئىكەن، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر يەنىلا تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدا ئىكەن. ئەمما كىشىلەر ئەمەلىيەت جەريانىدا بارغانسېرى ئېلېكتىرونلۇق بانكا، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، قەغەز پۇل ئېلىپ يۈرۈشنى خالىمايدىكەن. بۇنداق يۈزلىنىشتە بۇنىڭدىن كېيىن بازاردا ئوبوروت قىلىنىدىغان قەغەز پۇل بارغانسېرى ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

     تۇرمۇشىڭىز تەلتۆكۈس ئۆزگىرىدىغان بولدى، بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر ئولتۇرالماي قالدى

     چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادى دىپلوماتىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خې ماۋچۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەغەز پۇلغا سېلىشتۇرغاندا، رەقەملىك پۇلنىڭ ئەۋزەللىكىنى روشەن بولۇپ، تارقىتىلىش، ئوبوروت قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەننەرخنى تېجەپ قالماستىن يەنە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد سودا پائالىيىتىنىڭ قولايلىقى ۋە ئاشكارىلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ئەمما تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كىشىلەر ئولتۇرالماي قالدى.

     بانكا پىركازچىكى

     رەقەملىك پۇل دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان نەق پۇل بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، ئۇنداق بولغانىكەن بانكىغا بېرىپ ئىش بېجىرىدىغانلارمۇ تەبىئىيلا ئازلايدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نەق پۇل كەسپىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پوكەي خادىملىرىمۇ ئۇنداق كۆپ بولمايدۇ.

     پۇل بېسىش زاۋۇتى ۋە تەڭگە پۇل ياساش زاۋۇتى خادىملىرى

     بازاردا ئوبوروت قىلىنىدىغان نەق پۇلنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، پۇل بېسىش زاۋۇتى ۋە تەڭگە پۇل ياساش زاۋۇتىمۇ ئۇنداق كۆپ پۇل بېسىشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ.
باج ئوغرىلايدىغان، باج تاپشۇرمايدىغانلار

     ئىقتىساد سودا پائالىيىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۇل يۇيۇش، باجدىن قېچىش، باج تاپشۇرماسلىق قىلمىشلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ.

     مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
bagdax

0

تېما

0

دوست

1176

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  71009
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-26
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-18 23:21:15 |ئايرىم كۆرۈش
پۇلىنىڭ كۇرسى چۇشتىما بىز ھېس قىلمىدۇق ، بۇنى يەنىلا بايلا قىلىدىغان غەمكەن

0

تېما

1

دوست

626

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77139
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-22
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-19 00:12:07 |ئايرىم كۆرۈش
تەڭگە پۇل بىلەن قەغەز پۇلنىغۇ ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما مەن تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇغان بولساممۇ رەقەملىك پۇلنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى تېمىدا سۆزلەنگەن تۆۋەندىكى قۇرلار مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

ئەلى چىقىمدانى قاتارلىقلار پەقەت ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش شەكلى بولۇپ، سودا قىلغان ۋاقتىدا ئىشلەتكەن پۇلنىڭ ھەممىسى بانكا ھېساباتىدىن كېلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەلى چىقىمدانىدىكى پۇل ئەمەلىيەتتە پارچە پارچە قەغەز پۇلغا توغرا كېلىدۇ، ئەمما رەقەملىك پۇل ئايرىم بىر خىل پۇل.  رەقەملىك پۇلنى ئەمەلىيەتتىكى ئىشلىتىش تۇيغۇسى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش تۇيغۇسى بىلەن ئوخشىشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئىككىسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتە يەنىلا بىر قەدەر چوڭ پەرقى بار.

خوجە

0

تېما

12

دوست

6524

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1907
توردىكى ۋاقتى: 516
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-19 02:24:30 |ئايرىم كۆرۈش
خاككىرلار  باي  بوپ كەتكۇدەك، خىيانەتچىلەرنىڭ كۇنى تەس بولغۇدەك .
bagdax

6

تېما

0

دوست

682

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82832
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-19 08:14:12 |ئايرىم كۆرۈش
تىزراق يوقاتسا بولتى بۇ پاسكىنا پۇللارنى

6

تېما

0

دوست

682

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82832
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-19 08:15:29 |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

807

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79507
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-19 11:30:46 |ئايرىم كۆرۈش
ئىشەكتەك ئىشلەپ نەق پۇلنى كۇرمەي ، رەقەملىك پۇلنى كۇرسە ئادەمنىڭ ھاردىغى چىقمايدۇ. بايلار ئالتۇنى يىغىدۇ، قۇللار ئىشەكلەر  رەقەملىك پۇلنى يىغىدۇ.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )